قورساققا سۇ چۈشۈش

قورساققا سۇ چۈشۈش

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قورساق پەردە بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈپ، كلىنىكىدا قورساق كۆپۈش، قورساقنى چەككەندە بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش، قورساق بوشلۇقىدا سۇيۇقلۇق تەۋرىنىش سېزىمى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۇيغۇر تېبابىتى ھازىر بۇ كېسەللىك قورساققا سۇ چۈشۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەردە (ئىستىقائى زىققى) دېيىلىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى قورساققا سۇ چۈشۈش
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 腹水
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 جىگەر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن

قورساققا سۇ چۈشۈشجىگەر قېتىش، بىرلەمچى جىگەر راكى قاتارلىقلارنىڭ دەرۋازا ۋېنانى بېسىپ دەرۋازا ۋېنا قان ئېقىمىغا توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن قورساق بوشلۇقىدىكى ۋېنالارنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ، قان تومۇرلارنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ، قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار قورساق بوشلۇقىغا كۆپلەپ سىرغىپ چىقىپ، قورساققا سۇ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن 

رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسەللىكلىرى، تارىيىشلىك يۈرەك قېلىپ ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر تەسىرىدىن يۈرەكنىڭ نورمالنى قان سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تۆۋەنكى كاۋاك ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قورساق بوشلۇقىدىكى ۋېنالارنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ، قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار كۆپلەپ قورساق بوشلۇقىغا سىرغىپ چىقىپ، قورساققا سۇ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن

ەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.سوزۇلما بۆرەك ياللۇغىدا بۆرەكنىڭ نورمالنى سۈيدۈك چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ سۇ ۋە ناترىينىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن قان بېسىمى يۇقىرىلاپ، قان تومۇرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئېشىپ كېتىپ، قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار كۆپلەپ قورساق بوشلۇقىغا سىرغىپ چىقىپ، قورساققا سۇ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 قورساق پەردە ياللۇغى تەسىرىدىن 

قورساق پەردە ياللۇغى بولۇپمۇ سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇندا ھاسىل بولغان ياللۇغلۇق سىغىرغىتما ماددىلار قورساق بوشلۇقىغا سىرغىپ چۈشۈپ، قورساققا سۇ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قورساق كۆپىدۇ، چېكىپ تەكشۈرگەندە بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، قورساقنىڭ بىر تەرىپىگە بىر ئالىقاننى قويۇپ، يەنە بىر تەرىپىگە ئالىقان بىلەن يەڭگىل ئۇرغاندا، قولغا سۇيۇقلۇق تەۋرىنىش سېزىمى بىلىنىدۇ، بىمارنى يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈپ، قورسىقىنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە سۇيۇقلۇقنىڭ ئاققانلىقى مەلۇم بولىدۇ. قايسى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل سەۋەبكە ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. سىل خاراكتېرلىك قورساق پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، چۈشتىن كېيىن قىزىش، ئوغرى تەرلەش قاتارلىق سىلدىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

2. يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا يۈرەك چالاڭغۇراش، دەم سىقىلىش، قان تۆكۈرۈش قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

3. جىگەر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا جىگەر چوڭىيىش، سېرىقلىق چۈشۈش، كەمقانلىق، ئۆمۈچۈك تورسىمان مەڭ جىگەرلىك ئالىقان شەكىللىنىش بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

4. بۆرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا سۈيدۈكتىن ئاقسىل، سىلىندىر، قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قورساق كۆپۈش، قورساقنى چېكىپ تەكشۈرگەندە بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش، قورساقنىڭ بىر تەرىپىگە ئالىقاننى قويۇپ، يەنە بىر تەرىپىگە ئالىقان بىلەن يەڭگىل ئۇرغاندا، قولغا سۇيۇقلۇق تەۋرىنىش سېزىمى بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، قورساق پەردە كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

1. قورساققا يەل يىغىلىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قورساققا يەل يىغىلىشتا قورساقنى چېكىپ تەكشۈرگەندە ئوچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىدىكى چەكلىك، ماددىسى يۇمشاق بولغان مونەكچە قولغا ئۇرۇنۇش، قورساقنى چېكىپ، تەكشۈرگەندە چەكلىك دائىرىدىكى بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىش، بوغۇق تاۋۇش بەدەن قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئىچكى ئەزالاردىكى ئۆسمىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئىچكى ئەزالاردىكى ئۆسمىلەردە چەكلىك دائىرىدىكى ماددىسى قاتتىقراق بولغان مونەكچە قولغا ئۇرۇنۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قورساققا سۇ چۈشۈش1. قايسى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قورساق سۈيىنى يوقىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. رەئىس ئەزالار، بۆرەكنى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قورساق سۈيىنى يوقىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

كاسىنە، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى 15 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنىڭ شىرىسىنى چىقىرىپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا  20 مىللىلىتىرنى 30 مىللىلىتىر سىركەنجىۋىل ساددە بىلەن قوشۇپ ئېچىشكە بېرىلىدۇ.

سېرىق ھېلىلە پوستى، ئاق تۇربۇت 25گرامدىن، پىلپىل 15 گرام، مازارىيون 25 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۇن تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا تۆت گرامغا تۆگە سۈتىدىن 60 مىللىلىتىر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئۈچ گرام شەھمەنزەل مۇۋاپىق مىقدردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

10 گرام ئاسارۇننى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

قەسبۇززەرىرە، كەرەپشە ئۇرۇقى بەش گرامدىن، ئەنجۈر تۆت دانە ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

تۆت گرام رەۋەننى قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بىخ كەبىر، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان 45 گرامدىن، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، بەدىيان يىلتىزى 100 گرامدىن، ئەنجۈر 150 گرام، قۇرۇق ئۈزۈم 80 گرام، سۇ بەش لىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە ئەرەق تارتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەرقېتىمدا 30 مىللىلىتىرىدن، تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان ھەببى رەۋەن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بۇزۇرى شەربىتى نۇسخىسى

بىنەپشە، نېلۇپەر، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 10 گرامدىن، قىزىلگۈل، ئارپىبەدىيان، كەرەپشە يىلتىزى، بىخ كەبىر، سېرىقئوت 15 گرامدىن، تەمرى ھىندى، سېرىقئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 20 گرامدىن، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى 30 گرامدىن، زىغىر 60 گرام، شېكەر 300 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ھەببى رەۋەن نۇسخىسى

رەۋەن، مۇقەل يەتتە گرامدىن، غارىقۇن، رۇم بەدىيان بەش گرامدىن، تۇربۇت 10 گرام، زىراۋەندە توققۇز گرام ئېلىپ، ئەرقى بەدىيان بىلەن يۇغۇرۇپ، قائىدە بويىچە ھەب تەييارلىنىدۇ.

رەئىس ئەزالارنى، بۆرەكنى ۋە  ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتدىە خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھى ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مەجۇنى ئامىلە نۆشىدارى كۈندە ئىككى قېتىمدىن، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرادمىن، مەجۇنى دەبدىل ۋەرىد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، لۇبوبى كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان، سىڭىشلىك مىقدارى ئاز، ئەمما قۇۋۋىتى كۆپ بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى، سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىتن، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، سۇيۇقلۇقلارنى ئازراق ئىستېمال قىلىش، تۇزسىز تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=833

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#