يايلاق يىپەك يولى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يايلاق يىپەك يولى ياكى بوزقىر يىپەك يولى ئۆتمۈشتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىدىكى سەددىچىن سېپىلى نىڭ شىمالىدا، موڭغۇل ئېگىزلىكى، ئورتا غەربي ئاسىيانىڭ شىمالى، جەنۇبىي رۇسىيە بوزقىرلىرىدىن ئۆتۈپ غەربتە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان سودا-تىجارەت يولىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ گۈزەرگاھ ئۈستىدە ئوترار، تالاس، توقماق قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەر بار.
يايلاق يىپەك يولى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىلا يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇيسۇن تۇپراقلىرىدىن موڭغۇل ئېگىزلىكىگە تۇتاشقانلىقى ھەققىدە تارىخى خاتىرەلەر بار. تاڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر يولى دەپ ئاتالغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ ياڭشەن بىلەن يىنشەننىڭ جەنۇبىدىكى سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، يۈنجوڭ، دىڭشياڭ، يامۇل ئايماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېنەن رايونىدىكى زامانىسىدا يېڭى چىن دەپ ئاتالغان قۇرۇلنىڭ سىرتىغا ئۆتۈپ، موڭغۇل دالاسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىن ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيانىڭ شىمالىنى بويلاپ داۋام قىلىدۇ، جەنۇبىي ئورۇس يايلاقلىرىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ يول ئۈستىدىكى مۇھىم شەھەرلەردىن ئوردۇ بالىق، ئوترار، تالاس، تاراز، سۇياب، بەشبالىق (قەدىمدە كۇشان)، فېڭجۇ (چىن دەۋرىدە جيۇيۈەن ئايماغى) قاتارلىقلار بار ئىدى.
ھۇنلار ۋە ئۇلاردىن سوڭرەكى سىيانپىيلار، ئوخانلار، رورانلار، ئاقھۇنلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، يۆبەنلەر، زۇبۇلار، تاتارلار، تايجىيۇدلار، مەركىتلەر، نايمانلار، كەرەيلەر، ئونغۇتلار، موڭغۇللار، سوغدىلار، ئۇيسۇنلار، ياۋچىلار، قاسارلار، ئالانلار قاتارلىق خەلقلەر بۇ يايلاقلاردا ياشاپ ئۆتكەن. ئۆڭلۈك سۆيگۈن توپلىڭىدىن سوڭرە، لۇڭيوۋ ئۆلكىسىدىكى ئايماقلار 758 __ 776 يىللار ئارىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۈبۈتلەرنىڭ قولىغا تۈشۈپ كەتتى. يىپەك يولى تۈبۈتلەرنىڭ كونترولى ئاستىغا تۈزۈپ قالدى. تاڭ سۇلالىسى مەجبۇرىي ھالدا يايلاق يىپەك يولىدىن پايدىلىنىپ قۇرىغار بىلەن ئالاقە باغلايدىغان بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.