ياۋا تاشئالما
ياۋا تاشئالما ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تەڭرىتاغ باغلىرىدا ، بولۇپمۇ ئىلى تاغلىرىدا ياۋا ھالەتتە ئۆسىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دەرىخى
ياۋا تاشئالماياۋا تاشئالما ياغاچ غوللۇق دەرەخ بولۇپ ، ئېگىزلىكى10 -14 مېتىر ، دەرەخ تاجىسى كەڭ ، يۇمىلاق ، يۇمران شاخلىرى ئىنىچكە يۇمران، سىلىندىرسىمان ، تۈكسىز ، تاقىر ، قىزغۇچ قارامتۇل ، كونا شاخلىرى قېنىق قوڭۇر قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ ؛ قىشلىق بىخى تۇخۇم شەكىللىك، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان شەكىلدە، قىزغۇچ قارامتۇل . يوپۇرمىقى ئېللىپس ياكى تۇخۇم شەكىللىك ، ئۇزۇن 3-8 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2 - 3.5 سانتىمىتېر ، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تار، قۇيرۇقسىمان ئۇچلۇق ، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكىللىك ، گىرۋەكلىرى ئىنچىكە ئۇچلۇق ھەرە چىشسىمان ، يۇمران ۋاقتىدا سەل تۈكلۈك قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن 2-5 سانتىمېتىر، ھەمراھ يوپۇرمىقى نېپىز ، تىمىنە شەكىللىك ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3 مىللىمىتىر ، پۈتۈن گىرۋەكلىك.
چېچىكى
ياۋا تاشئالمىنىڭ كۈنلۈكسىمان گۈل چېچىكى رېتىدە 6 تال گۈلى بار، ئۇمۇمىي ساپىقى يوق ، كىچىك شاخ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ ، دىئامېتىرى 5-7 سانتىمېتىر؛ گۈل سېپى ئىنچىكە ئۇزۇن ، 1.5 - 4 سانتىمېتىر ، تۈكسىز ، تاقىر ، يىپسىمان تېمىنە شەكىللىككىچە ، گۈلىنىڭ دىئامىتىرى 3 - 3.5 سانتىمىتىر ؛ كاسا نەيچىسى سىرتتا تۈكسىز بولىدۇ ؛ خەنجەر شەكىللىك گۈل كاسسا ياپرىقى ، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارايغان تولۇق گىرۋەكلىك ، ئۇزۇنلىقى 5-7 مىللىمېتىر، سىرتى تۈكسىز ، ئىچكى يۈزى تىۋىت تۈكچىلىرى بىلەن قاپلانغان، ئۇزۇن گۈل كاسا نەيچىسى ، گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 2 - 2.5 سانتىمىتىر ، ئالدى ئۇچى يۇمۇلاق كېلىدۇ ، تۈۋى قىسمىدا قىسقا پەنجىلىك ، ئاق رەڭلىك.
مېۋىسى
ياۋا تاشئالماياۋا تاشئالمىنىڭ مېۋىسى يۇملاق ، دىيامىتىرى 8-10 مىللىمېتىر، قىزىل ياكى سېرىق رەڭلىك، مېۋە ساپىقى ئۇزۇن 3-4 سانتىمېتىر ، 4-6-ئايلار چېچەكلەش مەزگىلى، 9-10-ئايلار مېۋىلەش مەزگىلى. ئۇرۇق چىقىش نىسبىتى % 4.4 ، ئۇرۇقى كىچىك ، مىڭ تال ئۇرۇق ئېغىرلىقى 6.7 گىرام ، ھەر كىلوگرام ئۇرۇقى 14 - 150 مىڭ تال ئۇرۇق بولىدۇ. مېۋە دانىسى ئۇششاق ، رەڭگى سېرىق ، كۈن تەگكەن تەرىپى قىزىرىدۇ . تەمى چۈچۈمەل ، مېۋىسىدىن مۇراببا ياسىسا بولىدۇ .
ياۋا تاشئالما تاغ باغرىدىكى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماندا ۋە تاغ جىلغىسى، چاتقاللىق ئىچىدە ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 50-1500 مېتىر ئېگىز جايلاردا ئۆسىدۇ. سوغۇققا چىدامچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ، بەزى تۈرلىرىنىڭ قۇۋۋەتسىز يەرلەرگە چىداملىقى ، شورغا چىداملىقى يۇقىرى، يىلتىزى چوڭقۇر، دەرەخنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولىدۇ .
ياۋا تاشئالماجۇڭگونىڭ لياۋنىڭ ، جىلىن ، خېيلوڭجياڭ ، ئىچكى مۇڭغۇل ، خېبېي ، شەنشى ، شەندۇڭ ، سەنشى ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن ، تاغ باغرىدىكى كەڭ يۇپۇرماقلىق ئورماندا ۋە تاغ جىلغىسى تۇتۇق چاتقاللىق ئىچىدە ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 50-1500 مېتىر ئېگىز جايلارغا تارقالغان. موڭغۇليە، چاۋشيەن، روسىيەنىڭ سىبىرىيە قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.