تاۋۇز دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تاۋۇز (خام دورا)
  2. تاۋۇز (ئۆسۈملۈك، مېۋىنىڭ تۈرى )
خام دورا
تاۋۇز

تاۋۇز كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تاۋۇزغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان يېيىلىدۇ، گۈلى سۇس سېرىق، مېۋىسى چوڭ تىپتىكى شىرنمىلىك مېۋە بولۇپ، شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شۆپۈكى، شاپىقىنىڭ ئېقى، شورى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تاۋۇز
پارسچە نامى Citrullus lanatus (Thunb.) Matsum. et Nakai
شەكلى شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى
ئىشلىتىش مىقدارى 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 西瓜
ئىنگلىزچە watermelon
تەمى تاتلىق
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق
دورىلىق قىسمى شۆپۈكى، شاپىقىنىڭ ئېقى، شورى ۋە ئۇرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاۋۇز كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تاۋۇزغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان يېيىلىدۇ، گۈلى سۇس سېرىق، مېۋىسى چوڭ تىپتىكى شىرنمىلىك مېۋە بولۇپ، شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شۆپۈكى، شاپىقىنىڭ ئېقى، شورى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شۆپۈكى، شاپىقىنىڭ ئېقى، شورى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا مېۋىسىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى قاتتىق پوستىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تاۋۇز شۆپۈكى؛ شاپىقىنىڭ سىرتىدىكى قاتتىق شۆپۈكى بىلەن ئىچىدىكى قىزىل يۇمشاق قىسمىنى ئېلىۋېتىپ تاسمىدەك تىلىپ، تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئېقى؛ قىروۋ چۈشكەندىن كېيىن خامراق مېۋىسىگە چاقماق ئۇرۇپ بىر قىسىم گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇسىز شور تولدۇرۇپ، چاقماق ئۇرۇلغان ئورنىنى شاپىقى بىلەن بېكىتىپ قويۇپ، سىرتىغا ئاق شور تېپىپ چىققىچە ئېسىپ شامالدا قۇرۇتۇپ، بۇ ئاق شورنى قىرىۋېلىپ تاۋۇز شورى؛ پىچىپ قىزىل ئېتىدىن ئۇرۇقىنى ئايرىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ھۆل سوغۇق.

سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

تاۋۇز شۆپۈكى، تەكىيە كاۋا شۆپۈكى، ئاغىچىيۇغۇچ، جامكىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، سۇلۇق ئىششىق ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

70 گرام تاۋۇز شۆپىكىنى سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىدىن بولغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئېقىدىن 35 گرام، يالپۇزدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

تاۋۇز شورى، زەمچە، مامرانچىن، دانىكارنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىۋەتكەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى تالقاننى كېكىردەككە پۈركۈپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#