بالىياتقۇ جاراھىتى

بالىياتقۇ جاراھىتى

بۇ كېسەللىك، سىرتقى زەخىم، كۆپ تۇغۇش، قىيىن تۇغۇت، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان دوۋسۇن، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ يارىسى
جۇڭيى تىبابىتى نامى بالىياتقۇ جاراھىتى
خەنزۇچە نامى 子宫溃疡
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ
ئاساسلىق ئالامىتى بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش
كېسەللىك سەۋەبى سىرتقى زەخىم، كۆپ تۇغۇش، قىيىن تۇغۇت
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ جاراھىتىبۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ ھۈجەيرە-توقۇلمىلىرى چىرىپ (نىكروزلىنىپ) تۆكۈلۈپ، كلىنكىدا ئاق خۇن كۆپىيىش، قان-يىرىڭلىق ئاجرالمىلار كېلىش، بەل-توققۇزكۆز قىسمى ئاغرىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «قۇرۇھى رەھىم» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئالامىتى: دوۋسۇن، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، جىنسىي يولدىن گۆش يۇيغان سۇدەك سېسىق پۇراقلىق قان كېلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرى

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى ھەر خىل يوللار بىلەن بالىياتقۇغا تەسىر قىلسا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر غىدىقلاش تەسىرى بىلەن ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنى كۈچلۈك غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە يەرلىك ئورۇندا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زەخىملىنىش سەۋەبى

1) سىرتقى زەربە (ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، قاتتىق نەرسىلەر تېگىش) قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن بالىياتقۇ تومۇرلىرى يېرىلىپ، پەردىلىرى يىرتىلىپ، بۇ زەخمە كونىراپ جاراھەتكە (يارىغا) ئايلىنىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) تۇغۇت جەريانىدىكى زەخىملىنىشلەر (قاتتىق تولغاق، ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش ۋە تارتىپ ئېلىش، بالا ھەمراھىنى مەجبۇرىي تارتىپ ئېلىش) سەۋەبىدىن بالىياتقۇ تومۇرلىرى، پەردىلىرىدە يېرىلىش، يىرتىلىش بولۇپ كونىرىغانسېرى يارىغا ئۆزگىرىدۇ.

3) بالىياتقۇنى كۆپ قىرىش، ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاشلا زەخىمنىڭ كونىرىشى نەتىجىسىدە بالىياتقۇ يارىسى كېلىپ چىقىدۇ.

بالىياتقۇ ياللۇغى سەۋەبى

بالىياتقۇ ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇدىكى كونا ياللۇغلىنىشلار ئۆز ۋاقتىدا ساقايمىغانلىقى ئۈچۈن، يىرىڭ يىغىلىپ، ياكى بىۋاسىتە پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېغىز ئېلىپ بالىياتقۇ يىرىڭلىق جاراھىتى كېلىپ چىقىدۇ.

4. بالىياتقۇ بوۋاسىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇ بۇۋاسىرىدا بۇۋاسىر تۈگۈنچىلىرى يېرىلىپ قاناپ، ساقايماي ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقى سەۋەبىدىن بالىياتقۇ يارىسى كېلىپ چىقىدۇ.

مەيلى قايسى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسۇن ھەممىسىدە داۋاملىق ئاغرىش، دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلغاندەك سېزىم بولۇش، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، جىنسىي يولدىن گۆش يۇيغان سۇدەك سېسىق پۇراقلىق قان كېلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش. جىنسىي يولدىن قان ھەم يىرىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياكى بىر-بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بەل، پۇت تېلىپ ئاغرىيدۇ. ئەگەر جاراھەت يېڭى بولسا جىنسىي يولدىن ساپ قان كېلىدۇ. يارا بەك كونىراپ كەتكەن بولسا يىرىڭ قان ئارىلاش كېلىدۇ ھەم بەك سېسىق پۇراقلىق بولىدۇ. بالىياتقۇ توقۇلمىلىرى، پەردىلىرى چىرىپ تۆكۈلگەن، ئوفۇنەتلەنگەن بولسا بەل، پۇتلىرى تېلىپ ئاغرىيدۇ ھەم جىنسىي يولدىن گۆش يۇغان سۇدەك قان كېلىدۇ. جاراھەت يىرىڭدىن تازىلىنىۋاتقان بولسا جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا ئاق، قويۇق يىرىڭ ئېچىشىپ كېلىدۇ، بەدبۇي بولمايدۇ. بالىياتقۇ يارىسىنىڭ دائىرىسى كەڭ ھەم ئېغىر بولسا بالىياتقۇدىن كەلگەن سۇيۇقلۇق ۋە باشقا ئاجرالمىلار بەك كۆپ، كۆك سۇدەك بولىدۇ ھەمدە تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئېچىشىپ ئاغرىش، بەل-پۇت تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، قان ئازلىق ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا قىيىن تۇغۇت، تۇغۇتتا زەخىملىنىش، ئىلگىرى بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ بوۋاسىرى، سىرتقى زەربە تېگىشكە ئوخشاش تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تۆۋەنكى قورساق ساھەسى داۋاملىق ئاغرىش، جىنسىي يولدىن قان، يىرىڭ ۋە باشقا ئاجرالمىلار كېلىش، بەل - پۇت تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. بەدەن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.1) تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ. بالىياتقۇ بوينىنى كۆتىرىش سىنىقى مۇسبەت بولىدۇ.2) بالىياتقۇ بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇدا يارا، يىرىڭلىق جاراھەت بارلىقىنى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىلىرىنىڭ پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بالىياتقۇ راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بالىياتقۇ راكىدا جىنسىي يولدىن قان كېلىدۇ، قان مىقدارى ئاز، لېكىن ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ. بولۇپمۇ ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدىغان بولغاچقا ھەيز كېسىلىشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى ئۇزىرايدۇ. دەسلەپكى دەۋرىدە جىنسىي يولدىن سۇدەك ياكى قانلىق سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ. ئاخىرقى دەۋرىدە يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەندە سېسىق پۇراقلىق، قان ئارىلاش ياكى يىرىڭلىق ئاجرالمىلار ئاقىدۇ. ئاغرىش تىپىك بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاخىرقى دەۋرىدىكى كېسەللەردە راك توقۇلمىسى ئىنفىلتراتسىيىلىنىش تۈپەيلىدىن نېرۋىلار بېسىلىپ قورساقنىڭ تۆۋىنى ياكى بەل-توققۇزكۆز قىسمى ئاغرىپ، ئاغرىش ھەتتا پۇتقا تارقىلىدۇ. كېسەللىككە ئەڭ توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن يەرلىك ئورۇندىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا تېزلىكتە ياخشىلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىسا كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، كېسەللىك دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ گۆشخور يارا (ئاكىلە) ، سىفلىس (ئاتېشەك) ، بالىياتقۇ راكى قاتارلىقلارغا ئۆزگىرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا«ئەلقانۇن فىت تىب» دا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئەگەر بالىياتقۇدىن كۆپلەپ سېسىق، سۇيۇق، يىرىڭ، گۆش يۇغان سۇدەك ئاجرالمىلار كەلسە، جاراھەت يىرىڭ بىلەن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر يىرىڭ كۆپ بولۇپ، ھاراقنىڭ لېيىغا ئوخشاش كەلسە، بالىياتقۇدىكى قاتتىق ئىششىق ئېغىز ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر سۇيۇق قارا قان سېسىق پۇراقلىق بولۇپ، قاتتىق ئاغرىق بىلەن ۋە پەي، تومۇرلارنىڭ پارچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كەلسە بالىياتقۇ جاراھىتى گۆشخور چاقا (ئاكىلە) ياكى ئاتېشەك كېسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر چىقىۋاتقان سۇيۇقلۇق كۆكۈش بولۇپ، پارچە گۆشتەك نەرسىلەر بىللە كەلسە بۇ بالىياتقۇ سەرتانىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.

1. كۇدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. بالىياتقۇدىكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، بىنەپشە قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىر، تاماقتىن كېيىن، 7 ~ 5 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ ياكى مەتبۇخ ھېلىلىدىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن، 5 ~ 3 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، كۇدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. »مىزان تىپ» ناملىق ئەسەردە«ئەگەر يارا يىرىڭ يىغمىغان بولسا ھەم قان ئېلىشنى مەنئى قىلىدىغان بىرەر ئەھۋال بولمىسا قان ئېلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. 

سىرتقى زەربىدىن كېلىپ چىققان بولسا تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. قان توختىتىش مەقسىتىدە قۇرسى كەھرىبا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن، شەربىتى ئەنجىباھار كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى موزىنى قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىدە ئابىزەن قىلدۇرۇلىدۇ. زەرجىۋانى يۇمشاق سوقۇپ، سېرىق مايدا قورۇپ، داكىغا مىلاپ بالىياتقۇ بوينىغا قويۇلىدۇ. ئانار گۈلى 10 گرام، موزا 5 گرام، گىل ئەرمىنى 10 گرام، خۇنسىياۋشان 10 گرام، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدە مەلھەم قىلىپ، بالىياتقۇ بوينىغا قويۇلىدۇ. بالىياتقۇ جاھارىتى يىرىڭلىق بولسا ياكى ئىششىق، مۇدۇرچاقىلار ئېغىز ئالغان بولسا شېكەر سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا گۈل يېغى، بىنەپشە يېغى قوشۇپ، كۈندە بىر نەچچە قېتىم بالىياتقۇغا كىلىزما قىلىپ بالىياتقۇدىكى يارا تازىلىنىدۇ، كېيىن مەلھىمى باسىلىقۇننى گۈل يېغىغا قوشۇپ يارا ياخشىلانغانغا قەدەر چېپىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر يارا بالىياتقۇ بوينىدا بولسا يۇقىرىقى دورىلار بىلەن پەرزىجە قىلىنىدۇ، كىلىزما قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، پەقەت ھەسەل ياكى ھەسەل بىلەن سۈتنى قاينىتىپ ئۇنىڭغا تازىلانغان يۇڭ ياكى پاختىنى مىلاپ بالىياتقۇ بوينىغا قويۇپ قويۇلسا جاراھەتنى، بالىياتقۇ ئىچىنى تازىلاشتا ناھايىتى ياخشى تەسىرى بار. ئاغرىق بەك قاتتىق بولسا ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە قۇرسى بەرشىشا كەبىر كۈندە 3 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىغىچە ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ياكى ئەپيۈن بىلەن زەپەرنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سۈتىدە ئېرىتىپ، بالىياتقۇغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇدىكى جاراھەت ياللۇغلانغان بولۇپ نىسبەتەن ئېغىرراق ھەم بالىياتقۇنىڭ ئىچكى تەرىپىدە بولسا قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن؛ مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، تاماقتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ بەدەن ئاجىزلاش ۋە ئورۇقلاش كۆرۈلسە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى، قان تولۇقلىغۇچى دورىلاردىن ئامىلە نۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 گرامدىن؛ ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئوغرىتىكەن، قوغۇن ئۇرۇقى، سۆئلەپ 15 گىرامدىن، قەنت ئالتە تال، ئاق تۇدەرى، قىزىلگۈل 12 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

بالىياتقۇ جاراھىتىتەركىبى: بابۇنە، شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، مۇرمەككى، ئانارگۈلى 30 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم جىنسىي يول يۇيۇلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: مامىرانچىنى، كەتىرا، قىزىلگۈل خەمىكى، موزا 20 گىرامدىن، گۈل يېغى، 15 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شامچە تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: كالا گۆشى، لازا-ئاچچىقسۇ، سامساق ھەم بۇ خىل خۇرۇچلار بىلەن قورۇلغان قورۇما … قاتارلىقلار. 2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. 3. تازىلىق قائىدىلىرىگە دىققەت قىلىش، يېڭىچە تۇغۇت قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش، تۇغۇت مەزگىلىدىكى پەرۋىشكە ئەھمىيەت بېرىش ھەم بالىياتقۇدا يۈز بەرگەن ھەرقاندا كېسەلنى ۋاقتىدا ئاكتىپ داۋالىتىش كېرەك. 4. ھامىلىدارلىق ۋاقتىدا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشتىن، زۆرۈر بولمىغاندا ھامىلىنى ئالدۇرۇشتىن، بالا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1289

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#