دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك

دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك

ئەينەك قۇم، ھاكتېشى ۋە ناترېي كاربونات ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. ئادەتتە بىز ئەينەكنى يورۇق، پاكىز جىسىم دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە قەدىمكى زاماندا ئەينەك خام ماتېرىيالىنىڭ تەركىبى ساپ بولمىغاچقا، ھازىرقىدەك سۈزۈك بولماستىن، بەلكى ئاز-تولا رەڭگە ئىگە ئىدى.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك
ياسالغان ئورۇن مېسوپوتامىيە
ياسالغان ۋاقتى مىلادىيەدىن ئىلگىرى 2600-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەينەك قۇم، ھاكتېشى ۋە ناترېي كاربونات ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. ئادەتتە بىز ئەينەكنى يورۇق، پاكىز جىسىم دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە قەدىمكى زاماندا ئەينەك خام ماتېرىيالىنىڭ تەركىبى ساپ بولمىغاچقا، ھازىرقىدەك سۈزۈك بولماستىن، بەلكى ئاز-تولا رەڭگە ئىگە ئىدى.

مىلادىيەدىن ئىلگىرى 2600-يىلى ئەينەك تۇنجى قېتىم مېسوپوتامىيە (يەنى ھازىرقى ئىراق) ياكى مىسىر دا پەيدا بولغان.

قەدىمقى مىسىرلىقلار كىچىك ئەينەك قۇتىلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلار ياسىغان ئەينەك قاچىلارنىڭ ھەر قەۋىتى ھەرخىل رەڭدە ئىنتايىن كۆركەم ياسالغان.

ئەينەك قاچىلارنى پۈۋلەپ ياساش ياكى يېرىم ئاقما ھالەتتىكى ئېرىگەن ئەينەكنى پۈۋلەپ كۆپتۈرۈپ، ئوتتۇرىھال تىپلىق ئەينەك قاچىلارنى ياساش كېيىن ئىجاد قىلىنغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى پۈۋلەپ ئەينەك بۇيۇم ياساش ئۇستىلىرى مىلادىيەدىن ئىلگىرى 1-ئەسىردە سۈرىيەدە بارلىققا كەلگەن.

ئەينەك دېرىزە تېخىمۇ كېيىن ئىجاد قىلىنغان. دېرىزە ئەينەكلىرى ئەڭ دەسلەپتە پۈۋلەش ئارقىلىق ياسالغان.

چوڭ ئەينەك قاچا پۈۋلەش ئارقىلىق ياسالغاندىن كېيىن، تەكشىلىنىپ بىر پارچە ئەينەككە ئۆزگەرتىلگەن. مىلادىيە 100-يىللىرى ئەتراپىدا ھازىرقى زامان تۈسىگە ئىگە سۈزۈك ئەينەك ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان، بىراق مىڭ نەچچە يىل ئىچىدە بۇ خىل ئەينەك بىرخىل قىممەتلىك زىبۇزىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#