ئۇيقۇ

ئۇيقۇ ھاياتلىقنىڭ زۆرۈرئىھتىياجى، كۆپ قىسىم جانلىقلار بىر كۈن ئىچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلايدۇ،ئۇيقۇ ھالىتىدە مىڭە،كۆز ۋە بىر قىسىم ئەزالار ئارام ئالىدۇ. بۇ ھالەت رىفلىكىس شەكلىدە كۈندە تەكرارلىنىدۇ.

ئۇيقا، بىزگە نىسبەتەن بارلىق نورمال پالىيەتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ قويۇپ ئارام ئىلىش دىمەك بولسىمۇ، بىراق بەدىنىمىزگە بولۇپمۇ مىڭىمىزگە نىسبەتەن ئۇيقا دىمەك بەدەننىڭ بىر خىل فىزىلوگىيەلەك پالىيەت جەريانىدىن يەنە بىر خىل ئوخشىمىغان  فىزىلوگىيەلەك پالىيەت جەريانىغا ئۆتۈش دىمەكتۇر.

ئۇيغۇرچە ئۇيقۇ، ئۇخلاش
ئىنگىلىزچە sleep
رولى بەدەن ئەزالىرىنى ئارام ئالدۇرۇش
خەنزۇچە 睡觉,睡眠
تۈرى فىزولوگىيەلىك ھالەت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيقۇ ھاياتلىقنىڭ زۆرۈرئىھتىياجى، كۆپ قىسىم جانلىقلار بىر كۈن ئىچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلايدۇ،ئۇيقۇ ھالىتىدە مىڭە،كۆز ۋە بىر قىسىم ئەزالار ئارام ئالىدۇ. بۇ ھالەت رىفلىكىس شەكلىدە كۈندە تەكرارلىنىدۇ. ئۇيقا، بىزگە نىسبەتەن بارلىق نورمال پالىيەتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ قويۇپ ئارام ئىلىش دىمەك بولسىمۇ، بىراق بەدىنىمىزگە بولۇپمۇ مىڭىمىزگە نىسبەتەن ئۇيقا دىمەك بەدەننىڭ بىر خىل فىزىلوگىيەلەك پالىيەت جەريانىدىن يەنە بىر خىل ئوخشىمىغان  فىزىلوگىيەلەك پالىيەت جەريانىغا ئۆتۈش دىمەكتۇر.

ئۇيقۇئۇيقا كۈندۈلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ھوزۇرلۇق پالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھاياتىمىزنىڭ ئۈچتەن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. ئۇيقىنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقى بىزنىڭ كۈندۈلۈك پالىيەتلىرىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتۈپ  قالماستىن بەلكى سالامەتلكىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيقىمىز ياخشى بولمىسا بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىز تۆۋەن بولىدۇ، ئۈگۈنۈش، خىزمەت ئۈنىمىزگە تەسىر يىتىدۇ، ھەتتا ماشىنا ھەيدىگەندە مۈگىدەپ قىلىپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر بولۇشى، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋەپ ئىلىپ كىلىشىمىز مۈمكىن.

ئۇيقا، بىزگە نىسبەتەن بارلىق نورمال پالىيەتلىرىمىزنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ قويۇپ ئارام ئىلىش دىمەك بولسىمۇ، بىراق بەدىنىمىزگە بولۇپمۇ مىڭىمىزگە نىسبەتەن ئۇيقا دىمەك بەدەننىڭ بىر خىل فىزىلوگىيەلەك پالىيەت جەريانىدىن يەنە بىر خىل ئوخشىمىغان  فىزىلوگىيەلەك پالىيەت جەريانىغا ئۆتۈش دىمەكتۇر.

ئۇخلاش يالغۇز بىر خىل ئارام ئىلىش جەريانى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى كۈندۈزلىكىدىن پەرىقلىق بىر خىزمەت جەريانىغا كىرىشتۇر. بىز ئۇخلىغاندا بەدەنىمىزدىكى ھەر قايسى ئورگانلار بولۇپمۇ مىڭىمىز ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز ئۇخلىغاندا مىڭىمىز بىز كۈندۈزلىكى كۆرگەن شەيىلەرنى، ئۈگەنگەن بىلىملەرنى رەتلەپ، قايتا تەرتىپكە سىلىپ، ئۇلارنى خاتىرلەيدۇ، ئىسىمىزدە ساقلاش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.

ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلشكە ياردەم  بىرىدىغان ھورمۇن دەل بالىلار ئۇخلىغاندا ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار يىتەرلىك ئۇخلىمىسا ئۆسۈپ يىتىلشكە ياردەم  بىرىدىغان ھورمۇن يىتەرلىك ئىشلەپ چىقىرىلماي، نەتىجىدە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ بەدىنىدە زەخمىگە ئۇچۇرغان ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلار دەل بىز ئۇخلىغان مەزگىلدە رىمىنۇت قىلىنىپ ئەسلىگە كىلدۇ. بەدىنىمىزنىڭ كىسەللىككە تاقابىل تۈرۈش كۈچىگە يەنى ئىمىييۇنۇت كۈچىگە ياردەم بىرىدىغان ھورمۇنلار بىز ئۇخلىغاندا ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدۇ. ئۇندىن باشقا بەدەننىڭ ئىنىرگىيە ئىشلىتىشىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ھورمۇنلارمۇ دەل بىز ئۇخلىغاندا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.

ئادەم قىنىق ئۇخلىغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇشى، نەپەس ئىلىش ئاستىلايدۇ، قان بىسىمى تۆۋەنلەيدۇ. يۈرەكنىڭ خىزمەت يۈكى تۆۋەنلەپ، يۈرەك ياىشى ئارام ئالىدۇ. 

ئۇيقۇ تۇرى باسقۇچىئۇيقا ئۇخلاۋاتقاندىكى كۆزنىڭ ھەركەت قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا، كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ، كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيغا يەڭگىل ئۇيقا (1-باسقۇچ ئۇيقا)، ئوتۇرال دەرىجىدىكى ئۇيقا (2-باسقۇچ ئۇيغا) ۋە ئىغىر ياكى قىنىق ئۇيقا (3-باسقۇچ ئۇيقا) دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.  بۇرۇنقى ئۇيقا باسقۇچىنى بۆلۇش بويىچە كۆز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقا 4 باسقۇچقا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر ئاساسەن بۇ 3 باسقۇچ كۆپ قولۇنۇلماقتا. 

بىز ئۇخلىغاندا ئۇيقىمىزنى ئەلۋەتتە بۇ باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئۇخلىمايمىز، بىراق بىزنىڭ ئۇقىمىز بۇ باسقۇچلار بويىچە يۈز بەرگىنى ئۈچۈن، ئۇنى بىلىش بىزنىڭ ئۇيقا جەريانىنى تولۇق چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن نورمالسىزلىقلارنى ھەل قىلىشىمىزگە يەردەم بىرىدۇ.

 

بىز ئۇخلاشقا باشلىغاندىن كىيىن ئۇيقىمىز كۆزىمىز تىز ھەركەت قىلمايدىغان ئۇيقىنىڭ 1-باسقۇچدىن باشلىنىدۇ.

1-باسقۇچ يەڭگىل

يەڭگىل ئۇيقا بولۇپ؛ كۆزنىڭ ھەركىتى ئاستا بولىدۇ؛ مۇسكۇل بوشايدۇ؛ يۈرەك، نەپەس رىتىمى ئاستىلايدۇ. ئۇندىن كىيىن

2-باسقۇچ ئوتۇرال دەرىجىدىكى ئۇيقا

 بۇ باسقۇچتا كۆزنىڭ ھەركىتى تامامەن توختايدۇ. 

 3-باسقۇچ ئىغىر ئۇيقۇ

يەنى قىنىق ئۇيقا بولۇپ، بىز بۇ باسقۇچتىكى ئۇيقىغا كىرگەندىن كىيىن ئاسان ئوغانمايمىز، يۈرەك، نەپەس رىتىمىمىز تىخىمۇ ئاستىلايدۇ؛ مۇسكۇللار بوشايدۇ؛ ئەڭ ياخىشى ئارام ئالىمىز. كىچىك بالىلاردا كۆرىلىدىغان كۆپىگە سىيىپ قويۇش، ئۇخلاۋىتىپ يول ماڭىدىغان ئىشلار دەل مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بىرىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئۇيقىمىز كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا كۆزىمىزنىڭ ھەركىتى تىز بولىدۇ؛ نەپەس، يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمى ۋە قان بىسىم ئىگىز پەس بولىدۇ؛ پۇت قول مۇسكۇللىرى ۋاقىتلىق تامامەن پالەج ھالەتكە كىرىدۇ. بىزنىڭ چۈش كۆرىشىمىز دەل مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بىرىدۇ؛ مۇسكۇللىرىمىز پالەج ھالەتتە بولغاچقا، چۈشىمىزدە ھىچقانداق ھەركەت قىلالمىغاندەك، ۋە ياكى پۇت قولىمىز باغلاغلىقتەك ھىس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن تولۇق بىر ئۇخلاش جەريانى تامالىنىدۇ، ۋە ئۇندىن كىيىن بۇ جەريانلار تەكرارلىندۇ؛  3-باسقۇچ ئۇيقا ئازلاپ، كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا جەريانى بارا بارا ئۇزۇرايدۇ. كىيىنكى يىرىم كىچىدە بىز  3-باسقۇچ ئۇيقىغا كىرمەيمىز؛ تاڭ ئىتىش ئالدىدا ئۇيقىمىز ئاساسەن كۆز تىز ھەركەت قىلىدىغان ئۇيقا بولىدۇ.  

نىمە بىزنى ئۇخلىتىدۇ؟ يەنى ئۇخلىشىمىزغا نىمە سەۋەپ بولىدۇ ۋە ياكى بىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرى قىلغان نەرسە نىمە؟ گەرچە ئۇخلاش بەدىنىمىزنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجى بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ ئۇخلىشىمىز ۋە ئوغىنىشىمىز بەدىنىمىزدىكى بەزى مددىلار تەرىپىدىن تەڭشىلىدۇ. بەدىنىمىزدە بىزنىڭ ئۇخلىشىىمىزغا سەۋەپ بولغان يەنى بىزنى ئۇخلىتىدىغان ئامىللار كۆپ ۋا مۈرەككەپ بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىر قەدەر تونۇپ يەتكەن ئىككى خىل ماددا ئۇيقا بىلان ئالاھىدە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئەدەنىسايىن، يەنە بىرى بولسا مەلاتونىن. 

ئەدەنىسايىن كۈندۈزلىكى ۋە ياكى بىز ئوغاق ۋاقىتتا ئىشلەپ چىقىرلىپ بەدەندە توپلىشىدۇ، كىچىدە ۋە ياكى بىز ئۇخلىغاندا پارچىلىنىدۇ. ئەدەنىسايىن بەدەندە توپلىشىپ مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە، بىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرى قىلىدۇ، ۋە ئۇخلاش ئارقىلىق پارچىلىنىڭ ئۆزىنىڭ بەاەندىكى تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ.

مەلاتونىن بولسا مىڭىدىكى بىر كىچىك  بەز  تەرىپىدىن ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدىغان ھورمۇن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئۇيقىمىزنىڭ كىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. بەدىنىمىزدە ئاجىرتىلىپ چىققان مەلاتونىن كۆپ بولغانسىرى بىزنىڭ ئۇيقىمىز شۇنچە كىلىدۇ. مەلاتونىن بەدىنىمىزدىكى بىئولوگىيەلىك سائەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇياش ئولتۇغاندا، ياكى ھاۋا تۇتۇق بولغاندا، كىچىدە كۆپ ئاجىرتىلىپ چىقىرلىدۇ؛ كۈندۈزلىكى ۋە ياكى يورۇقلۇقتا توۋەنلەيدۇ. بالىلاردا ۋە ياشلاردا كۆپ ئىشلەپ چىقىرلىدۇ، ياشانغانلاردا ئازلايدۇ.

داۋاملىق كىچە كۈندز ئالمىشىپ ئىشلەيدىغانلاردا، ئۇيقا ۋاقتى قالايمىقان كىشىلەردە، ۋە ياكى 5 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت پەرىقى بار رايۇنلارغا كۆپ سەپەرگە چىقىدىغانلاردا، مەلاتونىن ئىشلەپ چىقىرىش قالايمىقانلىشىدۇ، ۋە شۇ سەۋەپتىن  ئۇيقىمۇ قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.

مەلاتونىن ساقلىقنى ساقلاش دورىسىنىڭ ئۇيقىسى كەلمەيدىغانلارغا ۋە ياكى ئاسان ئۇخلىيالمايدىغانلارغا نىسبەتەن قىسا مۇددەت (بىر نەچچە كۈندىن بىر نەچچە ھەپتە) كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۈنىمى بار، بولۇپمۇ 55 ياشتىن يۇقۇرى ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئۈنىمى تىخمۇ ياخشى،  بىراق  ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنىمى توغۇرسىدا كۆپ تەتقىقات نەتىجىسى يوچ، ھەم بەزى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. 

ئۇندىن باشقا بىزنىڭ ئىمىيۇن سىستىمىمىز ئىشلەپ چىقارغان سايتوكايىنىز دەپ ئاتالغان بىر خىل ماددىمۇ بىزنىڭ ئۇخلىشىمىزغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. سايتوكايىنىز بىزنىڭ ئىمىيۇن سىستىمىمىزنىڭ بەزى يۇقۇملۇنۇش ۋە ئاستا خارەكتىرلىق ياللۇغلۇنۇش بىلەن كۆرەش قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۇخلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇخلاش ۋاقتىئىنسانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىدا پەرىق زور بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوخشاش بولمايدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۈنىگە 16 - 18 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

مەكتەپ يىشىغا توشمىغان كىچىك بالىلار كۈنىگە 11 - 12 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

مەكتەپ يىشىدىكى بالىلار كۈنىگە ئەڭ كەم دىگەندە 10 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

بالاغەتكە يەتكەنلەر كۈنىگە 7 - 8 سائەت ئۇخلىشى كىرەك.

ياشانغانلارمۇ ئوخشاشلا  كۈنىگە 7 - 8 سائەت ئۇخلاشقا ئىھتىياجلىق.

بىزنىڭ ئۇيقىمىزنىڭ يىتەرلىك بولۇش بولماسلىقىدا مۇھىم بولغان ئامىل يالغۇز ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقىت بولۇپ قالماستىن بەلكى ئۇيقىمىزنىڭ سۈپىتىمۇ ناھايتى مۇھىمدۇر.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ساغلام بالىلارنىڭ ئۇيقا سۈپىتىدە پەرىق چوڭ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش  مۈمكىن، بىراق بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ ئۇيقا سۈپىتىدە پەرىق زور بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش قىيىن.

ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى يۇقۇرى بولغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن  كۈنىگە 6 سائەت ئۇخلاش پۈتۈنلەي يىتەرلىك بولىشى مۈمكىن، بىراق ئۇخلاش سۈپىتى ياخشى بولمىغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن كۈنىگە 10 سائەت ئۇخلاشمۇ يىتەرلىك بولماسلىقى مۈمكىن، يەنى 10 سائەت ئۇخلاپمۇ  ئۇيقىغا قانماغلىقى مۈمكىن. شۇڭا ئۇيقىنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىغانغا باھا بىرىشتە يالغۇز ئۇخلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقىتقا ئاساسلىنىش يىتەرلىك ئەمەس.

ئۇياقا بىنورماللىقى ياكى ئۇيقىنىڭ نورمالسىزلىقىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەھەتلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

ئۇخلىيالماسلىق

 يەنى ئۇخلاش قىيىن بولۇش؛ بۇ خىل ئەھۋال كۆپۈنچە ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ ئۇخلىيالماسلىقىدا مەلۇم سەۋەپلەر بولسىمۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇخلىيالماسلىقىدا ھىچقانداق سەۋەپ يوق. بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار ئۇيقىسى ناھايتى كەم بولسىمۇ، مۈگدەپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ بولمايدۇ، ھەم ئۇخلايمەن دەپمۇ ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ؛ 

ئۇيقا يىتەرلىك بولماسلىق

 يەنى تۇرمۇش ۋە خىزمەت تۈپەيلىدىن ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلالماسلىق. . بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار كۈندۈزلىكى ئاسان مۈگدەپ قالىدۇ، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

ئۇيقا سۈپىتى تۆۋەن بولۇش

بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار گەرچە ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلسىمۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئارتۇق ئۇخلىسىمۇ، يەنىلا ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ، كۈندۈزلىكى داۋاملىق مۈگدەپ چىقىدۇ،  ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ. روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، بەدەندىكى ھەر خىل كىسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق، راھەتسىزلىك تۈپەيلەدىن ياخش ئۇخلىيالماسلىقنى مۇشۇ تۈرگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.

ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قىلىش

مەلۇم سەۋەب  تۈپەيلىدىن مىڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، يەنى مىڭە ئاستا خاراكتىرلىك ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ھالىتىدە غىدىقلىنىپ، ياخشى ئارام ئالالمااسلىق. بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلارمۇ گەرچە ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلسىمۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئارتۇق ئۇخلىسىمۇ، يەنىلا ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ، كۈندۈزلىكى داۋاملىق مۈگدەپ چىقىدۇ،  ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

كۆپ ئۇخلاش

داماملىق مۈگدەپ تۇرۇش، ئولتۇرغان يەردە ئۇخلاپ قىلىش؛ بۇ خىل ئەھۋالغا گىرىپتار بولغانلار گەرچە ئۇخلاش ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت سەرىپ قىلسىمۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئارتۇق ئۇخلىسىمۇ، يەنىلا ئۇيقۇسىغا قانمىغاندەك ھىس قىلىدۇ، ئارتۇق ئۇخلاش ئاقىلىق بۇ خىل ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

1. ئۇخلاش قىيىن بولۇش، ئۇخلاش ئۈچۈن كارۋاتقا چىقىپ يىتىپ يىرىم سائەت ئىچىدە ئۇخلىيالماسلىق.

2. ئۇيقۇسى بەك سەگەك بولۇش، ئازراق ۋاراڭ چۇرۇڭ تۈپەيلىدىن ئوغۇنۇپ كىتىش.

3. كىچىدە قايتا قايتا كۆپ قىتىم ئوغۇنۇپ كىتىش؛

4. يىرىم كىچىدە ئوغۇنۇپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۇخلىشى قىيىن بولۇش؛ 

5. كۆپ ئۆرۈرۈلش ۋە مىدىرلاش؛

6. ئىغىر ۋە قالايمىغان خوررەك تارتىش؛

7. ئۇخلاۋىتىپ قالايمىقان گەپ قىلىش ۋە جۆلۈش؛

8. داۋاملىق قارا بىسىش ۋە قاباھەتلىك چۈش كۆرۈش؛

9. داۋاملىق مۈگدەپ تۈرۈش؛

ئۇيقا يىتەرلىك بولمىغاندا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللار 

ئەگەر ئۇيقىمىزنىڭ سۈپىتى تۆۋەن ۋە ياكى ئۇخلىغان ۋاقتىمىز يىتەرلىك بولمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۈمكىن.

1. ئەتىگەندە ئۇخلاپ ئوغانغاندا جۇشقۇن ھىس قىلماسلىق؛

2. ھارغىنلىق ھىس قىلىش؛

3. بىشى ئاغرىش؛

4. ئۇيقىغا قانماسلىىق؛

5. كۇندۇزلىكى مۇگدەپ قىلىش ۋە ياكى پۇتۇن كۇن ئەسنەپ چىقىش؛ 

6. ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتنىڭ ئۈنىمى تۆۋەن بولۇش؛

7. روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، ئاسان چۈشكۈنلۈشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش؛

8. توغۇرا ھۆكۈم چىقىرىش، توغۇرا قارار بىرىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىش؛

كىچىك بالىلارنىڭ ئۇيقىسى يىتەرلىك بولمىغاندا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللار چوڭلاردىن ئازراق پەرىقلىق بولۇپ، كۆپ ھەركەت قىلىدىغان، دىقىتىنى بىر يەرگە يىغالمايدىغان، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرىس كاللىسىغا چۈشمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۈمكىن.

ئۇزۇن مەزگىل يىتەرلىك ئۇخلىمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر

1. روھى كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىش، مىجەزى ئوسال بولۇپ قىلىش؛

2. ئىسىدە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى توۋەنلەپ كىتىش؛

3. ئىنىرگىيەنى كونتۇرۇل قىلىش تەسىرگە ئۇچۇراش ۋە ئاسان سەمىرىپ قىلىش؛

4. دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىى يۇقۇرلاش؛

5. يۇرەك مىڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقۇرلاش؛

6. يۇقۇرى قان بىسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقۇرلاش ؛

7. ئوپكە قىزىل قان تومۇر بىسىمى يۇقۇرى بولۇش خەتىرى يۇقۇرلاش ؛

8. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچىراش؛

9. ئاسان قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇراش؛

تەسىر قىلدىغان1. قىنىق چاي ۋە قەخۋە 

2. بەزى دورىلار؛ بەزى دورىلار ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرسا، يەنى بەزى دورىلار ئادەمنى ئۇخلۇتۇپ قويىدۇ؛

3. تاماكا (نىكوتىن)؛

4. ھاراق (ھاراق ئىچكەندە، ئادەم گەرچە ئاسان ئۇيقىغا كىرىپ كەتكەن بىلەن، بىراق ھاراق ئۇيقىنىڭ 5. سۈپىتىگە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.)

6. كەچلىك تاماقنى كۆپ يىيىش؛

7. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ ئۇسۇزلۇق ئىچىش؛ 

8. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ چىنىقىش ۋە ياكى ئىغىر ھەركەت قىلىش. ھارغىنلىق ئادەمنىڭ ئۇيقىسىنى كەلتۈرسىمۇ بىراق ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

9. روھى كەيپىياتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر، يەنى ئالاھىدە قايغۇرۇش، ھاياجانلىنىش، قورقۇش، ئەندىشە قىلىش، روھى چۈشكۈنلۈشۈش، روھى بىسىم، جىددىلىشىش، كۆپ ئويلۇنۇش قاتارلىقلار؛

10. ئۇخلاش مۇھىتى، يەنى ئۇخلايدىغان ئورۇننىڭ راھەتلىك ئەھۋالى، جىم جىتلىقى، يورۇقلۇقى، پاكىزلىقى، تىمپىراتۇرسى، ۋە ھاۋاسىنىڭ ساپلىقى. 

11. تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن داۋاملىق ئۇخلاش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش؛

12. ئۇخلاش ئادىتى ۋە ئۇخلاش بەدەن ھالىتى؛

13. كۈندۈزلىكى كۆپ ئۇخلاش ۋە ياكى ئۇخلاش ۋاقتى قالايمىقان بولۇش؛

ئۇخلىيالماسلىق ۋە ياكى ئۇيقۇسى قىيىن بولۇش

失眠  Insomnia

بۇ خىلدىكى ئۇخلىيالماسلىقنىڭ ئىنىق بىر سەۋەبى يوق بولۇپ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۇيقۇسى ئالاھىدە كەم بولىدۇ، ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇخلىغان ۋاقتى شۇنچە ئاز بولسىمۇ، كۈندۈزلىكى مۈگۈدەپ قالمايدۇ.

كۆپ ئۇخلاش كېسىلى، كۈندۈزى كۆپ ئۇخلاش كېسىلى؛

嗜睡症Hypersomnia

تۇتقاقلىق ئۇيقا بىسىش كېسىلى؛

发作性嗜睡病Narcolepsy

جۆيلۈش

Sleep talking

ئايدىڭ سەيلىسى

梦游症 Sleepwalking

قارا بېسىۋىلىش

Nightmare

كىچىدە چۆچۈش

Night terror, Sleep terror 夜惊

ئۇخلاۋاتقاندا پاچىقى مىدىرلاش كېسىلى؛

夜间肌肉阵挛症 Periodic limb movement disorder

نەپەس يولى توسۇلۇپ قىلىش خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كېسىلى؛

阻塞性睡眠呼吸暫停 Obstructive Sleep Apnea,OSA

نىرۋا خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسى ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كېسىلى؛

中樞神經性睡眠呼吸暫停  Central Sleep Apnea,CSA

ئارلاشما خاراكتىرلىق ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسى ۋاقىتلىق توختاپ قىلىش كېسىلى؛

混合性睡眠呼吸暫停  Mixed Apnea 

يۇقارقى كېسەللەردىن باشقا بەدەندىكى نۇرغۇن كىسەللىكلەر بولۇپمۇ ئاستا خاراكتىرلىق كېسەللىكلەر  كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق ۋە ھەر خىل راھەتسىزلىكلەر ئۇيقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىىدۇ. مەزى بىزى ياللۇغى ۋە مەزى بىزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلار كىچىدە بىر نەچچە قىتىم كىچىك تەرەت قىلىشقا مەجبۇرى بولغىنى ئۈچۈن، ياىشى ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ 

ئۇيقا نورمالسىزلىقى دىگىنىمىز ئۇخلىيالماسلىق، يىترەرلىك ئۇخلىماسلىق، ئۇيقا سۈپىتى ناچار بولۇش، ئۇخلىغاندا مىڭە يىتەرلىك ئوكسىگىنغا ئىرىشەلمەسلىك، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلاش قاتارلىقلار ئۆز ئارا پەرىقلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ ئوخشاش ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارغا دىياگۇنۇز قويۇش، ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ پەرىقلىق. بەزى خىلدىكى ئۇيقا نورمالسىزلىقى نىرۋا كىسەللىكلەر بولۈمىگە تەۋە بولسا، يەنە بەزى خىلدىكى ئۇيقا نورمالسىزلىقى نەپەس يولى كىسەللىكلەر بۆلىمىگە تەۋە، يەنى بەزى خىلدىكى ئۇيقا نورمالسىزلىقى بەش ئەزا بۆلىمىگە تەۋە بولسا، يەنە بەزى خىلدىكى ئۇيقا نورمالسىزلىقى روھى كىسەللىلەر بۆلىمىگە تەۋە. شۇڭا ئۇيقا نورمالسىزلىقىغا دىياگۇنۇز قويۇشتا ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوخشىمىغان بۆلۈلەرگە كۆرۈنۈپ، ئوخشىمىغان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش ئارقىلىق، كونكىرىت دىياگۇنۇز قويۇشقا توغۇرا كىلىدۇ.

ئۇيقا نورمالسىزلىقىغا دىياگۇنۇز قويۇشتا ئەڭ كۆپ قوللۇنىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

Polysomnography 多导睡眠图

(Multiple sleep latency test  (MSLT

(Maintenance of wakefulness test (MWT

ئۇيقا نورمالسىزلىقىغا نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈلەر ئىلىپ بىرىلغاندىن كىين، ئەگەر ھازىرقا تەخنىكا داھىرسىدە تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ چىققىدەك كىسەللىكلەر بايقالسا شۇنىڭغا ئاساسەن داۋالش ئىلىپ بىرىپ، ئۇيقا نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىسەللىكلەرنى داۋالاش كىرەك. ئەگەر ھازىرقا تەخنىكا داھىرسىدە تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ چىققىدەك كىسەللىكلەر بايقالمىسا، ئۇنىۋىرسال داۋالش ئىلىپ بىرىش بىلان بىرگە ئەڭ مۇھىمى ئۇيقا نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق ئامىلاردىن ساقلىنىش، مۇھاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇش، روھى كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئاكىتىپ دۇنيا قارىشىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.[2]

ئىغىر ئۇيقۇئېغىر ئۇيقۇ ھەرخىل ئامىللارنىڭ مېڭە ۋە نېرۋىلارغا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە روھ، قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلىشىپ كلىنىكىدا ئۇيقۇنىڭ نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئارتۇق بولۇش ۋە كۈچلۈك غىدىقلىنىشلارغىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

كېسەللىك سەۋەبى

1. خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىيات مېڭە ۋە نېرۋىلارغا تەسىر قىلىپ، مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئېغىر ئۇيقۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتى ئۆزىنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپىياتى ئارقىلىق مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭە ۋە نېرۋىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي سېزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3. قان خىلىتىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قان خىلىتى سۇيۇلۇپ كەتكەندە مېڭە ۋە نېرۋىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭە ۋە نېرۋىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

4. سىرتقى زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل سىرتقى زەربە تۈپەيلىدىن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئېغىر ئۇيقۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتى

ئېغىر ئۇيقۇ(4)ئۇيقۇ ۋاقتى نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن كۆپ بولىدۇ. يەنى 12~9 سائەتتىن ئارتۇق بولىدۇ، سىرتقى غىدىقلىنىشلارغىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ، ئويغاتماق ناھايىتى قېيىن بولىدۇ ياكى ئويغاتقىلى بولمايدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتى سۇسلىشىدۇ، ئۇنۇتقاقلىق بولىدۇ، بېشى ئېغىر بولىدۇ، باش قايىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل خىلىتنىڭ غالىبلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

دىئاگنوز قويۇش

تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇيقۇ پەرقلەندۈرۈلىدۇ، نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن ئارتۇق بولۇش، كۈچلۈك غىدىقلىنىشلارغا ئىنكاسى بولماسلىق، ئويغاتماق قىيىن بولۇش، ئەقلىي قابىلىيىتى سۇسلىشىدۇ، ئۇنۇتقاقلىق ئېغىر بولۇش، باش ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوز 

ھوشسىزلىنىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ھوشسىزلىنىشتىكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىش، قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسلەلىكنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىش، شۇنداقلا ھوشسىزلىنىش تۇيۇقسىز يۈز بېرىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل مىزاج ۋە خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

خىلىتسىز ھۆل سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

جىنتىيانا، ھەببۇلغار، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە 20 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسىدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە تەرياق تەييارلاپ، بىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 1~0.5 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.

سوزاپ، ئاقىر قەرھا، سەمغى ئەرەبى، قىچا قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈل يېغى، سوزاپ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلىنىپ باشقا چېپىلىدۇ.

قۇندۇز قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ، سوزاپ يېغى، گۈل يېغى ۋە بابۇنە يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باش ۋە پۇت ياغلاپ بېرىلىدۇ.

ئىپار، قۇندۇز قەھرى، ئىگىر پۇراپ بېرىلىدۇ.

شەھمەنزەل ئىككى گرام، غارىقون، ئەفتىمۇن 1.5 گرامدىن، تۇربۇت ئۈچ گرام، مۇقەل بىر گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە ھەب ياساپ، كۈندە بىر قېتىم، ئەتىگەندە تاماقتىن كېيىن بىر دانىدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

تۇز بىلەن تېرىقنى قورۇپ باش ساھەسىگە تېڭىلىدۇ.

ئۈچ گرام قۇندۇز قەھرى بىلەن بىر گرام شەھمەنزەلنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەب تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن بىر دانىدىن مائۇل ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.

تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۇد سەلىب ئاسارۇن، ئاقىر قەرھا قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارغا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى  قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ سۇيۇلۇپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قاننى جانلاندۇرۇش، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىلىشنى تېزلىتىش، قاننىڭ نورمال يېپىشقاقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ماددەتۇل ھايات كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەنجىباھار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ سۇفۇپى خونسىياۋشان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى كەھرىۋا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن؛ ئانار چىچىكى گۈلقەننى كۈندە ئۈچ قېتىم، 20 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن؛ مەجۇنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم؛ تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ ئىتىرىفىل كەبىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ماددەتۇل ھايات كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

كېسەللىك پەرۋىشى

كۆپ ئۇخلاشتىن، سوغۇق سۇ ئىچىشتىن، مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ يېيىشتىن، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، كۆپ چارچاشتىن، مەست قىلغۇچى بۇيۇملارنى ئىستېمال قىلىشتىن، غەم-ئەندىشە ۋە ئاچچىقلىنىشتىن، سوغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن، سوغۇق مۇھتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىش، ھاۋالىق، يورۇق ئۆيدە مۇۋاپىق ئارام ئېلىش لازىم.

يىمەكلىك ساغلاملىقى

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: كەكلىك گۆشى، قۇچقاچ گۆشى، باچكە گۆشى، پاقلان گۆشى، كىيىك گۆشى، يارما ئاش، نوقۇت ئېشى، ئۈگرە، پىننە، دارچىن، زەنجىۋىل، چامغۇر، سەۋزە، پالەك، پەمىدۇر، قىزىلچا، ياڭاق، خورما قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.[0]

ئۇيقۇسىزلىقھەرخىل سەۋەبلەردىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ دائىم قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى ۋە نېرۋىلارنىڭ سىزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشى بىلەن كلىنىكىدا ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ئۇيقۇسىزلىق ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «بىخوابى، بىيدارى» دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى

1. خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات باشتىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە زىيادە تەسىر قىلغاندا ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تەسىرى بىلەن نېرۋىلاردىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇپ، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن مېڭە نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىشى ۋە نېرۋىلارنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات باشتىكى توقۇلمىلارغا تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ۋە چىقىرىندى ماددىلار تۇرۇپ قېلىپ، نېرۋىلارنى ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە، ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى ئارقىلىق مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىش ياكى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق مېڭە نېرۋىلارنى غىدىقلاپ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. شورلۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى باشتىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى سۇيۇقلۇقنى قويۇلدۇرۇپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، مېڭە، نېرۋىلارنى غىدىقلاپ روھىي نەپسانىينىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى كۈچىيىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي، خىلىت يەرلىك ئورۇندىكى ئىنچىكە قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چۈشۈپ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ چىقىرىندى ماددىلار مېڭە ۋە نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. پاسسىپ روھىي ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىقئاچچىقلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، زىيادە چارچاش قاتارلىق روھىي ئامىللار روھىي نەپسانىينىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقى ۋە چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ، ئۇيقۇدىن يېتەرلىك لەززەت ئالالمايدۇ، كۆپ ئويغىنىدۇ، كۆپ چۈش كۆرىدۇ، چارچايدۇ، ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ئورۇقلايدۇ، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىدۇ، تېرىلەر قۇرغاقلىشىدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتقا ئالاقىدار ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

دىئاگنوزى

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇيقۇسى ئاز بولۇش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، كۆپ ئويغىنىش، كۆپ چۈش كۆرۈش، چارچاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش، تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن ئىلگىرى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق مۇھىتتا تۇرغانلىق ياكى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

ئاقىۋىتى

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ياخشى داۋالاشقا ئېرىشەلمىسە ھەر خىل روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسىز تۇرغاندا نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ دائىم قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى سەۋەبىدىن مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بۇزۇلۇپ، روھىي نەپسانىينىڭ ئايلىنىشىقالايمىقانلىشىپ روھىي ئەسەبىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

ئۇيقۇسىزلىق1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا ھارارەت پەسەيتىش، سوۋۇتۇش، ھۆللۈك يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

گۈلبىنەپشە، نېلۇپەر، ئۇسۇڭنىڭ ھۆل يوپۇرمىقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 20 گرامدىن، كۆكنار شاكىلى 10 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، ئىلىمان ھالەتتە باشنى يۇيۇشقا بېرىلىدۇ.

قاپاق يېغىنى ئوغۇل تۇغقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.

بابۇنە يېغى، قاپاق يېغى، بادام يېغى بىلەن پېشانە، چېكە ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

گۈل يېغى، نەرگىس يېغى، سەۋسەن يېغى قاتارلىقلارنى ئايال كىشىنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پېشانىگە چېپىلىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قىزىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەفتىمۇن، بىنەپشە، قىزىلگۈل ئالتە گرامدىن، بەدىيان 21 گرام، بادىرەنجى بۇيا 9 گرام، گاۋزىبان يوپۇرمىقى 12 گرام، شېكەر 90 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بولىدۇ.

ئاقلانغان ئارپا، بىنەپشە، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، ىەشىاش، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، بابۇنە ئالتە گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

بادام يېغى، قاپاق يېغى، بىنەپشە يېغى سەۋسەن يېغى بىلەن چېكە، پېشانە ساھەسى ياغلاپ بېرىلىدۇ.

بادام يېغى، قاپاق يېغى، كۆكنار يېغى ھەربىرىنى 10 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىدىن 20 مىللىلىتىر ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى چىكە ياغلاپ بېرىلىدۇ.

نېلۇپەر، بىنەپشە، گۈلسەۋسەن، بابۇنە، قەلەمپۇرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

ئەفتىمۇن، ئىتئۈزۈمى 6 گرامدىن، بادىرەنجى بۇيا 9 گرام، گاۋزىبان يوپۇرمىقى 12 گرام، بەدىيان 3 گرام، سەرپىستان 30 دانە، شېكەر 120 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بولىدۇ.

بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا50 مىللىلىتىردىن؛ خەشخاش شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىتىردىن؛ نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىچىشكە بولىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ يېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن گاۋزىبان، بادىرەنجى بۇيا، ئۇد سەلىب، پەرەنجىمىشكى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرى دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى تازىلىنىدۇ.

شورلۇق بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭە خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن پەرەنجىمىشكى، رەيھان ئۇرۇقى، بادىرەنجى بۇيا قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى  قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا80 مىللىلىتىرىدن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، شورلۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئۇد سەلىب، پەرەنجىمىشكى، رەيھان ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى دورىلارغا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ ئارتۇق سەۋدا خىلىتى تازىلىنىدۇ.

مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن؛ دائىلمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن؛ ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ رەيھان جەۋھىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا12 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىدىغان زىيادە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى ھۆل ئىسسىق ۋە ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەر تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، مەسىلەن: باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، كەكلىك گۆشى، پاقلان گۆشى، كىيىك گۆشى، كۆك ماش، ئارپا ئېشى، شويلا، پالەك، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سېمىز ئوت، سەۋزە، چامغۇر، پەمىدۇر، كەرەپشە، قاپاق، بېدە، ئالما، ئۈجمە، ئانار، ئەنجۈر، قوغۇن، ئۆرۈك، نەشپۈت، ئامۇت، شاپتۇل، تاۋۇز، بانان قاتارلىقلار تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك، كۆپ چارچاش، غەم-ئەندىشە، ئاچچىقلىنىش، ئىسسىق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېچىسى خىزمەت قىلىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش لزىم.

4. كۈندۈزى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، ئىلمان سۇدا كۆپرەك يۇيۇنۇش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، دەم ئېلىش بىلەن خىزمەتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، چوقۇم دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.
3.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#