بولىۋار

بولىۋار

بولىۋار دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ۋاشىنگون دەپ تەرىپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەتنى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلىش ھەرىكتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ بەش دۆلەت: كولۇمبىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋادور، پېرو ۋە بولىۋىيە. ھېچقانداق بىر سىياسىئون چوڭ قىتئەدە بولۋاردەك چوڭ رول ئويناپ باققان ئەمەس. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى بولىۋار
باشقا نامى Simón Bolívar
تۇغۇلغان ۋاقتى 1783-يىلى
كەسپى سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 西蒙·玻利瓦尔
دۆلەت تەۋەلىكى ۋېنېسۇئېلا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1830-نڭھن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بولىۋاربولىۋار دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ۋاشىنگون دەپ تەرىپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەتنى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلىش ھەرىكتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ بەش دۆلەت: كولۇمبىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋادور، پېرو ۋە بولىۋىيە. ھېچقانداق بىر سىياسىئون چوڭ قىتئەدە بولۋاردەك چوڭ رول ئويناپ باققان ئەمەس. 

بولىۋار 1783-يىلى ۋېنسېئۇئېلادا ئىسپانىيە قانداشلىقى بار يەرلىك بىر ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. توققۇز يېشىدا ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كېتىپ، يېتىملىك دەردىنى بولۇشىچە تارتقان، ياش ۋاقتىدا فرانسىيە پەلسەپىۋى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، لوك، رۇسسو، ۋولتېر ۋە مونتېسليۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. 

بولىۋار ياۋرۇپادىكى نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلغان. 1805-يىل ئۇر رىمدا رافىنتىن تۆپىلىكىنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ: ۋەتىنىمنى ئىسپانىيە ئاسارىتىدىن ئازاد قىلمىغۇچە كۈرەشنى توختاتمايمەن، دەپ قەسەم بەرگەن. 

1808-يىلى ناپالىئون ئىسپانىيە گە باستۇرۇپ كىرىپ، ئىنىسىنى ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قويىدۇ. بۇ ۋەقە ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى. 

بولىۋار1810-يىلى سېنېسۇئېلادىكى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانى ئېلىپ تاشلانغاندا، ۋېنېسۇئېلا رەسمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇ يىلى بولىۋار ئىنقىلابىي قوشۇنىنىڭ ھەربىي قوماندانى بولدى. بىراق ئىككىنچى يىلى ئىسپانىيە قوشۇنلىرى قايتىدىن باستۇرۇپ كېلىپ، يەنە بىر قېتىم ۋېنېسۇئېلاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئىنقىلاب داھىيىسى مىراندا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، بولىۋار چەت ئەلگە قېچىپ كېتىدۇ. 

كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۇرۇشلار پارتىلىدى. ئۇرۇش 1819-يىلىغىچە داۋام قىلدى، بولىۋار كىچىك بىر تۈركۈم قوشۇننى باشلاپ، جىلغىدىن ئۆتۈپ، ئاندىس تېغىغا چىقىپ، كولومبىيىدە تۇرۇشلۇق ئىسپانىيە قوشۇنىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ، 1819-يىل 8-ئايدا بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدە تولۇق غەلىبە قىلىدۇ. 1821-ۋە 1822-يىللىرى، ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئېكۋادور كەينى-كەينىدىن ئازاد بولىدۇ. 

بۇ جەرياندا ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال سان-مارتىن ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقى قولىدىن ئارگېنتىنا بىلەن چىلىنى ئازاد قىلدى ھەمدە پېرونى ئازاد قىلىشقا بەل باغلىدى. 1822-يىل يازدا، بولىۋار بىلەن سان-مارتىن ئېكۋادورنىڭ كىۋاياكېر شەھىرىدە ئۇچراشتى، بىراق ھەمكارلىشىپ ئىسپانىيىلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا شەرتنامە تۈزۈشەلمىدى، چۈنكى سان-مارتىنننىڭ بولىۋارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغۇسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغۇسىمۇ يوق ئىدى، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا پەقەت ئىسپانىيەلىكلەر خۇشال بولاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپ، رەھبەرلىك ئورنىنى تاشلاپ، ئاخىرىدا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن چىقىپ كەتتى. 

1824-يىلى بولىۋارنىڭ قوشۇنى ھازىرقى پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازات قىلدى. 1925-يىلى ئۇ ئۈستۈن پېرودىكى ئىسپانىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى، مانا بۇ زېمىن ھازىرقى بولىۋىيە شۇ. 

بولىۋار ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئانچە كۆپ مۇۋۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. بولىۋار ئامېرىكىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندەك جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرمەكچى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ۋېنېسۇئېلا، كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغانىدى. بولىۋار زۇڭتۇڭ سايلاندى ھەمدە ئۈچ قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەپسۇسكى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە مەركەزدىن قېچىش كۈچى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىكى زېمىندىن كۆپ زور ئىدى. 1826-يىلى بولىۋار لاتىن ئامېرىكا قىتەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەت قاتناشقانىدى. نەتىجە بۈيۈك كولۇمبىيە دۆلىتى پارچىلىنىشقا باشلاپ، ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ كەتكەن. 8301-يىلى ۋېنسۇئېلا بىلەن ئېكۋادور چېكىنىپ چىققان. ھەمدە بەزىلەر بلىۋارنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بولىۋار تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلىپ، 1830-يىل 5-ئايدا زوڭتۇڭلۇقتىن ئىستىپا بەردى. 1830-يىل 12-ئايدا، بولىۋارنىڭ روھىي سۇنۇپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ناھايىتى نامراتلىق ئىچىدە، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.

بولىۋار يۈكسەك قابىلىيەتلىك كىشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى زۆرۈرىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ھاكىممۇتلەقلىك تۈزۈمىنى تاللىغان. بىراق سىناققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ھاكىممۇتلەقلىكتە چىڭ تۇرۇۋالمىدى، ئۇ ئومۇمىڭ مەنپەئىتى ۋە غايىۋى دېموكراتىيە ئۈچۈن، ئۆز نەپسىنى تارتىپ، ئاخىرى مۇتلەق ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. بىر قېتىم ھۆكۈمرانلىقنى ئۇنىڭغا بەرگەندەم، ئۇ رەت قىلدى. ئۇنىڭچە «ئازات قىلغۇچى» دېگەن نام پادىشاھ دېگەن نامدىن ياخشى ئىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#