بۇغا قېنى

بۇغا قېنى

بۇغا قېنىنىڭ بەدەن ئاجىزلىقىنى تۇگىتىپ قاننى تولۇقلايدۇ،ئەرلىك ئۇرۇقنى كۇپەيتىدۇ. بۆرەكنى باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈت، مەنىينى كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى بۇغا قېنى
ئەرەبچە نامى دەمۇئۇللايىل
ئىنگلىزچە Deer Blood
تونۇش بۇغىلارنى بوغۇزلىغاندا تۇز سۈيى قۇيۇلغان داسقا يىغىپ يېغىلغان قېنى
خەنزۇچە نامى 鹿血lu xue
پارسچە نامى خۇنى گاۋزەن
ئوردۇچە نامى خۇنى گاۋزەن
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىپار بۇغا Cervus Nippon Temminck  ،قارا تايغان Cervus elephus بۇغىلارنى بوغۇزلىغاندا تۇز سۈيى قۇيۇلغان داسقا يىغىپ يېغىلغان قېنى.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

 كالتىسى، ماگىنى،ۋە باشقىلارنى تۇتىدۇ .

ئورۇنباسارى 

يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى .

تۈزەتكۈچىسى

تەرەنجىبىن ،مىۋە شەربەتلىرى ،شىكەر .

 بەدەن ئاجىزلىقىنى تۇگىتىپ قاننى تولۇقلايدۇ،ئەرلىك ئۇرۇقنى كۇپەيتىدۇ. بۆرەكنى باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈت، مەنىينى كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.

1. بۆرەككە بولغان تەسىرى. 2. بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرى. 3. جىنسىي ھورمۇنغا بولغان تەسىرى.

قان ئازلىق،نېرۋا ئاجىزلىقى،مەنى تۇتالماسلىق، ياشانغان كىشىلەرنىڭ يۇرىكى قوزغۇلۇ، (خافىقانى قەلىپ) ئۇيقۇسىزلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. بۇغا قېنى، شاقاقۇل، سۆئىلەپ مىسىرى، بادام مېغىزى، ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سىپۇپ تەييارلاپ يېسە قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى ئۇيقۇسىزلىق ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. بۇغا قېنى، ئاقىرقارھا 12 گرام، پىستە مېغىزى چىلغوزا مېغىزى 30 گرام ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن مەجۇن تەييارلاپ يېسە مەنىي تۇتالماسلىققا شىپا  بولىدۇ.

3. بۇغا قېنى،ئاق سەندەل، قىزىل گۈل، مەرۋايىت قاتارلىقلاردىن 5 گخرامدىن ئېلىپ سىپۇپ تەييارلاپ يېسە يۈرەك قوزغۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ

بۇغىلارنى بوغۇزلىغاندا تۇز سۈيى قۇيۇلغان داسقا يىغىپ يېغىلغان قېنىنى تۇز سۇيى بىلەن بىللە تىلىپ –تىلىپ ھاۋا ئۇتىشىپ تۇرىدىغان جايدا قۇرۇتىلىدۇ. [0]



تەرەنجىبىن ،مىۋە شەربەتلىرى ،شىكەر .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=232

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#