مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى

مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى

ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش سەۋەبىدىن 1982-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ 74 كۈن كەسكىن ئۇرۇش قىلغان. بۇ ئۇرۇش مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى بۇلۇپ ئەنگلىيە-ئارگېنتىنا مالۋىناس ئارىلى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلدۇ.

نامى مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئەنگلىيە، ئارگېنتىنا
ۋاقتى 1842-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈندى 6-ئاينىڭ 14-كۈنگىچە
خەنزۇچە نامى 马尔维纳斯群岛战争
باشقا ئاتىلىشى فالكلاند تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى، ئەنگلىيە-ئارگېنتىنا مالۋىناس ئۇرۇشى
ئورنى مالۋىناس تاقىم ئارىلى
نەتىجىسى ئەنگلىيە غەلبە قىلغان ھەمدە تاقىم ئاراللىرىنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشىجەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئارگېنتىنا شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا 450 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارال چوڭ مالۋىناس ئارىلى، سولېداد ئارىلى ۋە بەزى كىچىك ئاراللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 12 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 1900 دىن ئاشىدۇ (1984-يىلى)، بۇنىڭ %97 ى ئەنگلىيىلىكلەر. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيەلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى بايقاپ، ئۇنىڭغا فالكلاند تاقىم ئارىلى دەپ نام قويغان.

مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى 1764-يىلى فرانسىيەلىكلەر بۇ ئارالدا مەھەللە قۇرۇشقا باشلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا مالۋىناس دەپ نام قويغان. 1767-يىلى فرانسىيە ئۇنى ئىسپانىيەگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 1816-يىلى ئارگېنتىنا ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ، بۇ ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيە ئەۋەتىپ، ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلىگەن. 1883-يىلى ئەنگلىيە ئالدى بىلەن بۇ تاقىم ئارالنى بايقىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ مەجبۇرىي ئىگىلىۋالغان. شۇڭا، مالۋىناس ئارىلىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش بولغان، بۇ تالاش-تارتىش ئۇزاققىچە ھەل قىلىنماي كەلگەن.

مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى 1982-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئارگېنتىنا دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەسىدىن 4000 دىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرىپ مالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بۇ ئارالدىكى ئەنگلىيە ئارمىيەسىنى تارمار قىلىپ، مالۋىناس ئارىلىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇدرەتلىك بىر ئەنگلىيە ئالاھىدە دېڭىز فلوتى بۇ ئارالغا يېتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭ قىلدى. ئارگېنتىنا بۇنىڭغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، 80 نەچچە ھەربىي پاراخوت ۋە 200 ئايروپىلان چىقاردى؛ ئەنگلىيە ئىككى ئاۋىئاماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوت 140 ئايروپىلان ۋە 27 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقاردى. بۇ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى كۈچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئېلېكترونلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئىلغار قوراللارنى ئىشلىتىپ، زامانىۋى چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئاستى پاراخوتى بېلىق مىناسى بىلەن ئارگېنتىنا ئارمىيەسىنىڭ 10 مىڭ تونناژلىق «گېنېرال» ماركىلىق كرېيسېرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئارگېنتىنا ھاۋا ئارمىيەسى فرانسىيەدە ئىشلەنگەن «ئۇچار بېلىق» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ «شېفىرد» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى.5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققىندا، ئارگېنتىنا ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلەك قارشىلىقغا ئۇچىردى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مالۋىناس ئارىلىنى ساقلاۋاتقان ئارگېنتىنا ئارمىيىسىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. 14-كۈنى ئارگىنتىنا ئارمىيىسى تەسلىم بولدى، شۇ كۈنى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى ھاسىل قىلدى. 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيەسى مالۋىناس ئارىلىنى يېڭىۋاشتىن ئىگىلىۋالدى. ئارگىنتىنا ئارمىيەسى چىكنىپ چىقىپ كەتتى. 

مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشى6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيەسى مالۋىناس ئارىلىنى ساقلاۋاتقان ئارگېنتىنا ئارمىيەسىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. 14-كۈنى ئارگېنتىنا ئارمىيەسى تەسلىم بولدى، شۇ كۈنى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمى ھاسىل قىلدى. 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيەسى مالۋىناس ئارىلىنى يېڭىۋاشتىن ئىگىلىۋالدى. ئارگېنتىنا ئارمىيەسى چىكنىپ چىقىپ كەتتى. 

مالۋىناس تاقىم ئارىلى ئۇرۇشىبۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ۋەزيىتىگە، شۇنداقلا دۇنيا ۋەزيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتن. ئۇرۇش مەغلۇبىيىتى ئارگېنتىنانىڭ سىياسى ۋەزيىتىنى داۋالغۇتىۋەتتى. كارتىل زۇڭتۇڭ ئىستىپا بەردى، بىر قىسىم گېنېراللارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى. ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلبىسى گەرچە باش ۋەزىر ساچىر خانىمنىڭ مەمىلكەت ئىچىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيەنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نەزىردىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى. ئۇرۇش  مەزگىلىدە پۇتۇن دۇنيا روشەن دەرىجىدە ‹جەنۇب بىلەن شىمال قارشىلىشىش› تەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيەگە يان باسقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى  مۇناسىۋەت يامانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر اقىتتا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تىنچ ئوكياندىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بۇ قېتىمقى دېڭىز، ھاۋا ئۇرۇشى باشقۇرۇلدىغان بومبا ئاساسىي قورال قىلىنغان ستېرېئوللۇق زامانىۋى دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئۇرۇش سەۋيىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئارگېنتىنا ئوتتۇرسىدىكى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگلىك ھۇقۇقىنىڭ تەۋەلىك مەسلىسى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىش ھېلىغىچە ھەل بولماي كەلدى.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#