شۈەنيې تەلىماتى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
« شۈەنيې تەلىماتى » جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى كائىنات تەلىماتىدۇر، بۇنىڭدىن « ئاسمان » شەكىلسىز بولۇپ، ئاسمان گۈمبىزى تەلىماتىدا دېيىلگەندەك گۈمبەزسىمان ئەمەس، ئاسمان شارى تەلىماتىدا دېيىلگەندەك قاتتىق قېپى بارمۇ ئەمەس، ئۇ چەكسىز ئىگىز ۋە يىراق بوشلۇق بولۇپ، كۈن، ئاي، يولتۇزلار ھەرقانداق نەرسىگە يىپىشىپ تۇرمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ « ھاياتى كۈچى » ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ ، ئەركىن ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ، بۇ تەلىمات شەكىللىك « ئاسمان گۈمبىزى » تەلىماتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغا ئاغدۇرغۇزىدۇ، شۇڭا بۇ تەلىمات يەنە« چەكسىز بوشلۇق تەلىماتى » دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جوڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ئاددى ھالدىكى چەكسىز كائىنات قارىشىدۇر.
« شۈەنيې تەلىماتى » بىر خىل ئالەم قارىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىستېمىلىق نەزەرىيە بولۇپ شەكىللەنمىدى، بىراق قەدىمكى نۇرغۇنلىغان ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ خىل ئالەم قارىشى ئەكىس ئېتىدۇ. مەسىلەن، يىغىلىق دەۋرىدە يېزىلغان « جۇاڭزى » ناملىق ئەسەردە : « ئاسمان زاردى قايسى رەڭدە ئاسماننىڭ زادى چىكى بارمۇ يوق ؟ » دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن كائىناتنىڭ چەكسىزلىكىگە بولغان قىياسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تاڭ دەۋرىدە ياشىغان ليۇ زۇڭيۈەن « ئاسمان بىلەن دىيالوگ » ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ : «ئاسمان مەركىزى يوق، ھەم چېتىمۇ يوق چەكسىز كائىناتتۇر » دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
« شۈەنيې تەلىماتى » ئالەم قۇرۇلما تەلىماتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بولغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ۋە ھەرىكىتىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، بىراق « شۈەنيې تەلىماتى » جۇڭگونىڭ قەدىمكى چەكسىز كائىنات ئىدىيەسىدە ئالدىنقىلار بىلەن كېيىنكىلەرنى ئۇلاش رولىنى ئوينىغان.
ئۇ چەكسىز كائىنات ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئابىدە.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.