ياپونىيە-روسىيە ئۇرىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى

   روسىيە-ياپونىيە ئۇرۇشى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونىيە بىلەن روسىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ۋە چاۋشيەننى تالىشىش يۈزسىدىن ئېلىپ بارغان جاھانگىرلار ئۇرۇشى، ئۇ ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى، ئەنگلىيە-بور ئۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە ئەركىن كاپىتالىزىمنىڭ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان تارىخى بەلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   ياپونىيە بىلەن روسىيە يېراق شەرقكە خوجايىن بولۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ۋە چاۋشيەننى تالىشىپ شىددەتلىك ئۇرۇش قىلدى. 1895- يىلى ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدا غەلىبە قازانغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى سىمونوسېكى شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىدى. بۇ شەرتنامىدىكى جۇڭگونىڭ لياۋدۇڭ (شەرقىي لياۋنىڭ) يېرىم ئارىلىنى ياپونىيىگە كېسىپ بېرىش توغرىسىدىكى ماددا چارروسىيىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي نېسىۋىسىنى يەۋالغاندەك بىر ئىش ئىدى. شۇڭا، بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىپ، ياپونىيىنى جۇڭگوغا لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستىدى. ياپونىيە بۇ ئىش ئۈچۈن روسىيىگە ئاداۋەت ساقلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە يەنە «چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى» نى تۈزۈپ چىقىپ، چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىش، جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىش، شەرقى ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش غەرىزىدە بولدى. 1900- يىلى روسىيە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى يىخېتۋەن ھەرىكىتىنى باستۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈن شەرقى شىمالىنى قوشۇن چىقىرىپ بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چاۋشيەننى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇندى. روسىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. 1902- يىلى ئەنگلىيە روسىيىنىڭ يېراق شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. گېرمانىيە يېراق شەرقتە روسىيىنى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ياپونىيىنى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتتى. ئامېرىكىمۇ ياپونىيە بىلەن روسىيە ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇشقان ۋە باش كۆزى قان بولۇشقان پۇرسەتتە توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش مەقسىتىدە ياپونىيىنى روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتتى. فرانسىيە بولسا چارروسىيىنى قوللاپ، ئەنگلىيە -ياپونىيە ئىتتىپاقىغا قارشى تۇردى. ھەر قايسى ئەل قاراقچىلىرى پۇت تېپىشىپ، قورساق ئۇرۇشى قىلىۋاتقان شارائىتتا ياپونىيە بىلەن روسىيە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەييارلاندى.

   ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ئارقىسىدا ياپونىيە 1904- يىلى 2-ئاينىڭ 8- كۈنى كېچىدە جەڭ ئېلان قىلمايلا ئۇرۇش قىلىپ، جۇڭگونىڭ لۇشۈن پورتىدا توختىتىپ قويۇلغان روسىيە فلوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. گەرچە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭكىدىن كۆپ بولسىمۇ، ئۇرۇش تەييارلىقى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ھەربىي تېخنىكىسى ئارقىدا قالغانلىقى، ئارقا سەپ تەمىنات لىنىيىسى بەك ئۇزۇن بولغانلىقى، جەڭ مەيدانىدىكى قوماندانلارنىڭ ئىقتىدارسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش داۋامىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋەردى. 1904- يىلى 4- ئايدىن 8- ئايغىچە ياپونىيە ئارمىيىسى لۇشۈن پورتىدا قامىلىپ قالغان روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ ئاساسى كۈچىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى چاۋشيەن ۋە لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا ئوقۇشلۇق ھالدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، شىمالدا شېنياڭغا ھۇجۇم  قىلدى، جەنۇبتا لۇشۈننى قورشىدى. 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى لياۋياڭدا گىرەلەشمە جەڭ قىلدى. جەڭدە ياپونىيە ئارمىيىسى غەلىبە قازاندى ھەمدە 9- ئاينىڭ 4- كۈنى لياۋياڭنى ئىگىلىدى. 8- ئاينىڭ 10- كۈنى ياپونىيە فلوتى خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى شىددەتلىك جەڭدە قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغان روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 1905- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى 48 مىڭ كىشىلىك روسىيە دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىلىرى لۇشۈن پورتى ئاغزىدا ياپونىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى. 3- ئايدا 500 مىڭ كىشىلىك روسىيە قوشۇنى 350 مىڭ كىشىلىك ياپونىيە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا تەڭ كېلەلمەي ئاقا-ئاقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، شىنياڭدىن چېكىنىپ چىقتى. 5- ئاينىڭ 27-كۈنى بۇيرۇققا بىنائەن يېراق شەرق فلوتىغا ياردەمگە ماڭغان روسىيە بالتىق دېڭىزى فلوتى ئۈمۈد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، لەپەڭشىپ ماڭغىنىچە 18 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ سوسما بوغۇزىغا يېتىپ كېلىپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. نەتىجىدە روسىيە فلوتىدىكى 38 كېمىدىن ئاران ئۈچىلا قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈپ چىقىپ كېتەلىدى، قالغىنى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى.

   قاتتىق مەغلۇپ بولغان روسىيىنىڭ ئەمدى يەنە ئۇرۇش قىلىۋېرىشكە مادارى يەتمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئۇرۇش تۈپەيلىدىن مەملىكەت ئىچىدە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىي يۈز بەردى. چار پادىشاھ مەملىكەت ئىچىدىكى بۇ ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيىدىن جىددىي تەرىزدە سۈلھى تەلەپ قىلدى. ياپونىيىمۇ بۇ ئۇرۇشتا مالىيىسىنى ، كۈچىنى پۈتۈنلەي سەرپ قىلىپ بولغاچقا، ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈمۈد قىلاتتى. ياپونىيە بىلەن روسىيە ئامېرىكىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن 1905- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى پورتسمۇت شەرتنامىسىنى تۈزدى، ياپونىيە جۇڭگونىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىغا ۋە روسىيىنىڭ كۇيى ئارىلىنىڭ جەنۇبي قىسىمىغا، شۇنداقلا چاۋشيەننى ئەمەلىي كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ ئۇرۇش جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى خەلقنى ۋە چاۋشيەن خەلقىنى ئېغىر ئۇرۇش ئاپىتىگە دۇچار قىلدى. شۇنداقلا روسىيىدىن ئىبارەت بۇ زور ھەربىي فېئودال ئىمپېريىنىڭ چىرىكىلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#