سۇڭزەن گەنبۇ
سۇڭزەن گەنبۇ ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق سىياسىئون. ئۇ ئۆز ھاياتىدا زاڭزۇ قەبىلىلىرىنىڭ تارقاق، قالاق ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكىمۇ ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇڭزەن گەنبۇ (650-617-يىللار) تۈبۈت خانى لاڭرە زەنپۇنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، 13 يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاتامان بولغان. ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئوقيا ئېتىش ۋە نەزم ئوقۇش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ شىزاڭدىكى قەبىلىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، لوشيې (بۈگۈنكى لاسا) نى پايتەخت قىلىپ، قانۇن تۈزگەن، يېزىق ئىجاد قىلغان، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ۋە ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىپ، پەيدىنپەي تۈبۈتلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزغان، سۇڭزەن گەنبۇ گەرچە ۋەتەننىڭ غەربىدىكى زېمىنىنى ئىگىلەپ، نېپالنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسى نىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە مەدەنىيەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا ناھايىتى ئىنتىلگەن.
جېنگۇەننىڭ 8-يىلى (643-يىلى) سۇڭزەن گەنبۇ تۇنجى قېتىم چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن رەسمىي دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنە ۋەزىرىنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، قۇدىلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن. تاڭ تەيزۇڭ پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان قولى چېۋەر، ئەقىللىق مەلىكە ۋېن چېڭنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا قوشۇلغان. مىلادىيە 641-يىلى، ئۇ نۇرغۇن ئادەم باشلاپ بوخەي (بۈگۈنكى چىڭخەيدىكى جالىڭخۇ) گە بېرىپ كېلىننى كۈتۈۋالغان. مەلىكە ۋېن چېڭ نۇرغۇن قىز مېلى ئالغاچ بارغان، يەنە كىتاب، كۆكتات ۋە ئاشلىق ئۇرۇقى دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنىمۇ ئېلىۋالغان، ئۇنىڭدىن باشقا توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىككە ماھىر ئوردا كېنىزەكلىرى بىلەن پىشقان ھۈنەرۋەنلەرنى بىللە ئالغاچ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، زاڭزۇلار خەنزۇلارنىڭ ياردىمىدە، بارا-بارا مېتال تاۋلاش، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساش، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، ھاراقچىلىق، قەغەزچىلىك تېخنىكىلىرىنى ئىگىلەپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان. سۇڭزەن گەنبۇ يەنە تۈبۈت ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى چاڭئەنگە بىلىم ئېلىشقا ئەۋەتكەن ھەمدە تاڭ سۇلالىسىدىن بىر قىسىم ئۆلىمالارنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. مەلىكە ۋېن چېڭ يۇقىرىقى تۆھپىلىرى بىلەن، زاڭزۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، زاڭزۇلار ئۇنى يېقىن كۆرۈپ، «خەنزۇ ھەدە» دەپ ئاتاشقان.
سۇڭزەن گەنبۇ تاڭ سۇلالىسى گە قارىتا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تاڭ تەيزۇڭ بىلەن «خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيە بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، زاڭزۇلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.