كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى

كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى

 كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2300 مېتردىن 3400 مېتىرغىچە ئېگىز، كۆلىمى 8400 گېكتار كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى
كۆلىمى 8400 گېكتار
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق
خەنزۇچە نامى 库车县大龙池
ئورنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيە تەۋەسىدە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونىكۇچا چوڭ كۆل مەنزىرە رايونى كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2300 مېتردىن 3400 مېتىرغىچە ئېگىز، كۆلىمى 8400 گېكتار كېلىدۇ. مەنزىرە رايون تەلەمەت داۋىنى تونىلى، تەلەمەت 17 ئايلانما داۋىنى، چوڭ كۆل، كىچىك كۆل، كۆل شارقىراتمىسى، قورغان، تىكىلىك، چىرايلىق، زەدىۋال قاتارلىق مەنزىرە رايۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنزىرە رايونىدىكى قويۇق ئوت – چۆپلەر، گۈل – گىياھلار ، بۇلۇتقا تاقاشقان قارلىق چوققىلار، ئاق كىگىز ئۆيلەر قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ يەر يازدا سالقىن بولۇپ، ئارام ئېلىشقا، سەيلە – ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ باپ كېلىدۇ.

تەلەمەت داۋىنى

تەلەمەت داۋىنى كۇچانىڭ 164 كىلومېتىر شىمالىدىكى تەڭرىتاغ ئومۇرتقىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتردىن 3600 مېتىرغىچە ئېگىزبولۇپ، تاغ چوققىسىدا يىل بويى قار – مۇز ئۆكسىمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپى تىك قىيا بولۇپ، مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، يەنە بىر تەرىپى ئېدىرلىق تاغ ئېغىزى. 217 – دۆلەت تاشيولى كۇچا – مايتاغ تاشيولى مۇشۇ يەردىن 17 ئەگمە بىلەن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ. داۋاندا مەنزىرىلىك جايلار ناھايىتى كۆپ، يولنىڭ شەرقىدىكى جىلغىلاردا بۇلۇتقا تاقاشقان قويۇق شەمشادلىق بار، تاغدا ئوت – چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ئوتلاقلاردا چارۋا ماللار يايلايدۇ، تاغلار ئارىسىدا ئاق بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرۈيدۇ.

چوڭ كۆل

    چوڭ كۆل كۇچانىڭ 150 كىلومېتىر شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا بولۇپ، 217 – دۆلەت تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان. ئۇ تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سۇ بۆلگۈچ چوققىنىڭ جەنۇبىدىكى چوققىلار ئوراپ تۇرىدىغان چوڭ، كىچىك ئىككى كۆلدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلار ئېگىز تاغدىكى قارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان تەبىئىي كۆل بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىر ئېگىز، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلىقى 2500 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 1000 مېتىر، تۆت ئەتراپى قارلىق چوققىلار بىلەن ئورالغان، شەمشادلار بوي تارتىپ كۆككە تاقاشقان بولۇپ، ئەتراپى بۈك باراقسان ئورمانلىق، كۆل سۈيى تەلەمەت داۋىنى ۋە كىچىك مۇزلۇقلاردىن چۈشىدۇ. چوڭ كۆلنىڭ شەرقى تۈزلەڭلىك بولۇپ، گۈل – گىياھلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، كۆلنىڭ سۈپ – سۈزۈك سۈيىدە قارلىق چوققىلارنىڭ شولىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. بۇلۇتلار، قارلىق چوققىلار، قارىغايلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغان بولۇپ، ‹‹تەڭرىتاغدىكى مەرۋايىت›› دەپ تەرىپلىنىدۇ.

كىچىك كۆل

    كىچىك كۆل كۇچانىڭ 148 كىلومېتىر شىمالىدىكى تاغلىق رايونغا، چوڭ كۆلنىڭ غەربىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 2320 مېتىر ئېگىز، كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر. چوڭ كۆلنىڭ سۈيى سىرغىپ كىچىك كۆلگە چۈشىدۇ، ئاندىن شارقىراتما ھاسىل بولۇپ دەرياغا قۇيۇلىدۇ.

شارقىراتما

    شارقىراتما كۇچانىڭ 142 كىلومېتىر شىمالىغا، 217 – دۆلەت تاشيولىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 2320 مېتىر ئېگىز، چوڭ، كىچىك كۆللەر سۈيىنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن، شارقىراتمىنىڭ كەڭلىكى 3.0 ~ 1.2 مېتىر، يانتۇلۇقى تەخمىنەن 50 مېتىردىن ئاشىدۇ. مۇزلۇق تاغ جىلغىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ جىلغىغا چۈشۈپ، 100 مېتىردىن ئارتۇق تېز ئېقىم شەكىللەندۈرۈپ، ئۆركەشلەپ ئېقىپ كۇچا دەرياسىنىڭ تارمىقىغا قوشۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#