قاندالا

قاندالا

بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قاندالانىڭ يىلتىزسىمان غولىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تەرلىتىش، ئەسۋىلەرنىڭ تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەللەرنى تارقىتىش رولىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قاندالا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 升麻

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قاندالانىڭ يىلتىزسىمان غولىدىن ئىبارەت.

1.ئاجىرالمىسى ياكى تەركىبىدىكى  isoferulic acid نىڭ ساغلام چوڭ چاشقاننىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بولۇپ، چاشقاننىڭ قىزىتمىسىنى پەسەيتىدۇ.

2. سۇدىكى قاينىتىلمىسى ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش ۋە دۆۋلىنىشكە قارشى تۇتۇش رولى بار.

3. ئىسپىرتلىق ئاجىرامىسىنىڭ كاربون تۆت خىلورىد پەيدا قىلغان چوڭ چاشقاننىڭ جىگەر زەخىمىسىنى قوغداش رولى بار.

4. يۈرەكنى تورمۇزلاش، يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، تەندىن ئايرىلغان ئۈچەي ۋە ئىچىدە تۆرەلمە بولغان بالىياتقۇنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە. لېكىن ئىچىدە تۆرەلمە بولمىغان بالىياتقۇنى قوزغىتىش تەسىرى بار.

5. سىل تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن بىر قىسىم تېرە زەمبۇرۇغلىرىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تەرلىتىش، ئەسۋىلەرنىڭ تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەللەرنى تارقىتىش.

ھەر خىل تەپ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، چىش مىلىكىنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى، ئېغىز جاراھەتلىرى، گال ئاغرىقى، تارقىلىشچان زۇكام، تىلما، كېزىك، ئۇزۇن ۋاقىت ئىچى سۈرۈپ مەقئەت چىقىپ قېلىش، بالىياتقۇ چىقۇقى، ھەيز كۆپ كېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قاندالانى قاينىتىپ، سۈيىدە ئېغىز چايقىسا، بەدەننى ۋاننا قىلسا ياكى يۇسا، ئېغىز يارىسى، چىش مىلىكى ياللۇغى، بەدەن ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3~9 گىرامغىچە.

كۆپ مىقداردا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشكە ۋە قىزىلنىڭ ئەسۋىسى تېرىگە تېپىپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

شاھتەررە.

كەت ھىندى.

خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لىياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

مەتبۇخى قاندالا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#