قوي يېغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھايۋان قوي نىڭ يېغى بولۇپ، «قوي يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تويۇنغان ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىدە پالمىتىك كىسلاتا (Palmitic acid) بىلەن سىتېئارىك كىسلاتا (Stearic acid) بار، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىق ئولئېك كىسلاتاسى (Oleic acid) بار، قوينىڭ تېنىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ تەركىبىدە %4 مىرىستىك كىسلاتاسى (Myristic acid)، %28.3 پالمىتىك كىسلاتا، %50.8 ئوكتادىكا كىسلاتاسى (Octadecadienoic acid) قاتارلىقلار بار. قوي مېيى بىلەن كالا مېيىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن قوي مېيى نىسبەتەن قاتتىق ھەم تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى كۆپ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
بەدەندە ياغ پەيدا قىلىش، سەمرىتىش، تېرىنى قۇۋۋەتلەش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش.
بەدەن ئۇرۇقلاش، ئىچى سۈرۈش سەۋەبىدىن بولغان ئۈچەي چىقىپ قېلىش، تۇغۇتتىن كىيىنكى قۇرساق مۇجۇپ ئاغرىش، يۈزدىكى داغ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. قوينىڭ يېغىدا ھالۋا تەييارلاپ يەپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
2. تاماققا قوي يېغىنى ئېرىتىپ تېمىتىۋېتىپ يېسە ياكى تاماقنى قوي يېغىدا ئېتىپ يېسە، ئىچى سۈرۈشتىن بولغان ئۈچەي چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا.
قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ، قاندىكى ماي ماددىسىنى ئۆرلىتىدۇ.
ھەسەل سۈيى.
كالا يېغى.
دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.