جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى

جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى

جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ بۇرچىن ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، باغچە ئاساسلىقى تاغ تىزمىسى ۋە ئالتاي تېغىدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ھالەتتە بولۇپ، ئىككى چوڭ ئېقىمنى ھاسىل قىلىدۇ، يەر شەكلى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قىيسايغان.

ئۇيغۇرچە نامى جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى
ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى
كۆلىمى 38985 گېكتار
خەنزۇچە نامى 贾登峪国家森林公园
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000~3000 مېتىرغىچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسىجايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ بۇرچىن ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، باغچە ئاساسلىقى تاغ تىزمىسى ۋە ئالتاي تېغىدىن جەنۇبقا سوزۇلغان ھالەتتە بولۇپ، ئىككى چوڭ ئېقىمنى ھاسىل قىلىدۇ، يەر شەكلى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قىيسايغان بولۇپ، تاغلار ئېگىز-پەس ھەم بىر قەدەر چوڭ، پۈتكۈل تاغ تىزمىسى سىرتقا قاراپ كېڭىيىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ بارىدۇ، تاغ ئېتىكىدىن تاغ چوققىسىغىچە، دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرى بولغان پەلەمپەيسىمان يەر شەكلى ئىپادىلىنىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1600 مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500 مېتىردىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا تاغلىق بەلۋاغ رايونى بار بولۇپ، يەر شەكلى كېڭەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى قويۇق ئورمان، پايانسىز يايلاق، ئـەگـرى-تـوقـاي تـاغـلار ۋە ئوتلاقلار بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن، شىنجاڭنىڭ تىپىك ھاسىل بولغان تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچ ئالاھىدىلىككە ئىگە. دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىردىن تۆۋەن بولغان پەس تاغ جىلغا بەلبېغى بار، يەر شەكلى تار ھەم تىك قىيالىق بولۇپ، تىك يار، چوڭقۇر جىلغا، خەتەرلىك ساھىللار ۋە دەريا قاتارلىقلار سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىر ئۇزۇن كارىدورنى شەككىلەندۈرگەن. ئالتاي تېغى ئورمان رايونىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 38985 گېكتار.

جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسىباغچا ئىچى بۈك-باراقسان يېشىل قارىغاي، ئاق قېيىن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر، گۈل-چىچەكلەر بىلەن قاپلانغان. تاغ جىلغىسى، ئورمان ۋە ئوتلاق ئوتتۇرىسىدا قۇشلار سايرايدۇ، ھەسەل ھەرىسى، گۈل، ئەتىۋارلىق ئۇچار قۇشلاردىن بار. باغچا قەدىمىي مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەنزىرىسى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن.

جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تاغ-دەريا، ئورمان ۋە يايلاق مەنزىرىسى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قەدىمىيلىكى تىپىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. جايدىڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى ئورمان، يايلاق، دەريا،جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل بىر مۇنبەت گۆھەر زېمىن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#