سەيلى يېزىسى

سەيلى يېزىسى

سەيلى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى سەيلى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 13345 ئادەم (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 10388 ئادەم)
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赛力乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى
كىلىماتى 70.01 كۋادرات كىلومېتىر
پوچتا رايون نومۇرى 844800

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەيلى يېزىسىسەيلى يېزىسى پوسكام ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 315-دۆلەت تاشيولى يېزىغا كىرىدۇ. يېزا قارمىقىدا 14 مەمۇرىي كەنت، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى بار. ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئۆزبېك، جۇاڭزۇ، ماۋنەن، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئولتۇراقلاشقان. سەيلى يېزىسى «بەشتە ياخشى» يېزاـ بازارلىق پارتكوم بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئۇدا ئىككى نۆۋەت ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن «بەشتە ياخشى يېزا-بازارلىق پارتىيە كومتېتى " ئىجتمائىي مۇقىملىق، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى ئىلغار يېزا بۇلۇپ باھالانغان.

سەيلى يېزىسىغا قاراشلىق  14 مەمۇرىي كەنت، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى بار، بۇلار: چامغۇرچى كەنتى، سەيلى كەنتى، مىڭلۇق كەنتى، قوزىمال كەنتى، تالباغ كەنتى، گۈلباغ كەنتى، ئىشتاچى كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، يۇقىرى ئۇلۇغئېرىق كەنتى، سېرىققۇلاق كەنتى، خۇاڭدى كەنتى، ئۇلۇغئېرىق كەنتى، بازار كەنتى، باغۋەنچىلىك مەيدانى ۋە بازار قاتارلىقلار بار.

سەيلى يېزىسىسەيلى يېزىسىدا ئىقتىسادىي كەسپ ئاساس قىلىنىدۇ، تېرىقچىلىق جەھەتتە ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەتلەر كېۋەز، بۇغداي، قوناق قاتارلىق. باغۋەنچىلىك كۆلىمى 33000 مو، 90 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. مېۋىلىك دەرەخلەردىن چىلان، ياڭاق، ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئانار، ئالمىنىڭ ئاساسلىق سورت بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، ئىچكىرى جايلار ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ؛ 50 مىڭ تۈپ ياڭاق، 80 مىڭ تۈپ ئۈزۈم، 120 مىڭ تۈپ ئانار، 100 مىڭ تۈپ ئۆرۈك مېۋىگە كىرگەن، مېۋە بەرگەن چىلانلىقنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور؛ يېڭى تىكىلگەن 8500 مو چىلان، بۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالىغان. 

چارۋىچىلىقى 

چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ئاساس قىلىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە چارۋا 35000 تۇياقتىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 100 تۇياقتىن ئارتۇق، بازارغا 200 توننىدىن ئارتۇق سۈت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر يىلى بازارنى تاۋار بىلەن تەمىنلەيدىغان چوشقا 3000 تۇياق، يىللىق ئوتتۇرىچە قوتاندىن چىققان چارۋا 22 مىڭ تۇياق (دانە)؛ تەمىنلەشكە بولىدىغان تاۋار ئۆي قۇشلىرى 200 مىڭ (پەي)، ئۆردەك 400 مىڭ، 150 توننا تۇخۇم ئېلىنغان. 

يېزىنىڭ پارنىكى 200 نەچچىگە يەتكەن. ئاساسلىقى كۆكتات، مېۋە ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان، يىللىق كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 500 توننىدىن ئارتۇق؛ 30 مىڭ مو تېرىقچىلىقى ئۈزۈم، توغاچ، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مېۋىلەر بار. 2007-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 82 مىليون يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4195 يۈەن، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.3 ئاشقان. 

سەيلى يېزىسىتىنچ ۋە ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىدا نۇرغۇن كۆمۈلۈپ ياتقان سودا پۇرسىتى قولغا كەلگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق سەيلى سودىگەرلەر ماكانلاشقان. ھەر خىل سودىلاردىن 2 خىش زاۋۇتى، 3 ئۇن زاۋۇتى، 3 ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى ۋە بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش-سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن سۈت فېرمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار ئىچىدە 4 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان تەڭرىتاغ ياغاچچىلىق شىركىتىنىڭ كۆلىمى چوڭ كارخانىسى يوق بولۇشتەك بوشلۇقى تولدۇرۇلغان. يېزىدا سەپلەش قىرىش ماشىنىسى، سۇيۇقلۇق پرېسى، يېلىم سۈرۈش ماشىنىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دانە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، زاۋۇت ئۆيى ئىستراھەت رايونى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ شىركەت سالغان تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەسى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىناكارلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۆتكۈزمەس قېلىپ ياغاچ تاختا، كۆپ قەۋەتلىك تاختا (ئۈچ قەۋەتلىك تاختىدىن 25 قەۋەتلىك) قاتارلىقلار؛

يىل بېشىدا سېلىنغان ئىككىنچى ماددا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلۇشى باشلانغان. بۇنىڭدا، ئاساسلىقى پوسكام ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ماتبرىياللارنى يىغىپ پايدىلىنىش كېرەك، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە سۇ ئۆتكۈزمەس پەردە تاختا ھەمدە ياتقۇزۇپ قاچىلاش ماشىنىسى كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇ شىركەتتە ھازىر بار ئىشچى 170 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تېخنىك ئىشچىلار 25 نەپەر، 140 نەپەر ئادەتتىكى ئىشچى، باشقۇرۇش خادىملىرى 5 نەپەر، مۆلچەرگە قارىغاندا شىركەت 15 مىڭ كۇب مېتىر ياغاچ ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلىگەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇمومىي سوممىسى 15 مىليون يۈەن.

9 كەنت ۋە 10 كەنت تۇتىشىدىغان جايدا 200 موغا يېقىن تەبىئىي توغراقلىق ۋە 10 نەچچە مو سۇ يۈزى ساياھەت رايونى بۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت رايوننى ئورتاق بەرپا قىلىپ يېزىنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ستېرېئولۇق ئېچىش، يېڭى بازار قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايناق بازار سودىسى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. 

شۇجىسى: جىيې جىڭخەي؛

سەيلى يېزىسىپارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھۆكۈمەت باشلىقى: تۇرغۇن قادىر؛ 

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى: ئابدۇغېنى راخمان؛

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى: ۋاڭ خۇايوڭ، لى شېڭبو ( 2008-يىلى 3-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن)؛

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى: دىلشات  زاھىت؛

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقاتچى: بەختىيار ئابلىز (ئۇيغۇر، 2008-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن)؛

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، يېزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى: لى شياۋچىڭ؛

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى: چېن چاۋجېن؛

يېزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى: چىمەن سېخى (تاجىك مىللىتى)، ئادىل ئوسمان گولوڭپو؛

بىرلىك سەپ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى: تۇرسۇن مەتتۇردى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#