جىمى ھېندىرك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىمى ھېندىركجىمى ھېندىرك (Jimi Hendrix)، ئۇ 1942-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سېئاتىلدا تۇغۇلغان بولۇپ، «پاخپايباش»، يۈزىنى دانىخورەك باسقان، يەرلىك شىۋىسى ئاجايىپ كۈچلۈك بىر كىشى. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بەكلا ناچار بولغاچقا، ئىلگىرى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن. ھاياتىنىڭ 2/3 قىسىمىدا ئۆز رايونىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئادەتتىكى قارا تەنلىك ئۆسمۈر، گىتتارنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، مۇزىكىنى ياقتۇرۇپ قالغان.
جىمى ھېندىركئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «گىتتار ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن گىتتار ماھارىتى تا بۈگۈنگە قەدەر كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنماقتا. گىتتار ئۇنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا چىشى ۋە تىلى بىلەنمۇ گىتار چالالايدۇ.
جېمى ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق سولخايلارنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئىككىلا قولىدا گىتتار چالالايدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇ ئوڭ قولىدا فېندېر گىتتارىدىكى بىر تال تارىنى تەتۈر چالالايدۇ.
1966-يىل 23-سېنتەبىر جىمى ھېندىرك ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى: بىر گىتتار، بىر قۇر ئالماشتۇرىدىغان كىيىمى، سۇلياۋ بۈدۈرە چاچ قىلغۇچ ۋە يۈزىدىكى دانىخورەكنى داۋالايدىغان ماي ھەمدە ئۆتنە ئالغان 40 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن لوندونغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقىپ، پۈتۈنلەي يېڭى مۇھىتتا بىر كېچىدىنلا نام قازانغان كىشىگە ئايلانغان.
«ئەبجەش ناخشىچى» بىرىئان جونېس ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى مەستانىسىگە ئايلانغان. ئۇ زېرىكمەي-تېرىكمەي، ئۆزى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەرنى باشلاپ، ئۇنىڭ گىتتار چىلىشىنى بىرلىكتە ئاڭلىغان. پېتې توۋىنشېند بىلەن ئېرىك كىلاپتون بەكلا ھاياجانلىنىپ، خۇددى كىچىك قىزلاردەكلا قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ناخشىسىنى ئاڭلىغان. پائۇل ماككارتىنېي ئىلگىرى، ھېندىرىكنىڭ «ئۇزۇن چاچلىقلار»دىكى «سىگت پېپپېر» (佩珀军士) دېگەن ناخشىسىنى ئېيتقانلىقىنى «كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ شەرەپلەرنىڭ بىرى» دېگەن.
جىمى ھېندىرك1970-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئادەتتىكى بۇلۇتلۇق كۈندە، جىمى ھېندىرىك 27 يېشىدا قازا قىلدى. ئورگان تەرەپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى «باربىتالدىن زەھەرلىنىشتىن كېلىپ چىققان قۇسۇش، نەپەس تۇنجۇقۇش» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قەبرسى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن لايتون شەھىرى يېشىل مەنزىرە خاتىرە باغچىسى قەبرىستانلىقىدا بولۇپ، خاتىرە تېشى مەرمەر تاشتىن قۇببىسىمان ئۆگزە سەينا شەكىلىدە ياسىلىپ، ھىندىرىكنىڭ سۈرىتى ھەمدە گىتتار ھەيكىلى ۋە نەقىل سۆزلىرىدىن تەشكىل تاپقان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قەبرە تېشى شۇ جايدىكى ئەڭ داڭلىق مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
27-نويابىر مەڭگۈلۈك «گىتتار ئىلاھى» جىمى ھېندىرىكنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى گىتتار ئىلاھىنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
ئۈن ئېلىش ئۆيىدىكى پىلاستىنكىلار
جىمى ھېندىرك«People, Hell and Angels»
«South Saturn Delta»
«Power of Soul: A Tribute to Jimi Hendrix»
«Blues»
«Merry Christmas And Happy New Year»
«West Coast Seattle Boy: The Jimi Hendrix Anthology»
«Experience Hendrix: The Best Of Jimi Hendrix»
«Smash Hits»
«Valleys Of Neptune»
«Are You Experienced»
«Axis: Bold As Love»
«Electric Ladyland»
«First Rays Of The New Rising Sun»
«The Baggy's Rehearsal Sessions»
«Voodoo Child: The Jimi Hendrix Collection»
«BBC Sessions»
«Burning Desire»
«Hear My Music»
«DAGGER: Baggy's Rehearsal Sessions»
«Morning Symphony Ideas»
قارا پلاستىنكا نۇسخىسى
«Miami Pop Festival (Limited Edition 2LP)»
«People, Hell and Angels»
«Jimi Hendrix Experience: Live in Cologne (2-Disc LP)»
«Hendrix in the West»
«South Saturn Delta»
«West Coast Seattle Boy: The Jimi Hendrix Anthology (8LP Box) »
«Valleys Of Neptune»
«Are You Experienced»
«Axis: Bold As Love»
«Electric Ladyland»
«First Rays Of The New Rising Sun» [1]
جىمى ھېندىركجىمى ھېندرىك 1969-يىلى تورونتو ئايرودرومىدا قانۇنسىز ناركوتىك ساقلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. بىراق ئۇ بۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ سومكىسىغا سېلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، ئۇ بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەب بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى باشقىلارنىڭ ئېچىملىكىگە دورا سېلىۋەتكەنلىكىدىن بولغان دېگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.