ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق

ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق

ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە(ياكى) ئاقسىل كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئوزۇقلۇق كەملىك كېسىلى بولۇپ، بوۋاق، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق
كېسەللىك سەۋەبى ئاقسىل كەمچىل بولۇش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بوۋاق، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ
ئىنگلىزچە نامى dystrophy
ئاساسلىق ئالامىتى ئورۇقلاش
خەنزۇچە نامى 营养不良
تەۋە بۆلۈم بالىلار بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوزۇقلىنىشى ناچارلىقئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە(ياكى) ئاقسىل كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئوزۇقلۇق كەملىك كېسىلى بولۇپ، بوۋاق، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. كېسەللىنىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىمۇ بىر ئاز يۇقىرى. بەدەن ئېغىرلىقى ئارتماسلىق ئەڭ دەسلەپتە كۆرۈلىدىغان ئالامەت بولۇپ، كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، تېرە ئاستىدىكى ماي ئازلايدۇ. دەسلەپتە قورساقتىكى تېرە ئاستى مېيى ئاندىن گەۋدە، كاسا، پۇت-قول ئەڭ ئاخىرىدا يۈز قىسمىدىكى تېرە ئاستى مېيى ئازلايدۇ. ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇش ئېغىرلاشقاندا خۇددى قېرى ئادەمدەك پېشانىدە قورۇق پەيدا بولىدۇ. ئېگىزلىكى نورمال ھالەتتىن كۆرۈنەرلىك پاكار بولىدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلاش، روھىي چۈشكۈنلىشىش، تېرىسى ئاقىرىش، قۇرغاق، ئېلاستىكىلىقى يوق، مۇسكۇل يىگلەش، ھەرىكىتىنىڭ يېتىلىشى ئارقىدا قېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار ھەمدە قان زەردابىدىكى ئاقسىل مىقدارى تۆۋەنلەشتىن سۇلۇق ئىششىش كۆرۈلىدۇ .

ئاقىۋەت

ئوزۇقلىنىشى ناچارلىقئوزۇقلىنىشى ناچارلىق ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئىبارە بولۇپ يېمەك - ئىچمەك مۇۋاپىق بولمىغان ياكى يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ . ئادەتتە قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ، سۈمۈرۈش ياخشى بولماسلىق ياكى ھەددىدىن زىيادە خوراش ، ئوزۇقلۇق ماددىلار پەيدا قىلغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك  ،ئۇنىڭدىن باشقا بەلكىم ئۇ يەنە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش ياكى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىش ،  ئالاھىدە ئوزۇقلۇق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىش قاتارلىقلار .  ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا ،  تۈرى ياكى سۈپەت جەھەتتە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بەلكىم ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#