تۇنجى پىئانىنو

تۇنجى پىئانىنو

پىئانىنو پۈتۈن ئىنسانلار ئېتىراپ قىلىدىغان «مۇزىكا شاھى» بولۇپ، بۇنى پىئانىنونىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۈچلۈك ئىپادىلەش ئىقتىدارى بەلگىلەنگەن.

ئۇيغۇرچە نامى تۇنجى پىئانىنو
ياسالغان ۋاقتى 1709-يىلى
ئىجاد قىلغۇچى خرىستوفرى
خەنزۇچە نامى 第一个钢琴
ساقلانغان ئورنى گېرمانىيە
باشقا نامى مۇزىكا شاھى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇنجى پىئانىنوپىئانىنو پۈتۈن ئىنسانلار ئېتىراپ قىلىدىغان «مۇزىكا شاھى» بولۇپ، بۇنى پىئانىنونىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۈچلۈك ئىپادىلەش ئىقتىدارى بەلگىلەنگەن. پىئانىنونىڭ گەۋدىسى ياغاچتىن ياسىلىپ ئىچىگە پولات ياختا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 200 نەچچە تال سىم تارتىلىدۇ. پىئانىنونىڭ تىلى بېسىلغاندا كىچىك بولقا (ئۈستى تىۋىت بىلەن ئورالغان) سىمغا تېگىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى پىئانىنو تىلىنىڭ بېسىلىش دەرىجىسى ۋە ئاستىدىكى تەپكىسىنى تېپىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.

پىئانىنو ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى «خارفىسخورت» ناملىق بىر ساز ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پىئانىنونىڭ تەكتى ھېسابلىنىدۇ. 1709-يىلى ئىتالىيە لىك خرىستوفرى تاشقى شەكلى «خارفىسخورت»قا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، بىراق ئىچىدىكى ئاۋاز سىملىرى ئۇنىڭغا ئانچە ئوخشاشمايدىغان بىر خىل ساز ئىجاد قىلغان، مانا بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى پىئانىنو ھېسابلىنىدۇ.

«خارفىسخورت»تا پەي نەيچىلىرى ئارقىلىق سىم تارتىلىپ ئاۋاز چىقىرىلىدۇ، پىئانىنودا بولسا قاڭقىغان بولقا سىمغا تېگىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ، بولقىنىڭ سىمغا تېگىش سالمىقىنى تىزگىنلىگىلى، ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ، شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا بۇ پىئانىنو «ئاۋازنى تەڭشىگىلى بولىدىغان خارفىسخوت» دەپ ئاتالغان.

«ئاجىز» (piano) ۋە «كۈچلۈك» (forte) دىن ئىبارەت ئىككى ئىنگلىزچە تاق سۆزنى قوشقاندا «piano forte» بولىدۇ، كېيىچە بۇ سۆز ئاددىيلىشىپ «piano» (يەنى پىئانىنونىڭ ئىنگلىزچە نامى) بولۇپ قالغان.

خرىستوفرى ئىجاد قىلغان پىئانىنودىن ئىككىسى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ بىرى 1720-يىلى ياسالغان بولۇپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بالدۇر ياسالغان پىئانىنو ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ياسالغىنىغا ھازىر 260 يىل بولغان. ھازىر بۇ پىئانىنو ئامېرىكا نيۇ يوركتىكى چوڭ شەھەر ساز مۇزېيىدا ساقلانماقتا. يەنە بىرى 1726-يىلى ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرى فلورېنستىكى كلاۋىس مۇزېيىدا ساقلانغان، ھازىر گېرمانىيە نىڭ كىيولىندىكى خەيئېر مۇزېيىدا ساقلانماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#