ئەكبەر غۇلام

ئەكبەر غولام

ئەكبەر غۇلام 1952-يىلى قومۇل شەھىرى دە زىيالىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ پارتىيە ياچىكا سېكىرتارى، تەھرىر بۆلىمىنىڭ مۇدىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەكبەر غۇلام
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1952-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قومۇل شەھىرى
كەسپى يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەكبەر غۇلام 1952-يىلى قومۇل شەھىرى دە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا كېلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بېيجىڭدا ئوقۇغان. 1969-يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، قومۇل شەھەرلىك شەھەر ئەتىراپى يېزىسىدا زىيالىي ياش بولۇپ قايتا تەربىيە ئالغان.

1971-يىلى شىنجاڭ يامانسۇ تۆمۈر كانىدا ئىشچى بولغان.

1972-يىلىدىن 1975-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇرتىلى كەسپىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى » ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، خەنزۇ تەھرىر بۆلىمىدە تەھرىرلىك ھەم مۇخبىرلىك قىلغان.

1981-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن مەملىكەت خاراكتىرلىك خەنزۇچە ئەدەبىي ژورنال «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قۇرۇلغان چاغدا، مەشھۇر شائىرلىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكېرىم خوجايۇفلارنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىشى بىلەن، مەزكۇر ژورنالغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئىشلىگەن.

1997-يىلىدىن 2002-يىلغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تۆمۈر داۋامەت كە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن.

2003-يىلى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا قايتىپ كەلگەن.

ئەكبەر غولام جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ پارتىيە ياچىكا سېكىرتارى، تەھرىر بۆلىمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كېلۋاتىدۇ.

ئەكبەر غولام قوش تىللىق يازغۇچى بولۇپ، ئۇنۇڭ ئىجاتىيىتى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، «يامغۇردا قالغان سۆيگۈ»، «مودا قالپاق»، «سادىق ھەمراھ»، «ئاھ، ئاجىز بەندىلەر»، «ئايدىڭ كىچە» قاتارلىق ھېكايە، پوۋىست، شېئىر قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوش تىلدا ئېلان قىلغان.

ئەكبەر غولام ئىجىدىيەتتىن سىرىت يەنە ئەدەبىي تەرجىمانلىق بىلەن كەڭ دائىرىدە شوغۇللانغان. 1974-يىلدىن تاكى ئۇ سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، قېيۇم تۇردى، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەخەت تۇردى، مۇھەممەد باغراش، بوغدا ئابدۇللا، مۇھەممەتجان سادىق قاتارلىق داڭلىق يازغۇچى، شائىلىرىمزنىڭ ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

ئەكبەر غولام 1990-يىلىىدىن تارتىپ ھازىرغىچە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى يىغىش، رەتلاش، تەتقىق قىلىش، تەرجىمە قىلىش، نەشىر قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئىزچىل شوغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توغۇرىسىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە بولۇپ 30 پارچىغا يېققىن كىتاپ نەشىر قىلغان ۋە 50 قىسىملىق «نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەپ تاماشىبىنلارغا سۇنغان.

ئەكبەر غولام 2004-يىلدىن باشلاپ، ئۇزۇن مۇددەت بېيجىڭ دا ھەر قايسى ساھەلەردە ئشلەپ ئۆتكەن ۋە ھازىغىچە ئىشلەۋاتقان بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرېشىت، قېيۇم باھاۋۇدۇن، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىق سىياسى ئەربابلار، مەشھۇر تارىخشۇناس جىيەن بوزەن، مەشھۇر ئۇسسۇلچى ئايتىللا قاسىم، مەشھۇر ناخشىچى ئايىمنىسا، ئابدۇكېرەم ئابدۇگۈلى، دىلبەر يۇنۇس، مەشھۇر تىلشۇناس ئىبىراھىم مۇتىئى، خەمىت تۆمۈر، غولام غوپۇر، مەشھۇر تەنھەركەتچى مالىك تاھىر، ئادىلجان، مەشھۇر شائىر ئابدۇكېرەم خوجايوف قاتارلىق 80 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ تارىخىدىن ئىز قالدۇرىدىغان 6000 پارچىدىن ئارتۇق تارىخى ۋە ھازىرقى سۈرەتلەر بىلەن تولغان، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان 100 تارىخىغا شاھىت بولالايدىغان «تەڭرىتاغ ئوغلانلىرى» ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلەر توپلىمىنى ئشلەپ، نەشىرگە سۇنغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەكبەر غولام يەنە بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق بۇ بەش نەپەر ھۆرمەتلىك پىشقەدەم رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىر يۈرۈش ئايرىم-ئايرىم سۈرەتلەر توپلىمىنى جىددى تۇتۇپ ئىشلىگەن.

«نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق 50 قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى (ئۇيغۇرچە) ۋە 21 قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى (خەنزۇچە) ئەكبەر غولام بۇ فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. بۇ فىلىمنىڭ خەنزۇچىسى مەملىكەت ئىچىدىكى 21 ئۆلكە دەرىجىلىك تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا قويۇلغان. ئۇيغۇچە VCDسىنى شىنجاڭ ناۋا ئۈن-سىن مەركىزىدىن ئىشلەپ تارقاتقان.

ئەكبەر غولام قوش تىللىق يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجاتىيىتى 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «يامغۇردا قالغان سۆيگۈ»، 21 قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى «نەسىردىن ئەپەندى»، 4 قىسىملىق شېئىرى بەدىئىي سەنئەت فىلىمى «تەڭرىتاغ ناخشىسى»، ئالتە قىسىملىق «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى جەۋھەرلىرى»، «سەيپىدىن ئەزىزى خاتىرىلىرى» (سۈرەتلەر توپلىمى)، ئون ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»، «ھايات ئىزلىرى»، ھېكايىلەر توپلىمى «قەھرىمان ئوغۇل»، ئۇنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تارىخىي سۈرەتلەر توپلىمى «يىللار مەنزىرىسى»، ئۇ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى قامۇسى»، «يامغۇردا قالغان سۆيگۈ»، «مودا قالپاق»، «سادىق ھەمراھ»، «ئاھ، ئاجىز بەندىلەر»، «ئايدىڭ كىچە» قاتارلىق ھېكايە، پوۋىست، شېئىر قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوش تىلدا ئېلان قىلغان.

ئەكبەر غولام مانا مۇشۇنداق ئىجىدايەت نەتىجىلىرى بىلەن 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى «تۇلپار» مۇكاپاتىغا، 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سېستىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئاخبارات مۇكاپاتىغا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىلىدىكى تېلىۋىزىيە فىلىملىرى «ئالتۇن سۇمۇرغ» مۇكاپاتىغا، 4-، 5-، 7-، 8-نۆۋەتلىك «خان تەگرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلەرغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى ياز بېيجىڭ تىل ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى بىلەن بېيجىڭ شىدەن كىتاپچىلىق سارىيى بىرلىشىپ ئەكبەر غولامنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى» ھەققىدىكى بىر يۈرۈش 6 كىتاپ (خەنزۇچە) نى ئىمزا ىويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۇپ بەرگەن.

شۇنىڭ بىلەن ئەكبەر غولام پايتەخىتتە ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تۇنجى ئۇيغۇر يازغۇچى بولۇپ قالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#