ۋەن زىلياڭ

ۋەن زىلياڭ

ئاتاقلىق ئارتىس ۋەن زىلياڭ 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەيۋەن دە تۇغۇلغان. يۇرتى گۇاڭدۇڭنىڭ باۋئەن ناھىيەسى (بۈگۈنكى شېنجېن) بولۇپ، بالىلىق مەزگىللىرىدە شياڭگاڭدا تۇرغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋەن زىلياڭ
باشقا نامى ۋەنزى
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 177 سانتىمېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 万梓良
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى تەيۋەن
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى
كەسپى ئارتىس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋەن زىلياڭئاتاقلىق ئارتىس ۋەن زىلياڭ 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەيۋەن دە تۇغۇلغان. يۇرتى گۇاڭدۇڭنىڭ باۋئەن ناھىيەسى (بۈگۈنكى شېنجېن) بولۇپ، بالىلىق مەزگىللىرىدە شياڭگاڭدا تۇرغان، ۋەن زىلياڭ شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق ئارتىسى بولۇپ، جەمەتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن جەنۇب تەرەپكە كۆچكەن. ئوتتۇرا، مەكتەپنى گۇاڭدۇڭنىڭ دابۇ ناھىيەسىدىكى بۇددا دىنى «داگۇاڭ» ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 19 ياشقا كىرگەندە شياڭگاڭ «لىدې» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەتچى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.

ۋەن زىلياڭ1977-يىلى «ئات» ناملىق دىراممىدا باش رول ئالغان، كېيىن سۈرەتكە ئېلىنغان چامباشچىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «3-غوجامنىڭ قىلىچى»، «تەيجى ئۈچ ئالقان گۇمپىسى»دا رول ئېلىپ نام قازانغان، كېيىن «قەھرىمانلار» ناملىق قەدىمكى زامان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىپ، «لىدې» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇھىم رولچىسىغا ئايلانغان.

1979-يىلى ئىشلەنگەن «سەۋدايى» ناملىق فىلىمدا باش رول ئالغان.

1983-يىلى «ئەر بىلەن ئايال»، «تاڭ سۇلالىسىدىكى مەردانە ئايال»، 1984-يىلى «سۈبھىنى كۈتۈش»، 1987-يىلى«قەھرىمان»، «يۇرت مۇھەببىتى» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان.

ئىلگىرى ۋەن زىلياڭ تولىمۇ كېلىشكەن ۋە سالاپەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالالايتتى، كېيىنچە ئۇ سەمىرىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن 90-يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ كىنولاردا رول ئېلىشنى ئازايتىپ، ئىچكىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان «تىنچىسىز ھايات»، «گىگانت ئادەم»، «ئالاڭ بېيجىڭدا»، «مۈشكۈل سەپەر»گە ئوخشاش بىر تۈركۈم نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالىدۇ.

ۋەن زىلياڭنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى 80-يىللاردا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1985-يىلى ئىشلەنگەن «شۆ رېنگۈينىڭ شەرققە سەپىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغاندا ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان. ئۇ 1986-يىلى «تىنچسىز ھايات» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئالىدۇ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى شۇ يىللاردا يۇقىرى كۆرۈش رېكورتى يارىتىدۇ. ۋەن زىلياڭمۇ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغانلىقى بىلەن كاتتا شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ يەنە ئىچكى موڭغۇلدا سۈرەتكە ئېلىنغان «چىڭگىزخان»، شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى جوۋ شىڭچى بىلەن «ئۇ يۇرتتىن كەلگەن»، «گىگانت ئادەم»، «قۇياش قوغلىغۇچى»، شياڭگاڭ بىلەن سىنگاپور بىرلىشىپ ئىشلىگەن «مۈشكۈل سەپەر» قاتارلىق بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىپ، كەڭ تېلېۋىزىيە مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ كىنو ساھەسىگىمۇ يۈرۈش قىلىپ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى مېي يەنفاڭ بىلەن «قىمار شەھىرىدىكى ماگنات» قاتارلىق بىر يۈرۈش فىلىملەردە رول ئالىدۇ.

ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋاردۇر. ۋەن زىلياڭنىڭ ياراتقان پېرسۇناژلىرى سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ھەرقانداق رولنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ، مەسىلەن: «تىنچسىز ھايات» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىر باسقۇنچىنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەن زىلياڭ قاتتىق ھاياجانلىنىپ، باسقۇنچىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسقا راستتىنلا مۇشت كۆتۈرۈپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالىدۇ. مانا بۇ بۆلەك مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيەلەردە رول ئېلىشى بارا-بارا ئازلاپ بارىدۇ، 1995-يىلى ئىشلەنگەن «تۈمەن چاقىرىملىق مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. ۋەن زىلياڭنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئورنى تولىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۇ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى جوۋ شىڭچى نىمۇ ئۆزى بىر قوللۇق كىنوچىلىق ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن باشلامچىلارنىڭ بىرى.

1988-يىلى جوۋ شىڭچىنىڭ تۇنجى فىلىم «چاقماقتەك ئاۋانگارتلار»دا رول ئالماقچى بولۇپ، ھەقنى تۆۋەن كۆرۈپ رولغا چىقىشنى رەت قىلغاندا، ۋەن زىلياڭ ئۇنى بۇ نىيىتىدىن ياندۇرغان.

ۋەن زىلياڭۋەن زىلياڭ 1992-يىلى شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى تيەن نيۇ بىلەن توي قىلىدۇ.

شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى دېڭ سۈيۋېن 2009-يىلى شياڭگاڭ سىملىق تۇرمۇش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلگىرى ۋەن زىلياڭ بىلەن بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئالاقە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.

ۋەن زىلياڭ 1989-يىلى «كاتتىباش» ناملىق فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغاندا، چولپان تيەن نيۇ بىلەن ئارىلىشىشقا باشلايدۇ. ئىككىيلەن كېيىن «ئۇ يۇرتتىن كەلگەن»، «چوڭ جەمەت» ناملىق ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىرلىكتە رول ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۈچ يىللىق چۈشىنىشتىن كېيىن ئىككىيلەن 1992-يىلى توي قىلىدۇ. ئۇنىڭ تويىغا شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو چەكلىك شىركىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، شاۋ فامىلىلىك قېرىنداشلار كىنو شىركىتىنىڭ بەرپاچىلىرىنىڭ بىرى، شياڭگاڭ-شاڭخەي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو كىرىشتۈرگۈچىسى شاۋ يىفۇ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئەمما توي قىلىپ تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 1996-يىلى ئىككىيلەننىڭ مىجەزى كېلىشمەي ئاجرىشىپ كېتىدۇ.

ۋەن زىلياڭ 1996-يىلى شياڭگاڭ بىلەن سىنگاپور بىرلىكتە ئىشلىگەن، ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگىمۇ تونۇشلۇق بولغان «مۈشكۈل سەپەر» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش ئۈچۈن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ سىنگاپورغا بارىدۇ. سىنگاپوردا ۋەن زىلياڭ ئايرۇپىلان خادىملىرىنى سىرتتا تاماق يەپ، ئويناپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا نۆۋەت ئالماشقىلى كەلگەن يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى گو مىڭلى ئىسىملىك بىر ئايروخانقىز بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالىدۇ، ۋەن زىلياڭ خىجىلچان، ئەمما تولىمۇ لاتاپەتلىك گو مىڭلىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئالتە يىلدىن كېيىن 44 ياشلىق ۋەن زىلياڭ بىلەن 28 ياشلىق گو مىڭلى گۇاڭجۇ «جۇڭشىن» مەيدانىدا توي قىلىدۇ.

ۋەن زىلياڭ ئەسلىدە شياڭگاڭدا تۇراتتى، لېكىن قىلىدىغان سودىسى ئاساسلىقى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى گو مىڭلى شياڭگاڭنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلمىگەچكە ۋەن زىلياڭ گۇاڭجۇدىن مەخسۇس تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ، شۇ يەردىكى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. ئىككىيلەننىڭ ھازىر ۋەن داچيەن ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.

ۋەن زىلياڭ20 نەچچە يىل كىنو-تېلېۋىزىيەلەردە رول ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئارتىس ۋەن زىلياڭ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى جوۋ رۇنفا بىلەن دەرۋداش. جوۋ رۇنفا خەلقئارا كىنو مۇنبىرىگە يۈرۈش قىلىۋاتقاندا، ۋەن زىلياڭ سودا دۇنياسىغا قەدەم باستى. ۋەن زىلياڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ سودىغا كىرىشىشىم ھەققىدە گەپ بولغاندا، گەپنى 1997-يىلى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ چاغدا مەن ھازىرغا قەدەر نەچچە ئون يىل ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپتىمەن، ياشاش ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىپ بېقىشىم كېرەكمۇ-قانداق؟ دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم.» ئۇ ئىلگىرى «گىگانت ئادەم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىر چوڭ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ رولىنى ئالغان، مانا مۇشۇ رول سەۋەبلىك ئۇ سودا دېڭىزىغا كىرىشنى قارار قىلىدۇ. ۋەن زىلياڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن سودىغا كىرىشكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئاشۇ مەزگىللىرىمنى ئەسلەپ، مەن ياراتقان سودىگەر ئوبرازلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چىن ئوبرازلار ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. كېيىنچە سودا قىلىشنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيەلەردىكىدەك ئۇنداق ئوڭاي ئەمەسلىكىنى، تولىمۇ مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلدىم.»

ۋەن زىلياڭۋەن زىلياڭ 2013-يىلىغىچە شياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق، سىنگاپور، ئامېرىكا، تەيۋەندە ئىشلەنگەن «تىنچسىز ھايات»، «گىگانت ئادەم»، «ئالاڭ بېيجىڭدا»، «چوڭ جەمەت»، «چىڭگىزخان»، «مۈشكۈل سەپەر»، «ئالتۇن ياستۇق» 50 تىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىردا ۋە «لى شياۋلوڭ مېنىڭ ئىنىم»، «گۈزەل رىۋايەت»، «قېرىنداشلار»، «كاتتىباش»، «ئالاھىدە ئايال ساقچى»، «قانلىق قىساس»، «قىمار شاھى»، «قايتا كۆتۈرۈلگەن بوران-چاپقۇن» قاتارلىق 80 گە يېقىن كىنودا رول ئالغان، بىر نەچچە ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنغان. ئۇ ئېيتقان ناخشىلارمۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ۋەن زىلياڭ ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تىنچسىز ھايات»، «گىگانت ئادەم»، «مۈشكۈل سەپەر»گە ئوخشاش بىر قاتار ئېسىل فىلىملەردە ياراتقان ئوبرازلىرى بىلەن قەلبىمىزدە يۈكسەك ھۆرمەتكە ئىگە.

ۋەن زىلياڭ1988-يىلى «كاتتىباش» ناملىق فىلىمدە باش رول ئىلىپ، 25-نۆۋەتلىك «ئالتۇن ئات مۇكاپاتى»نىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىكەن. ئىككىنچى يىلى 33-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كىنو كۆرگەزمىسىدە«رول ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت يارىتىش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شۇ يىلى «ۋاڭجياۋدىكى كامېن» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ، 8-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ «ئالتۇن پىل مۇكاپاتى»نىڭ «ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1989-يىلى «ئۇ يۇرتتىن كەلگەن» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان.

1990-يىلى «قېرىنداشلار قەدرى» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ، 27-نۆۋەتلىك تەيۋەن كىنو «ئالتۇن ئات مۇكاپاتى» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ۋەن زىلياڭھەممىمىزگە مەلۇمكى، شياڭگاڭ تىلغا ئېلىنسا شياڭگاڭنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى ۋەن زىلياڭ سان-ساناقسىز كىنو-تېلېۋىزىيە مەستانىلىرى ئىچىدىكى دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگىمۇ خېلى تونۇشلۇق. بىز شياڭگاڭنىڭ 90-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «تىنچسىز ھايات»، «گىگانت ئادەم»، «مۈشكۈل سەپەر» قاتارلىق بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرگەن. بىز ھازىرمۇ ھەم شۇ فىلىملەرنى قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەنە شۇ بىر يۈرۈش فىلىملەردىكى ئەر باش پېرسۇناژ بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بۇ ئارتىس دەل شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، ناخشىچى ۋەن زىلياڭ بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#