بارۇن خارمودۇن بازىرى
بارۇن خارمودۇن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئوتتۇرا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قايدۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بارۇن خارمودۇن بازىرى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئوتتۇرا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قايدۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن بولغان تاشيول مۇساپىسى 29 كىلومېتىر، جەنۇپتا قاراشەھەر شىگشىن بازىرى، شەرىقتە يېزا ئىگىلىك 2-شى 21-تۈەن، شىمالىي خارمۇدۇن بازىرى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى كورلا شەھىرى بىلەن كېسىشىدۇ. پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي كۆلىمى 1051 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 51 مىڭ مو، يايلاق كۆلىمى 45 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 25 مىڭ مو. پۈتۈن بازاردىكى ھازىرقى نوپۇسى 4724 ئائىلە، 23700 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 19840 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %54 نى ئىگىلىگەن.
بارۇن خارمودۇن بازىرىبارۇن خارمودۇن بازىرىغا قاراشلىق 4 مەھەللە، سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: بايىن كوچا مەھەللىسى، مەدەنىيەت كوچا مەھەللىسى، سانائەت كوچا مەھەللىسى، سانائەت كوچا مەھەللىسى، ئارزىغىر كەنتى، بەلچىر كەنتى، قارسۇ كەنتى، چاغانتوڭگۇ كەنتى، خوچىن يامۇل كەنتى، گاش كەنتى، چاغانساي كەنتى، كېزە كەنتى قاتارلىقلار ۋە 41 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، جەمئىي ئوبلاست، ناھىيە بازىرىدا تۇرۇشلۇق ئورۇندىن 28 ى بار. 2004-يىلى، بازار بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1.72 يۈز مىليون يۈەن، چارۋىچىلارنىڭ ساپ كىرىمى 4640 يۈەنگە يەتكەن.
بارۇن خارمۇدۇن بازىرى خېجىڭ ناھىيەسى ئىقتىسادىي بازىسى 2004-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىڭ مو، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 33 مىڭ 400 مو ، ئاشلىق نىسبىتى 1:2؛ ئېڭىز ئورنىغا تېرىلىدىغان يەر كۆلىمى 11 مىڭ مو، يەم-خەشەك 9 مىڭ 300 مو. تېز يولغا قويۇلغان «كالا، قوي بورداقچىلىق كەسپىنى يېتەكچى قىلغان بۇلۇپ، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا تۇياق سانى 64 مىڭ 770 تۇياق (دانە)، چىشى ماللارنىڭ نىسبىتى %65، چوڭ چارۋىلارنىڭ نىسبىتى %8.
بارۇن خارمۇدۇن بازىرى يەنە ئالاھىدە ئىگىلىك ئىقتىسادى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. ھازىر 38 مىڭ مو ئۈزۈم ئېچىش بازىسى، مېۋە بەرگەن چىلانلىق كۆلىمى 15 مىڭ مو بولۇپ، 2004-يىلى ئۈزۈم ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2600 توننا، سېتىش كىرىمى 6 مىليون 500 مىڭ يۈەن. ئارىلىق كەنتى ئاساس قىلغان 3000 مو چوڭ لاپاستا كۆكتات بازىس، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى يىلىغا 8000 يۈەن، ئىشلەپچىقىرىش كۆكتات بولۇپلا قالماستىن مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىنىپ يەنە ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. ھازىر تۆت زىيانسىز يېشىل كۆكتات ماركىسى ئىلتىماس قىلغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر بازار بويىچە جەمئىي 551 كە يەتكەن.
بارۇن خارمۇدۇن بازىرى جەمئىي توققۇز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان)، باشلانغۇچ مەكتەپ 9، ھازىرقى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 361 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 3887 ئادەم. پۈتۈن بازاردىكى ھازىر بار بىر شىپاخانا، 12 شىپاخانا ئىشخانىسى، كارىۋات 26 دانە، جەمئىي تىببىي خادىمى 23 ئادەم، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز ئاپپاراتى، X نۇر ئاپپاراتى، ئېلېتىروكاردىئوگراف، بىئوخىمىيەلىك ماشىنىسى، نەپەسلىنىش ناركوز ئاپپاراتى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بار.
بارۇن خارمۇدۇن بازىرى جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قۇلايلىق، دۆلەت يولى 218-لىنىيەسى زېمىنىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە-يېزا تاشيولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا-كەنت ئاسفالت يول يۈزى رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ قۇرۇلۇشى __ قاراشەھەر دەرياسىنىڭ سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى جايلاشقان ئارىلىقى بازارلىق ھۆكۈمەت غەربىدىكى 14 كىلومېتر، بازار ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا سودا بازىرى بار.
بارۇن خارمودۇن بازىرىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ «مەملىكەتلىك كۆكەرتىش-ئورمان بىنا قىلىش 100 دىن ئارتۇق يېزا-بازار»، «مەملىكەت بويىچە 500 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بازار»، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، كىچىك شەھەر-بازار ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى»، «ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئالتە ياخشى يېزا-بازار» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.