كىچىك ئاققۇ

كىچىك ئاققۇ

كىچىك ئاققۇ (ئىلمىي نامى: Cygnus columbianus) يەنە تۇندرا ئاققۇ، قىسقا تۇمشۇق ئاققۇ دەپمۇ ئاتىلىدىغان سۇ قۇشى بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 110-135 سانتېمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 4-7 كىلوگرام، چىشىسى سەل كىچىكرەك. بەدەن شەكلى چوڭ ئاققۇنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تېنى روشەن ھالدا بىرقەدەر چوڭ ئاققۇنىڭكىدىن كىچىك.

تۇندرا ئاققۇ، قىسقا تۇمشۇق ئاققۇ
ئۇيغۇرچە نامى كىچىك ئاققۇ
ئىنگلىزچە نامى Tundra Swan
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاققۇ ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 小天鹅
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى ياۋا غاز ئائىلىسى
تۈرى كىچىك ئاققۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىچىك ئاققۇدالىدا پەرق ئېتىش ئالاھىدىلىكى: كىچىك ئاققۇ تەن ئېغىرلىقى 4-7 كىلوگرام، تەن ئۇزۇنلۇقى 110-135سانتېمىتىر. پۈتۈن بەدىنى ئاق، تۇمشۇق ئۇچى قارا، تۇمشۇق ئاساسى سېرىق، سىرتقى شەكلى چوڭ ئاققۇ ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تېنى روشەن ھالدا بىرقەدەر چوڭ ئاققۇنىڭكىدىن كىچىك، بوينى ۋە تۇمشۇقى قىسقا ھەم چوڭ ئاققۇنىڭكىدىن بىرقەدەر كىچىك، ئاغزىدىكى قارا داغلىرى چوڭ، سېرىق كىچىك، تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تەرىپىدە سېرىق داغ بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئېغىزىنىڭ گىرۋىكى بويلاپ ئالدىغا سوزۇلغان؛ سايرىغان ئاۋازى جاراڭلىق، خۇددى « Kou-kou» ئۈشتەك ئاۋازى، چوڭ ئاققۇنىڭكىگە كاناي ئاۋازى ئوخشىمايدۇ. دالىدا پەرق ئېتىش تەس ئەمەس. ئاق ياۋا غازنىڭكىگە بىر قەدەر ئوخشاپ كېتىدۇ، پۈتۈن بەدىنى ئاق، لېكىن ئاق ياۋا غازنىڭ جۇغى كىچىكرەك، ئاغزىدا يوللىرى بار، ئاغزىدا قارا دېغى يوق، دەسلەپكى پەي قارا، ئۆرە تۇرغاندا كەينى قار، ئۇچقاندا قانىتىنىڭ ئۇچى قارا،  كىچىك ئاققۇ نىلەن روشەن ھالەتتە ئوخشىمايدۇ. 

ئەركەك چىشى ئىككىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش، چىشىسىنىڭ جۇغى سەل كىچىك، يېتىلگەن قۇشنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاق بولىدۇ، پەقەت باش قىسىمىدىن تارتىپ گەجگە قىسمى دائىم سەل يۇقۇپ قوڭۇر سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

رەڭدار پەردىسى قوڭۇر، تۇمشۇقى قارامتۇل كۈلرەڭ، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ تۈۋىدە ئىككى تەرىپىدە سېرىق داغ ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بۇرۇن تۆشۈكى ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان؛ ئوشۇق-پەنجە، ئۈزۈش پەردىسى ۋە تىرناقلىرى قارا رەڭدە بولىدۇ. چۈجىلىرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۇس كۈلرەڭ قوڭۇر، تۇمشۇق ئاساسى قىزىل، تۇمشۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ.

چوڭ-كىچىكلىكى

كىچىك ئاققۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى: 

  چىشى كىچىك ئاققۇ (♀) ئەركەك كىچىك ئاققۇ (♂)
 بەدەن ئېغىرلىقى 5010-6400 گرام  4510-7000 گرام 
 تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1110-1132 مىللىمېتىر  1130-1300 مىللىمېتىر
 تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى 85-91 مىللىمېتىر 94-105 مىللىمېتىر
 قانىتى ئۇزۇنلۇقى 490-500 مىللىمېتىر 506-530 مىللىمېتىر
 قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 138-144 مىللىمېتىر 149-155 مىللىمېتىر
 ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى 88-92 مىللىمېتىر 94-100 مىللىمېتىر

كىچىك ئاققۇكىچىك ئاققۇ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاساسلىقى كەڭ كۆل، سۇ ئازگىلى، سازلىق، سۇ ئېقىمى ئاستا دەريا بويلىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى تۇندرا پەسلىك ۋە تۇندرا سازلىقتا ياشايدۇ. قىش پەسلىدە ئاساسلىقى قومۇش، يېكەن، ئىـگىر ۋە باشقا سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولغان چوڭ كۆل، سۇ ئامبىرى، كۆلچەك بىلەن دەريا قولتۇقى قاتارلىق جايلارغا، نەم ئوتلاق ۋە سۇ بېسىپ كەتكەن تۈزلەڭلىك، سازلىق، دېڭىز ساھىلى ۋە دەريا ئېغىزى رايونىدا. بەزىدە ھەتتا ئېتىز-ئېرىق چۆل جەزىرىلەردىمۇ ياشايدۇ. 

كىچىك ئاققۇتوپلىشىش خاراكتېرلىك ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدىن سىرت باشقا ۋاقىتلاردىمۇ دائىم كىچىك توپ ياكى چوڭ بىر توپ بۇلۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەرىكىتى ئىنتايىن ئېھتىياتچان، دائىم يىراقتىكى ئادەملەر توپىدىن ئايرىلىپ سۇ بار جايلاردا سۇ ئۈزۈپ يۈرىدۇ. ئارام ئالغاندا دائىم قىرغاقتىن يىراقراق جايلارغا ئېقىپ كېتىدۇ. خاراكتېرى سەزگۈر، سۇ ئۈزگەندە بوينى تىك تۇرىدۇ. ئاۋازى يۇقىرى ھەم زىل، دائىم سەل ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز چىقىرىدۇ.

ئوزۇقلىنىشى 

كىچىك ئاققۇ ئاساسلىقى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يوپۇرمىقى، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، غولى ۋە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يەيدۇ، يەنە ئازراق قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، يۇمشاق تەنلىكلەر، سۇدا ياشايدىغان ھاشارات ۋە باشقا كىچىك سۇ ھاشارەتلىرى، بەزىدە يەنە يېزا ئىگىلىك ئۇرۇقى، مايسا ۋە ئاشلىق زىرائەتلەرنى يەيدۇ. دائىم كىچىك توپ ياكى بىر توپ بۇلۇپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.

كۆچۈشى

كىچىك ئاققۇكىچىك ئاققۇ 8-ئاينىڭ باشلىرىدىن 9-.اينىڭ باشلىرىغىچە باشقا جايلارغا بېرىپ قىشلايدۇ، كېلەركى يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ كۆچۈپ بېرىپ قىشلايدۇ ھالدا كۆپىيىدۇ. ئادەتتە 6 دىن ئارتۇقى بىر توپ بۇلۇپ كۆچىدۇ.

كىچىك ئاققۇكىچىك ئاققۇ 6-7-ئايلاردا شىمالىي قۇتۇپ تۇندرا بەلبېغىدا كۆپېيىش ئۈچۈن ئەركەك چىشى قۇش جۈپلىشىدۇ. ئادەتتە 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە كۆپىيىش رايونىغا ئۇچۇپ بارغاندىن كېيىن دەرھال ئۇۋا ياساشقا باشلايدۇ. ئۇۋىلىرى كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىك كۆل ۋە كۆل ئوتتۇرىسىدىكى قىلىنغان چۆپلۈك تۇندرا يەرگە ۋە تۇندرا سازلىق ئىچىدىكى كىچىك بارخان ئۈستىگە، ئەتراپتىكى كەڭ كەتكەن دەريا قولتۇقى ۋە دېڭىز قولتۇقى بار تۇندرا ئۈستىگە ئۇۋا سالىدۇ. ئۇۋىسىنى ئاساسلىقى قۇرۇق قومۇش، قۇرۇق ئوت-چۆپ ۋە باشقا تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىچىدە مامۇق پەيلەر بار شەكلى تەخسىسىمان. ئۇۋا ياساشنى ئەركەك قۇش ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قېتىمدا 2-5 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى ئاق بولىدۇ. چىشى قۇش، ئەركەك قۇش نۆۋەتلىشىپ تۇخۇم بېسىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. چۈجە چىقىرىش مەزگىلى 29-30 كۈن. چۆجىسى بالدۇر يېتىلىدۇ، تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ماڭالايدۇ، 40-45 كۈندىن كېيىن ئۇچالايدىغان بولىدۇ.

كىچىك ئاققۇ ئاساسلىقى شىمالىي ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغان بۇلۇپ، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو ۋە ياپونىيەدە قىشتىن ئۆتىدۇ. 

دۇنيادىكى تارقىلىشى 

كىچىك ئاققۇكىچىك ئاققۇ ئاۋسترىيە، ئەزەربەيجان، بېلگىيە، بۇلغارىيە، كانادا، جۇڭگو، كرودىيە، چېخ، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، گرېنلاندىيە ئارىلى، ۋېنگرىيە، ئىسلاندىيە، ھىندىستان، ئىران، ئىراق، ئىېرلەن، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، چاۋشيەن، كورېيە، لاتۋىيە، لىۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، ماكېدونىيە، مېكسىكا، مونتېنېگرو، نېپال، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، پاكىستان، بولان، پورتورىكو، رۇمىنىيە، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، شۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، جۇڭگو نىڭ تەيۋەن، رۇم (تۈركىيەتۈركمەنىستان، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا

كۆچمەن قۇشلارنىڭ تارقىلىشى: ئالجىرىيە، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، بېلارۇسىيە، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى، گىبرالتار، ئەنگلىيە، گۇئام، ئىئوردانىيە، قىرغىزىستان، شىمالىي مارىئانا تاقىم ئارىلى، ئامان، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ساينت پىئېر ۋە مىكېلون تاقىم ئاراللىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكىغا قاراشلىق ۋىرگىن تاقىم ئاراللىرى.

جۇڭگودىكى تارقىلىشى 

جۇڭگو چېگراسىدا ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، ئىچكى مۇڭغۇل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شىمالىي ۋە شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا، قىشتا جەنۇبتا ۋە تەيۋەن يەنخەي دېڭىزلىرىدىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.

كىچىك ئاققۇنىڭ 3 كەنجى تۈر بار.

  ئۇيغۇرچە نامى   خەنزۇچە نامى لاتىنچە ئىلمىي نامى  نام بەرگۈچى ۋە يىلى 
 1. كىچىك ئاققۇ رۇسىيە كەنجى تۈرى 小天鹅俄罗斯亚种 Cygnus columbianus bewickii Yarrell,1830
 2. كىچىك ئاققۇ كەنجى تۈرى  小天鹅指名亚种 Cygnus columbianus columbianus Ord,1815
 3. كىچىك ئاققۇ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كەنجى تۈرى 小天鹅东北亚亚种 Cygnus columbianus jankowskii Todd,1979

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىك» (The IUCN Red List) گە كىرگۈزۈلگەن: خەتىرى يوق تۈر (LC)؛ ____ 2012-يىلى باھالانغان. 

«دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانات مۇندەرىجىسى» : «دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان» لار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. (1988-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان).[0]


Cygnus columbianus bewickii
Ord,1815
Ord,1815

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#