شىك مىللىتى

شىك

شىكلار ھىندىستاننىڭ پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان پەنجاپ رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، پاكىستاندىكى پەنجاپلار بىلەن ئوخشاشلا پەنجاپ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. شېك ئەمەلىيەتتە دىننىڭ ئىسمى بولۇپ، پەنجاپلار ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلارمۇ، ھىندى دىنى مۇرتلىرىمۇ ۋە كېيىن خىرىستان دىنىغا كىرگەنلەرمۇ بار. ئۇمۇمەن، شىك دىنىغا ئىشىنىدىغان پەنجاپلىقلار شېك دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شىك
ئىنگىلىزچە نامى SIKH
تىلى پەنجاپ تىلى
نۇپۇسى 25 مىليۇن 210 مىڭ
خەنزۇچە نامى 锡克族
تارقىلىشى ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتى،ئامرىكا،ئەنگىلىيە،كانادا
يېزىقى ھىندى سانسىكىرىت يىزىقى ئاساسىدىكى پەنجاب يىزىقى
ئىتىقادى شىك دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىكلار ھىندىستان دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، شىك مىللىتى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مىللەتللىرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شىكلار ھىندىستاننىڭ پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان پەنجاپ رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، پاكىستاندىكى پەنجاپلار بىلەن ئوخشاشلا پەنجاپ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. شېك ئەمەلىيەتتە دىننىڭ ئىسمى بولۇپ، پەنجاپلار ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلارمۇ، ھىندى دىنى مۇرتلىرىمۇ ۋە كېيىن خىرىستان دىنىغا كىرگەنلەرمۇ بار. ئۇمۇمەن، شىك دىنىغا ئىشىنىدىغان پەنجاپلىقلار شېك دەپ ئاتىلىدۇ.

تارقىلىشى 2010-يىلى دۇنيادىكى شېكلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 25 مىلۇن 210 مىڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ 20 مىلىيۇن ھىندىستاندا ئولتۇراقلاشقان (ھىندىستاندىكى شىكلارنىڭ 15مىلىيۇنى پەنجاپ شىتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، پەنجاپ شىتات ئاھالىسىنىڭ %60 نى ئىگەللەيدۇ، قالدىسى پەنجاپ ئەتراپىدىكى چاندىگار ئالاھىدە رايونى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان)، ھىندىستاندىن باشقا يەنە ئامېرىكىدا 500 مىڭ، ئەنگىلىيەدە 400 مىڭ، كانادادا 350 مىڭ مالايسىيادا 100 مىڭ، تايلاندتا 100 مىڭ، ئىتالىيەدە 80 مىڭ شىك ياشايدۇ.

 ھىندىستاندىكى بىر مىليارد نوپۇس ئىچىدە شىكلارنىڭ نوپۇسى 20 مىليون بولۇپ، ھىندىستان نوپۇسىنىڭ ئىككى پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. شىكلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىمالىغا تارقالغان بولۇپ ھىندىستاندىكى پەنجاپ شتاتى ئاھالىسىنىڭ 63 پىرسەنتىنى، چاندىگار ئالاھىدە رايونىنىڭ %22 نى تەشكىل قىلىدۇ. قالغانلىرى دېھلى رايونى، خاريانا شىتاتى ۋە بومباي قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئەنگلىيە، كانادا، ئامېرىكا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ خېلى كۆپ شىكلار ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 

يىزىقىشىكلار ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى تىل ئائىلىسىگە تەۋە پەنجاپ تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھىندى ئېلىپبەسى قوللىنىدۇ. 

شىكھىندىستاندىكى شىكلارنى ئۇلارنىڭ تەقى- تۇرقىغا قاراپلا پەرقلەندۈرۈش تەس. لېكىن شىكلارنىڭ ئەرلىرىنى سانجاق- سانجاق ئادەملەر ئىچىدىنمۇ بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئالاھىدە كىيىنگەن، بېشىغا رەڭدار شايىدىن سەللە ئورىغان، ساقاللىق، بەستلىك ۋە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. شىكلار چېچىنى ئۆمۈر بويى چۈشۈرمىگەچكە، ئۇزۇن چاچلىرى سەللىسىنىڭ تېگىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن شىك ئەرلىرى ھەرىكەت قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن چېچىنى سەللە بىلەن «تۈگمەن تېشى»دەك قىلىپ ئورىۋالىدۇ، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون كىيىپ، قولىغا پولات بىلەيزۈك سالىدۇ، يېنىغا قىلىچ ئاسىدۇ، ئىچىملىك- چېكىملىكتىن پەرھىز قىلىدۇ. ئۇلار قەيسەر خاراكتېرىگە ئىگە بولغاچقا، ھەممىسى دېگۈدەك چەۋەنداز كېلىدۇ. شىك ئەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىغا كۆپىنچە «سىنگى»، يەنى «باتۇر شىر» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى قوشۇپ ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىردەك جەسۇر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشىدۇ.

شىكلارنىڭ باش كىيىمى شىكلارنىڭ سەللە ئوراش ئادىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەينى ۋاقىتتا، بېشىغا سەللە ئوراش ئادىتى بولغان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ بويسۇندۇرۇلغانلار بىلەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يات دىندىكىلەرنىڭ سەللە ئورىشىغا يول قويمىغان. لېكىن گەۋدىسىنى كېرىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن شىكلار ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ، ھەممىسى بېشىغا سەللە ئوراپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، ھازىر ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار سەللە ئورىمايدىغان بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىكلار تا بۈگۈنگە قەدەر جاھىللىق بىلەن بۇرۇنقىدەكلا سەللە ئورىماقتا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىكلار سەللە قىلىپ ئورايدىغان رەختنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 13 مېتىرچە كېلىدىكەن.  ھىندىستاندىكى شىكلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھىندىستان سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم شىكلار ئىشچى بولدى. ئۇلار كۆپىنچە توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تارماقلاردا ئىشلەيدۇ. شىكلار جەسۇر ھەم كۈچلۈك بولغاچقا، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەربىي قىسىملاردا خىزمەت ئۆتىشىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى شىكلارنىڭ سەللە ئوراش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەربىي سەپكە قاتناشقان شىك ئەرلىرىنىڭ ھەربىي بەلگىنى سەللىسىگە تاقىۋالسىلا ھەربىيچە باش كىيىم كىيمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 

شىك دىنى   شىكلار شىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. شىك دىنى 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ناناك (1469-1539) دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان، ھىندى دىنىدىن بۆلۈنۈپ چىققان مۇستەقىل بىر تارماق دىن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شىتاتىدا تارقالغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ شەھەر خەلقىنىڭ فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى كۈچلۈك قورالى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى «گلانتىر ساخابۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. شىك دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى تەبىئەت خۇدالىرىغا چوقۇنىدۇ. ئۇلار «دۇنيادىكى بارلىق ھادىسىلەر خۇدانىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس» دەپ قاراپ، خۇدانىڭ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىرقچىلىق تۈزۈمىگە ۋە ئاياللارنى خورلاشقا قارشى تۇرۇپ، چاكىنا دىنىي قائىدە- يوسۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش، ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەپ خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. پاسسىپ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. شىك دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى ھىندى دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھىندىستاندىكى شىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي مەركىزى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى چېگرا شەھەر ئامرىتساردۇر.

تارىخى  شىك دېگەن بۇ سۆز ھىندى تىلىدىكى «SIKH» سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ «مۇرىت، مۇخلىس» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. 17- ئەسىردە بۇ يەردە كۆلىمى ئىنتايىن زور بولغان بىر ئىبادەتخانا سېلىنغان بولۇپ، 1830- يىلى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىنغاندا ئۇنىڭ تام- تورۇسلىرىغا 100 كلوگرام ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەچكە، «ئالتۇن ئىبادەتخانا» دەپ ئاتالغان. ئۇ شىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ نەزەرىدىكى مۇقەددەس جاي ھېسابلىنىدۇ.  ھىندىستاندىكى شىكلار ئۆز دۆلىتىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا كۆپ قېتىم زەربە بەرگەن ۋە ئۇلار بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلغان. ئۇلار ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتكەچكە، پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىنىڭ مەدھىيىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان، جۈملىدىن ئۇلار يەنە ھىندىستاننىڭ 57 يىل بۇرۇنقى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى جەريانىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. شىكلار گەرچە ھىندىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئىككى پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پرېزىدېنت، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك گېنىراللار چىققان. ئالايلۇق، ھىندىستاننىڭ بۇ يىلقى 14- نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلىمىدا غەلىبە قىلغان كونگرېسلار پارتىيىسىدىن بولغان زۇڭلىسى مانموخان سىنگى (Manmohan Singh) ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى شىك مىللىتىدىن چىققان تۇنجى ھۆكۈمەت باشلىقىدۇر. [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/108702.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#