ئاكاگى خاروكو

«ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى باش پېرسۇناژ.  ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ۋاسكىتبول كوماندىسى كوماندا باشلىقى ئاكاگى تاكىنارونىڭ سىڭلىسى .

تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققاندىلا ساكوراگى خاروكونى ياخشى كۆرۈپ قالدۇ . ساكوراگىنىڭ  ئادەتتىن تاشقىرى تەن ساپاسىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنى ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تەۋسىيە قىلىدۇ .  ساكوراگىنىڭ توپ ئوينىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . رۇكاۋانى ياخشى كۆرىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاكاگى خاروكو
باشقا نامى Akagi haruko、あかぎ はるこ
يۇرتى ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيىسى
بەدەن ئېغىرلىقى 42
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赤木晴子
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
بوي ئېگىزلىكى 152
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى باش پېرسۇناژ.  ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى . ۋاسكىتبول كوماندىسى كوماندا باشلىقى ئاكاگى تاكىنارونىڭ سىڭلىسى .كارتون فىلىمدىكى مۇھىم پېرسۇناژ بولۇپ ، مەيدانغا چىقىشىدىن  باشلاپ كارتون ئاخىرلاشقۇچە مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئوماق چىرايلىق ھەم ساددا ، ئۆزى بولسا مۇلايىم ،ئاقكۆڭۈل ، ۋاسكىتبولنى بەكلا ياخشى  كۆرىدۇ . ئاكىسىغا قەتتىي ئوخشىمايدىغان ، بەكلا ئالقىشلىنىدىغان قىز بالا .تولۇقسىزنى 4-ئوتتۇراىدا ئوقۇغان .

ھېسسىيات جەھەتتە ئىنتايىن مۆڭ، ساكوراگىنىڭ ئۆزىنى ياخشى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كىلچە ھېس قىلالمايدۇ ، پەقەت رۇكاۋا ئاشىق بو لۇپ يۈرىدۇ ، ئەمما رۇكاۋا بىلەن نەچچە قېتىم گەپمۇ قىلىپ باقمىغان .

«ۋاسكىتبول ماھىرى »دىكى ئاساسلىق باش پېرسۇناژ ساكوراگى دەل خاروكوى دەپ ۋاسكىتبول ئوينايدۇ . 

ئۇنىڭ قۇندۇزدەك قارا چاچلىرى ، چوپچوڭ كۆزلىرى ،  قاراشلىرى سۇدەك مۇلايىم ، ئەمما بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ كۆزىدىن چىدامچانلىق ھەم ئۈمىدنى كۆرگىلى بولىدۇ . قىلچە پەرداز قىلماي ، مەكتەپ فورمىسى  بىلەنلا يۈرسىمۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك چىرايلىق . خاراكتېرى ھەم گۈزەللىكى سەۋەبلىك مەكتەپتە تولىمۇ ئالقىشلىنىدۇ.

سانسىز بۇ كارتوننىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى مۇھەببەت باغلىغان ئايال مەبۇدىسى .دائىم ئىللىق ھەم ساددا تەبەسسۇمى بىلەن كىشىگە ئىللىق  سېزىملارنى ئاتا قىلىدۇ . ئۇنىڭ خاراكتېرى نۇرغۇن قىزلارغا ئورتاق بولسىمۇ لېكىن خاروكو خاروكو  بولغانلىق سەۋەبلىك يەنىلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ . ئۆزى ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ، مەرد . بولۇپمۇ ساكوراگىغا نىسبەتەن ، مەيلى ساكوراگى ياخشى  ئوينىيالىسۇن ياكى ئوينىيالمىسۇن ، ھامان ساكوراگىغا مەدەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ . شۇڭا خاروكو ماكوراگىنىڭ ۋاسكىتبول ئوينىشىدىكى بىر ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ .

[ساكوراگى باشقىلارغا ئوشىمايدۇ ]   -ئاكاگى خاروكو

خاروكونىڭ تاتلىق كۈلكۈسى مۇلايىملىقىدا بىز ئېتراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىرخىل چىدامچنلىق ھەم ئېتىقاد بار . شۇڭا ئۇ مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلالىدى .

[ئۇلار توپنى چۈشەنمىسە ، بۇنداق دېسە قانداق بولىدۇ ، بۇنداق ۋاقىرىسا توپچىلارنىڭ مەشىق قىلىشىغا تەسىر يەتمەمدۇ ]   - خاروكو 

بۇ گەپنى قىلىپ بولۇپلا ، يەنە رۇكاۋانىڭ توپ ئوينىشىنى كۆرۈپ كىرىپلا كېتىدۇ ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ تولىمۇ ئوماقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . خاروكو  ياشلىق دەۋرىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ ، كىشىگە شۇنچە راھەت تۇيغۇ بېرەتتى . خۇددى ئۆزى دېگىنىدەك  ھەرقانداق ئىشنى ئاشۇرۋەتمەيتتى .

سەۋىرچان ،ھھممەيلەنگە بولغان پوزىتسىيىسى ئوخشاش ، ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدىكى مۇلايىم ، چىقىشقاق ، چىرايىق ھەم ئوماق ساھىبجامال . 

ئايوكو بىلەن بىللە كوماندا باشقۇرغۇچىسى بولىدۇ ، رۇكاۋا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ . ساكوراگى  يارلانغاندىن كېيىن  ھەر ھەپتىدە ساكوراگى بىلەن خەت ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ .  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#