ئاۋدرېي خېپبۇن

ئاۋدرېي خېپبۇن

ئاۋدرېي خېپبۇن 1929-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلگىيە نىڭ بريۇسسېلدا تۇغۇلغان، ئەنگلىيە كىنو ۋە ئۇسسۇل مۇنبىرىدە قالتىس نام چىقارغان ئارتىس.


ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاۋدرېي خېپبۇن
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىلىيە
يۇرتى بريۇسسېل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 170سانتىمېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 奥黛丽·赫本
مىللىتى بېلگىيە، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە، ئىرېلاندىيە ئارىلاش قانلىق
تۇغۇلغان ۋاقتى 1929-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋدرېي خېپبۇنئاۋدرېي خېپبۇن 1929-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى بېلگىيە نىڭ بريۇسسېلدا تۇغۇلغان، ئەنگلىيە كىنو ۋە ئۇسسۇل مۇنبىرىدە قالتىس نام چىقارغان ئارتىس. 1948-يىلى، ئۇ «گوللاندىيەدىكى يەتتە دەرس» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە رول ئېلىپ، كىنو ساھەسىگە قەدەم بېسىپ، بىراقلا نام چىقارغان. 

كېيىنكى يىللاردا خېپبۇن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، 3-دۇنيا ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاۋدرېي خېپبۇن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە راكى بىلەن 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئاۋدرېي خېپبۇن1954-يىلى، خېپبۇن «رىمدىكى دەم ئېلىش» ناملىق فىلىمدە تۇنجى قېتىم ئايال باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان ھەمدە ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى مۇپاكاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان ھەمدە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 1999-يىلى، ئۇ ئامېرىكا كىنوچىلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن «يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئارتىس»نىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ باھالانغان.

ئاۋدرېي خېپبۇن

  • ياخشىلىق بىردىنبىر ئۆڭمەس گۈزەللىك.
  • ئادەم دېگەن ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىلگىرىلىيەلىشى، ئەسلىمىلەر قوينىدىن كەلگۈسىگە يول ئالالىشى، كېسەللىكتىن ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى، بىلىمسىزلىكتىن مەدەنىيەت سەپىرىگە ئاتلىنالىشى، ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئىچىدىن ئۆزىنى باتۇرلارچە قۇتقۇزۇپ چىقالىشى، توختىماستىن ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىپ چۈشۈشى ھەمدە ئىمكانىيىتى بولسىلا باشقىلارغا ياردەم بېرەلىشى كېرەك.
  • ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى تاشقى قىياپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاياللارنىڭ قەلب ئالىمىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا، ئۇنىڭ ئاتا قىلغانلىرىدا ۋە قىزغىنلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
  • بىر ئايالنىڭ گۈزەللىكى يىللارسېرى ئېشىپ بارىدۇ.
  • ناۋادا دۇنيا ئەتىلا ۋەيران بولىدىغان بولسا، مەن ئاشۇ بەختلىك سەرگۈزەشتىلىرىمنى ۋە خۇشاللىق مىنۇتلىرىمنى ئەسلىگەن بولاتتىم، ھەرگىزمۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىم، بويۇمدىن ئاجراپ كەتكىنى ياكى ئاتامنىڭ كەلمەسكە كەتكىنىدىن ۋايىم يېمىگەن بولاتتىم. ئۇلارنى خۇشال پەيتلەردە ئەسلىسەكلا كۇپايە.
  • ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ناۋادا سىز ھەرقانداق چاغدا بىر قولنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغاندا، سىز بىلەكلىرىڭىزنىڭ ئۇچىدىنلا ئۇ قولنى تاپالايسىز.
  • چوڭ بولغانسېرى سىز ئىككى قولىڭىزدىن پەقەت بىرىنىڭلا ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
  • ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، خۇشال ياشاش، مەن تىرنىقىمنى ياساشقا، ياسىنىشقا ئامراق. مەن خۇشال قىزلارنىڭ تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 
  • مەن ھەبىر كۈننىڭ يېڭى بىر كۈن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 
  • مەن مۆجىزىگە ئىشىنىمەن.
  • سەمىمىيلىكنى سۆزلەيدىغان چىرايلىق ئېغىزىڭىز بولسۇن!
  • باشقىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرىدىغان ئوماق كۆزلىرىڭىز بولسۇن!
  • يەۋاتقانلىرىڭىزنى ئاچ قالغانلارغا ئۆتۈنەلەيدىغان ساغلام بەدىنىڭىز بولسۇن!
  • يوللاردا قەدەملىرىڭىز باشقىلارغا ئۈلگە بولسۇن!  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#