يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى بولسا بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چىپار بۇغىنىڭ تېخى سۆڭەكلەشمىگەن قويۇق تۈكلۈك يۇمرانمۈڭگۈزى بۇلۇپ،ھايۋان مەنبەلىك دورا ھىسابلىنىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن چىقىدۇ ،رايونىمىز شىنجاڭدامەخسۇس ئورۇنلاردا بىقىلىدۇ.
تەبىئەتنى، باھنى، بۆرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، مەنىي تۇتۇش، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىشتىھانى ياخشىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
1. يۈرەك قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى: سىبىرىيە چىپار بۇغىسىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزىدىن چىقىرىپ ئېلىنغان يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى جەۋھىرى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەتراپ قان تومۇرىنى كېڭەيتىدۇ.
2. پانتوكىرىن پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىنى بېرىدۇ.
3. قارا تايغان بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ كەسمىسىنى فىزىئولوگىيىلىك ئاش تۇز ئېرىتمىسىگە چىلاپ، تەييارلانغان سۇيۇقلۇقتىن ئورۇقدىنى ئېلىپ تاشلانغان ئاق چاشقانغا كىرگۈزۈلگەندە، ئۇلاردا جىنسىي بەز ھورمونلىرىدا كۆرۈنگەندەك جىنسىي بەز خىزمىتىنى قوزغىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن.
4. يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئۇزاققىچە ساقايمىغان ۋە بىخلىما گۆش ئۈنۈپ چىقىش ناچار بولغان يارىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.
كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى ،گلۇتامىك كىسلاتا (glutamic acid)، گلىتسىن(glycine)قاتارلىق، ئەرلىك ھورمون(androgen)، ئاياللىق ھورمون(estrogen) ،مەزى بىزى ماددىسى،خولىستىرىن،سۇ،ئورگانىك ماددىلار،سۇدا ئېرىيدىغان سىرغىما ماددىلار،ئىسپىرتتا ئېرىيدىغان سىرغىما ماددىلار، كۈل، كۈلنىـڭ تەركىبىدە كالتسـىي (Ca)، فوسفور (P)، ماگنىي (Mg) قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. سۇدا ئېرىيدىغان سىرغىما ماددىلىرىنىڭ كۆپ مىقداردا شىلىمشىق ماددىلار بار. ئاز مىقداردا ئىنرون (Oesterone) بار.
1. يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى، تاباشىر، كەتىرالاردىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە كونا ئىسھالغا شىپا بولىدۇ.
2. سۆئلەپ بىلەن بۇغا مۈڭگۈزىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3. ئاقاقىيا، ئانارگۈلى، ئەنجىباھار، بۇغا مۈڭگۈزىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە قان توختىتىدۇ.
4. مەرۋايىت بىلەن بۇغا مۈڭگۈزىنى كۆيدۈرۈپ سۇپۇپ قىلىپ سەپسە، ئېغىز يارىسىغا شىپا بولىدۇ.
5. بۇغا گۆشىنى سېرىقچېچەك بىلەن ياكى زىغىر يېغى بىلەن قورۇپ يېسە، باھنى قوزغايدۇ.
قۇرسى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىباھار.
بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تۇتالماسلىق، يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، ھەر خىل جاراھەتلەر، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىقلار، پەي ۋە سۆڭەك بوشلۇقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، تاماق سىڭمەسلىك، ئۈچەي جاراھىتى، قۇلۇنجى، جىگەر ۋە تال ئاغرىقى، قىچىشقاق، بەرەس، ئاق داغ، قوتۇر، چىش كېسەللىكلىرى، ھەيز توسۇلۇش، سۈت كەلمەسلىك، بىقىن ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.