پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش دېگىنىمىز 1-دۆلەت 2-دۆلەتنىڭ ياكى بىر چەت ئەلنىڭ خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە 1-دۆلەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر 1-دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بايلىق مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئۇيغۇرچە پىسخولىگىيەلىك ئۇرۇش
خەنزۇچە 心理战
ئىنگىلىسچە psywar

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن ئۇقۇم ئوخشىمىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئەڭ كۆپ تارقالغان ژۇرناللار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەردە قوبۇل قىلىنغان مەنىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن:

(1) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش دېگىنىمىز 1-دۆلەت 2-دۆلەتنىڭ ياكى بىر چەت ئەلنىڭ خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە 1-دۆلەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر 1-دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بايلىق مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەشۋىقات پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي قىسمى بولۇپ، بىردىنبىر قىسمى بولمايدۇ.

(2) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يۇقىرىقىدىنمۇ كەڭرەك دائىرىدىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، سىمۋوللۇق خاراكتېرىنى ئالغان زوراۋانلىق ئىش-ھەرىكەتلەر، ۋە رەقىبنى ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ياكى ھەيۋە قىلىش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەن تېررورلۇقلار قاتارلىقلار. ئۇ يەنە جاسۇسلۇققا ئوخشاش مەخپىي ھەرىكەتلەرنى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئۇنىڭ ھوقۇق، نوپۇز ۋە دەرىجە تۈزۈمى تۈزۈلمىسىنى باشقا بىر شەكىلگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەر (subversion) نى، مەخپىي ئۆلتۈرۈش، تېررورىزملىق ۋە ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىشلار بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى چىرىتىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. 

(3) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يەنە «مېڭە يۇيۇش»، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ۋە بەزى كوممۇنىست ئەللەردە ئىشلىتىلىدىغان، ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

(4) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يەنە ئۆز خەلقىنىڭ ئاممىۋى پوزىتسىيەسىنى چىرىتىشنى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كېتىدىغان پارتىزان ئۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي-ھەربىي ئىش-ھەرىكەتلەرنى، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇنتىزىم ئەسكەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىش-پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى رولى ھەققىدە بىر ئورتاق چۈشەنچە شەكىللىنىشكە باشلىدى. كىشىلەر قوبۇل قىلغان بىر ئورتاق خۇلاسە شۇ بولدىكى، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش دېگىنىمىز بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئالدىن پىلانلانغان تەرىقىدە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىش-ھەرىكەتلەر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ .

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش يېقىنقى زامانلاردا «پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار» (Psychological operations, psyops) دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: ئاڭلاش ئوبيېكتلىرىغا تاللانغان ئۇچۇرلار ۋە كۆرسەتكۈچلەرنى يەتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېسسىياتلىرى، مەقسەتلىرى، ۋە سەۋەبلەرنى ئوبيېكتىپ ھالدا چۈشىنىش ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش، ئەڭ ئاخىرىدا نىشان قىلىنغان تەشكىلات، گۇرۇپپا ۋە شەخسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش. ئۇنى مەلۇم بىر ئۇرۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئېلىپ بارغاندا، ئۇ بىر ئىنتايىن كۈچلۈك قورالغا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى چەكلەپ قويىدىغان نەرسە پەقەت ئۇنى قوللانغان قومانداننىڭ چېۋەرلىك دەرىجىسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.

«پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار» غا بېرىلگەن يەنە بىر ئېنىقلىما مۇنداق: دۈشمەنلەشكەن، قارشىلاشقان، بىتەرەپ يول تۇتقان ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان چەت ئەل گۇرۇھلىرىدا ئۆزىنىڭ مىللىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلانغان ۋە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلەردىن ئىبارەت.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشپىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر قىسىم ئىدىيەلىرىنى بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن جۇڭگولۇق ھەربىي ئالىم سۈنزى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ چاغلاردا «پسىخولوگىيە ئىلمى» دېگەن پەن مەۋجۇت بولمىغاچقا، سۈنزى ئۆزىنىڭ ئىدىيەلىرىگە «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دەپ نام بەرمىگەن، ئەمما پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئىدىيەلىرىنى ئۇ ئەينى ۋاقىتتىلا ئوتتۇرىغا قويغان. تارىختا زور كۆپ زېمىنلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ئىمپېراتور ئالېكساندېر (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، Alexander the Great) ۋە موڭغۇللارنىڭ دۇنياغا داڭلىق داھىيسى چىڭگىزخان قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئىدىيەلىرىنى پايدىلانغان .

كىشىلەر «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەن كىشى ئەنگلىيەلىك ھەربىي ئانالىزچى ۋە تارىخشۇناس فۇللېر ئەپەندىم (J. F. C. Fuller)، دەپ قارايدۇ . فۇللېر 1920-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش تېخنىكىلىرىدا قانداق يېڭى يۈكسىلىشلەر يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، كەلگۈسىدە بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورنىنى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشلار ئالىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئۇرۇشلاردا ھەربىي قوراللار ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ھېچ قانداق ئېھتىياج قالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنسانلارنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۈجىمەللەشتۈرۈش، بىر دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە روھىي ھاياتىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئىرادىسى بويىچە ھالاك قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە فۇللېر «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى 1920-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ سۆز ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئاكادېمىيە ساھەلىرىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئانچە بەك تارتىيالمىدى. ئۇنىڭدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئۆزى ئېلىپ بارماقچى بولغان بەزى تەشۋىقاتلارنى «سىياسىي ئۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە فۇللېر ئوتتۇرىغا قويغان «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» نىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

 «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئامېرىكا 1940-يىلى رەسمىي يوسۇندا ئىشلەتتى. يەنى، شۇ يىلى 1-ئايدا ئامېرىكىدا «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ۋە ئۇنى ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى» دېگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق ئىرادىسى كومىتېتى «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئۆزلىرى بېسىپ تارقاتقان بىر پارچە كىتابتا ئىشلەتتى. ئەمما ئۇ كىتابتا «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» قا بېرىلگەن ئىزاھاتلار 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» قا باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن چۈشەنچىلەر بىلەن زادىلا ئوخشىمىدى. 

«پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلىپىدە ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە باشلىدى. يەنى ئۇلار بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇش تارىخىدىكى بىر خىل ئىش-ھەرىكەتنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەسلەپكى 10 يىل ئىچىدە «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆز ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئەڭ قىزىقارلىق بەس-مۇنازىرىلەر ۋە ئىلمىي مۇزاكىرىلەردە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئالدى. 

ئامېرىكىلىقلار «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ئۇقۇمىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كەڭ كۆلەمدە پايدىلاندى. يەنى، ئامېرىكا ھەربىي قوشۇنلىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان، ياكى ئۇلارغا ياردەم قىلغان تەشكىلاتلار ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرىنى «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىدى. ئەمما ئۇ كەڭ-كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن-مۇددەتلىك تەشۋىقات ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمىدى. ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل ئاساسلىق رەھبىرىي ئورگانلىرىمۇ كېيىنچە «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» نىڭ ئورنىغا «سىياسىي ئۇرۇش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بىر ئالدىن پىلانلانغان ئىش بولماستىن، پەقەتلا نەق مەيداندا مەيدانغا چىقارغان ئىشلاردىنلا ئىبارەت بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولدى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككىسى مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىدارىلەردىن مەخسۇس خادىملارنى تاللاپ، ئۇلارنى مەخسۇس تەربىيەلەپ ، ئۇلارنى ھەربىي قوشۇنلارغا، ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوشۇنلارغا، ۋە ئالاھىدە ھەربىي قىسىم باش شتابىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنداق ئىشلار ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىمۇ ئوخشاش تەرىقىدە داۋام ئەتتى. ئۇ چاغلاردا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا مەسئۇل ئورۇنلار ئاساسەن ھەربىي ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن ئۇرۇش پىلانلىرى ئاساسەن مۇۋاپىق ھالدا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلمەي، تەشۋىقات ئىشلىرى ھەربىي مەشغۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى تەرىقىسىدە ئەمەس، ئۇلاردىن ئايرىم مەشغۇلاتلار سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلدى. چەت ئەلدىكى رايونلاردا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى قوللىنىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە پىلانلاش ئىشلىرى ھەر بىر قوماندانلىق مەركەزلىرى ئىچىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋاللىرى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا قاراپ ئوخشاش بولمىدى.

ئامېرىكىدا 1953-يىلىغا كەلگەندە «ئامېرىكا ئۇچۇر ئىدارىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر رەسمىي، ئۆز-ئۆزىنى مۇستەقىل باشقۇرۇش يېرىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان بىر ئورۇن ۋۇجۇدقا كەلدى. 

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بىلەن كورېيە توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە تارماقلىرىغا قاراشلىق چەت ئەللەردىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر يېڭى قۇرۇلمىغا بولغان ئېھتىياجمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيدى. چەت ئەللەرگە ئائىت ئاخباراتلارغا مەسئۇل بولغان بىر قانچە ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنغا «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆزگە يېقىن بولغان «پىسخولوگىيەلىك ئىستراتېگىيە» دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى ئىشلىتىش بىر تەبىئىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترۇمېن (Truman) 1950-يىلى «پىسخولوگىيەلىك ئىستراتېگىيە ئىدارىسى» نى قۇرۇپ، بىر قانچە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەرگە ئائىت ئاخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە پىسخولوگىيەلىك ئىستراتېگىيە خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويدى. 1953-يىلى ئۇ ئىدارىنىڭ ئىسمى «مەشغۇلاتلارنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى» گە ئۆزگەرتىلدى. 1961-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كېننېدى ئۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

كورېيە ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئىشخانىسى» نى قۇردى. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا (North Carolina) شتاتىدا بىر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش مەركىزى ۋە بىر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش مەكتىپىنىمۇ قۇردى. ھەمدە ئاشۇ قۇرۇلمىلاردىن پايدىلىنىپ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش نەزەرىيىلىرىنى كودلاشتۇرۇش (رەسمىيلەشتۈرۈش) ۋە ھەربىي خادىملارنى مەخسۇس تەربىيەلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا بولغان قىزىقىش ئامېرىكىنىڭ بارلىق ھەربىي قوشۇنلىرىغا كېڭەيدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا ئائىت يېڭى ئۇقۇم ۋە يېڭى ئېنىقلىمىلار مەيدانغا كېلىپ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تەلىماتلىرىمۇ ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىندى. بۇرۇنقى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش (psywar) دېگەن سۆز «پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار» (psyops) ۋە «پىسخولوگىيەلىك پائالىيەتلەر» (psychological activities) دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بەردى. 

ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ساھەسىدە تۇتقان يول ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئىشلەتكەن «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» دېگەن سۆز قالغان دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىپ كەلگەن باشقا سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بولغىنى، قالغان ئەللەرمۇ كىرىزىس ۋاقىتلىرىدا پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان، ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ۋە ئالاھىدە قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر ئالاھىدە قوشۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلدى. ئاشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئەللەر ئامېرىكىغا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىدىكى ھەربىي مەكتەپلەردە تەربىيەلىدى. 

ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشى بۇرۇنقى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشىدىن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ:

(1) پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش تىنچلىق ۋە ئۇرۇش مەزگىللىرىدە پايدىلىنىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ۋاسىتىلەردىن ئىبارەت 4 چوڭ ۋاسىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى چەت ئەللەرگە قاراتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە مۇھىم قارارلارنى ئالغاندا، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئامىللار بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويىدۇ.

(2) خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار نىشان قىلىنغان كىشىلەرگە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئىشىنى ناھايىتى ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك قىلىۋەتتى. ھازىر تەشۋىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قىسقا-دولقۇنلۇق رادىيو، فىلىم، تېلېۋىزور پىروگراممىلىرى، ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك خەت بېسىش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىقات ئوبيېكتلىرىغا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا يەتكۈزەلەيدۇ. 

(3) خەلقنىڭ رايىنى سىناش، تاللانغان كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش، تاللانغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىش، ۋە چەت ئەلدىكى گۇرۇھلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش تېخنىكىسىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار مەلۇم بىر گۇرۇھ ياكى مەلۇم بىر خەلق ئۈستىدە ناھايىتى توغرا مۆلچەرگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇرۇنقىدەك پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش بەزىدە ئۈنۈم بېرىپ، بەزىدە ئۈنۈم بەرمەيدىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرى مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن: تاكتىكىلىق پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار، ئىستراتېگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار، ۋە مۇستەھكەملەش پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرى .

تاكتىكىلىق پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار بىر ئالاھىدە دۈشمەن ھەربىي قوشۇنىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنداق مەشغۇلاتلارنىڭ مەقسىتى دۈشمەننىڭ ھازىرقى ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلىش ئەھۋالىنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالەتكە ئۆزگەرتىش.

ئىستراتېگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلار نىشان قىلغان دائىرە يۇقىرىقىدىن كۆپ چوڭ بولۇپ، ناھايىتى پۇختا پىلانلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇستەھكەملەش پىسخولوگىيەلىك مەشغۇلاتلىرىنىڭ مەقسىتى مەمۇرى ۋە ھەربىي رەھبىرىي ئورۇنلار قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلەرنى مۇستەھكەملەش بولۇپ، بۇنى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئىجرا قىلىش، بېسىۋالغان رايونلاردا ھۆكۈمەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشتىكى بىر مۇھىم ئامىل ئاخبارات توپلاش بولۇپ، توپلىنىدىغان ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇنداق ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) تەپسىلىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرى بولۇپ، ئۇ نىشان قىلىنغان گۇرۇھنىڭ مايىللىقلىرى ۋە ئاجىز نۇقتىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(2) تەشۋىقاتلاردا سىرتقا تارقىتىلىدىغان ئۇچۇرلار. رەقىبنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ماقالىلىرى، مۇخبىرلارغا تارقىتىدىغان ئۇچۇرلىرى، ۋە سۆزلەيدىغان نۇتۇقلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم بىر قېتىم ئىنچىكىلىك بىلەن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئۆزىگە پايدىلىق ۋە دۈشمىنىگە زىيانلىق تۈسلەرگە كىرگۈزۈش.

(3) ئېلىپ بارغان پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشقا زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار. تارقاتقان ئۇچۇرلار نىشانلىغان كىشىلەرگە يېتىپ بارالىدىمۇ؟ نىشانلىغان كىشىلەر ئۇ ئۇچۇرلارنى ئېنىق چۈشىنەلىدىمۇ؟ تارقاتقان ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ پايدىلىق قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى ئېلىپ بارغۇچىلار ئوخشىمىغان دۈشمەن رايونلىرىغا ئوخشىمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، يۇقىرىقىدەك سوئاللارغا جاۋاب بولىدىغان ئۇچۇرلارنى توپلاپ، شۇ ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدىنىش مۇنبىرى 

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئىزدىنىش مۇنبىرى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#