ئاچچىق قۇستە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاچچىق قۇستە ئۆسۈملۈك ئاچچىق قۇستىنىڭ (Saussurea lappa C .B Clarke) نىڭ يىلتىزى بولۇپ بولۇپ،ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «قۇستە« نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاچچىق قۇستە مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىگىزلىگى 3~10 سانتىمىتىر ئۆسىدىغان كۆپ يىيللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، رەڭگى ئاق، تەمى تاتلىق، خۇشبۇي، توم ۋە گۆشلۈك، چاينىسا بىر ئاز تىلنى قورۇيدۇ. ئاچچىق قۇستە ھەر يىلى 10-ئايدىن كېلەر يىلى 1-ئايغىچە كولاپ ئېلىپ، كەمتۇك غولىرىنى ئېلىۋېتىپ يېغۋىلىنىدۇ. ئەسلى ھىندىستاننىڭ مەھسۇلاتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ، يۈننەن، گۇاڭشى، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەم سۈرىيە، ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
تۈرى
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆرە تۇرىدىغان غولى يوق، يەردە يېيىلىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى كۆپ، بۇ ئۈچ خىل بولىدۇ.
1-تاتلىق قۇستە: تاتلىق، بىر ئاز سېرىققا مايىل يېشىل، خۇش پۇراق بولىدۇ، قۇستە بەھرع ياكى قۇستە ئەرەب دەپ ئاتىلىدۇ.
2-خىلى ئاچچىق قۇستە: ئاچچىق، رەڭگى قارىغا مايىل، ئىچكى قىسمى سېرىققا مايىل، توم، يېشىل، پۇرىقى ئاز، بۇ خىلى قۇستە ھىندى دەپ ئاتىلىدۇ.
3-خىلى قىزىلغا مايىل ۋە ئېغىر، ئېغىرلىقتا شەمشات دەرىخنىڭ ياغىچىغا ئوخشايدۇ، خۇشبۇي، ئاچچىقلىقى يوق، بۇ خىلى زەھەرلىك بولۇپ، ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. ئەگەر مۇتلەق قۇستە دەپ ئاتالسا قۇستە شىرىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قۇستىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى يېڭى، قۇرت يىمىگەن، رەڭگى ئاق، تەمى تاتلىق، خۇشبۇي، توم ۋە گۆشلۈك، چاينىسا بىر ئاز تىلنى قورۇيدىغان، پوستى نازۇك كەلگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن قالسا «قۇستە شاھى» بولۇپ، ئۇنىڭ قۇۋۋىتى 10يىلغىچە تۇرىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئاچچىق قۇستىنىڭ ئاجرىتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلىقى توشقاننىڭ بەدىنىدىن ئايرىلغان ئۈچىيىنىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ئۈچەي مۇسكۇلىرنىڭ ئۇزۇراش كۈچىنى كۆرىنەرلىك كۈچەيتىدۇ. ئۈچەي مۇسكۇلىنىڭ سىپازمىلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاشقازان يارىسىغا قارشى تۇرىدۇ.
2. شاخچە كاناي سىلىق مۇسكۇللىرىنىڭ سىپازمىلىنىشىغا قارشى تۇرۇپ، بوشىتىش رولى بار. ۋېنا تومۇردىن ئوكۇل قىلغاندا، ناركوزلانغان ئىتنىڭ نەپەسلىنىشنى تورمۇز قىلىدۇ.
3. يۈرەك – قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئاچچىق قۇستىنىڭ ئۇچۇچان مېيى پاقا، تۇلۇم چاشقان ۋە توشقاننىڭ بەدەندىن ئايرىلغان يۈرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇز قىلىدۇ. سۇ ياكى ئىسپىرتتىكى ئاجراتمىسى پاقا ياكى ئىتنىڭ يۈرىكىگە نىسبەتەن ئاز مىقداردا تەسىر قىلغاندا روھلاندۇرۇش تەسىرى، كۆپ مىقداردا تەسىر قىلغاندا تورمۇز قىلىش تەسىرىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېنىك دەرىجىدىكى قان بېسىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قان تومۇرنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەسىرى بار.
4. ئۇچۇچان مېيى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، كالا مەنبەلىك سەل تاياقچە باكتېرىيىسى، ئادەم مەنبەلىك سىل تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تورمۇز قىلىش رولى بار.
5. قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش، بۇرۇن راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.
1، قۇستىنى يامغۇر سۈيىگە چىلاپ، شۇ سۇنى بۇرۇنغا تېمىتسا، كونا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2 . قۇستىنى سۇيۇق ئېزىپ باشقا چاپسا،ئۇنۇتقاقلىقنى يوقىتىدۇ.
1.قۇستىنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ زىمات قىلسا،پەلەچكە ۋە ئەزالار بوشىشىشقا پايدا قىلىدۇ، شۇنىڭدەك قۇلاق ئاغرىقىغىمۇ پايدا قىلىدۇ. بۇنىڭ يېغىنى قۇلاققا تېمىتسا،قۇلاقنىڭ سوغۇقتىن بولغان توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ.
2.قۇستىنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنىنى پۇرىسا،زۇكامنى يوقىتىدۇ ۋە ئىسسىق پۇراقلاردىن پەيدا بولغان ۋابانى يوقىتىدۇ.
3.قۇستىدىن تۆت گرامنى ھاراق ۋە ئەمەن بىلەن قوشۇپ ئىچسە،كۆكرەك كېسەللىكى،كونا يۆتەل ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
4.قۇستىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ يالانچۇق تەييارلاپ يالىسا،كۆكرەكنىڭ شىلىمشىق خىلىتلىرىنى تازىلايدۇ،بىقىن ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ،
5.قۇستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، بەلغەمنى ۋە ھۆللۈكلەرنى يوقىتىدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ، ئاشقازان،جىگەر، بۆرەك ۋە دوۋساقنى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەم جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، تالنىڭ ئىششىقلىرىنى ياندۇرىدۇ، يەرقان، كىندىك چۆرىسىنىڭ ئاغرىقى ۋە بالىياتقۇ ئاغرىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.
6.قۇستىنى ئەگەر سوغۇق سۇ بىلەن ئىچسە،ئۈچەيلەردىكى ئۇششاق قۇرتلارنى چۈشىرىدۇ،سۈيدۈك،ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
7.قۇستىنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنى پاكىزە لاتىغا ئېلىپ ھومۇل قىلىنسا، ھەيز راۋانلاشتۇرىدۇ، قورساقتىكى بالىنى چۈشىرىدۇ، بالىياتقۇ ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ.
قۇستىنى قاينىتىپ ئىلمان سۈيىدە ئولتۇرسا (ۋاننا قىلىنسا) ياكى قۇستە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزسىمۇ شۇ تەسىرىنى بېرىدۇ.
8. بىر يېرىم گرام قۇستە سوفۇپىنى ھەسەل ياكى شاراب بىلەن ئىچسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
9.قۇستىنى يۇمشاق سوقۇپ خېمىر قىلىپ جىنسىي ئەزاغا چاپسا ياكى قۇستىنىڭ يېغى بىلەن ياغلىسا باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
10.قۇستىنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچسە،تۆت كۈندە بىر تۇتىدىغان كونا تەپنى يوقىتىدۇ،
11.قۇستىنى يۇمشاق ئېزىپ ھەسەل سۈيى بىلەن قوشۇپ بەدەنگە چاپسا، تېرىدىكى سەپكۈن ۋە داغلارنى يوقىتىدۇ.
12.قۇستىنى سىركە، سەنۇبەر دەرىخىنىڭ يىلىمى ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ چاپسا، چاچ چۈشۈپ كېتىش كېسىلى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، چېچى چۈشۈپ كەتكەن ئورۇنلارغا چاچ ئۆندۈرىدۇ، ئۇندىن باشقا تېرە كېسەللىرى ئۈچۈنمۇ پايدا قىلىدۇ.
13.كونا قۇستىنى يۇمشاق ئېزىپ،ھۆل يىرىڭلىق چاقىلارغا سېپىلسە پايدا قىلىدۇ.
14. تۆت گرام قۇستىنى ئۈزۈم ھارىقى بىلەن قوشۇپ ئىچسە،يىلان ۋە چايانغا ئوخشاش زەھەرلىك ھاشارەتلەرنىڭ زەھىرىنى تېرىنىڭ تېشىغا تارتىپ،ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
15.يانپاش ۋە بوغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن قۇستە يېغى تەييارلاپ ياغلاپ بېرىلىدۇ.
جاۋارىش جالىنۇس،تەرياقى سامانىيە،مەجۈنى داۋائىلمىشكى.
مېڭە ئاغرىقى، تارتىشىپ قېلىش، ئۇنۇتقاقلىق، قۇلاق ئاغرىقى، يۆتەل، زىققە،بوغۇم ئاغرىقى، پالەچ،لەقۋا،پەي ئاجىزلىقى، ئۈچەي قۇرتى، داغ،سەپكۈن، بەھەق، تەمرەتكە قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاچچىق قۇستە تەركىۋىدە سىتگماستېرول(Stigmasterol)، بېتولۈن (Betulin )، رېزۈينا، قۇستە ئىشقارى سائوسۇردىن (Saussurine ) قاتارلىقلار بار .
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر).
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.