سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى

سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى

ئەڭ بۇرۇنقى سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى(باتىپىلان) ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق سۇ ئاستى قورالى ئىدى. سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى ئىچىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمى يەر يۈزىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئادەم يۇمىلاق شار ئىچىدە دېڭىز سۈيى بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى
خەنزۇچە نامى 潜水器

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇغا چۆكۈش ئەسۋابىئەڭ بۇرۇنقى سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى(باتىپىلان) ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يوق سۇ ئاستى قورالى ئىدى. سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى ئىچىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمى يەر يۈزىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئادەم يۇمىلاق شار ئىچىدە دېڭىز سۈيى بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ ئۆز ئېغىرلىقى بىلەن دېڭىز تېگىگە چۆكىدۇ، سۇ يۈزىدىكى كېمە ئۇنى پولات ئارقانلىق چىغرىق بىلەن چۈشۈرىدۇ ياكى چىقىرىۋالىدۇ. بۇ ئەسۋاب سۇ ئاستىدا بەزى ئاددىي ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ، ئۇنى ئايلاندۇرۇش ۋە قىيسايتىش ئارقىلىق، كۆزنىكىدىن دېڭىز تېگىنى كۆزەتكىلى، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

دۇنيادا تۇنجى سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى «بىب» ناملىق باتىسفېرا(سۇغا چۆكۈش شارى) بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكا 1929-يىلى ياسىغان. سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى سۇ يۈزىدىكى كېمىگە پولات ئارقان بىلەن تۇتىشىدۇ، كېمە ئۇنى كابېل ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم سۇ تېگىدە ئۇزۇنراق خىزمەت قىلالايدۇ.

ھازىرقى زامان سۇغا چۆكۈش ئەسۋابلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكى بار، كۆرۈنۈشىمۇ ھەر خىل. چوڭ سۇغا چۆكۈش ئەسۋابلىرىنىڭ سىقىپ چىقارغان سۈيى1000 توننىدىن ئاشىدۇ، 10 مىڭ مېتىردىن ئارتۇق چۆكىدۇ؛ كىچىكلىرىنىڭ ئاران1 توننىدىن ئاشىدۇ، 9 مېتىرلا چۆكەلەيدۇ. مەيلى چوڭى ياكى كىچىكى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ چوڭقۇر سۇ ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىدىغان سىرتقى قېپى، لەيلىتىش ئۈسكۈنىلىرى، كۆزىتىش، مەشغۇلات قىلىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئەسلىھەلىرى بولىدۇ. شۇڭا، سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى دېڭىز تېگىدە كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئەۋرىشكە ئېلىش، سۈزۈش ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىق كىشىلەر چوڭقۇر دېڭىز تېگىدە ئورۇندىشى تەس خىزمەتلەرنى تاماملىيالايدۇ. بۇ ئەسۋاب دېڭىزدىكى نېفىت بايلىقىنى ئېچىشتا دېڭىز ئاستىغا ماي تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشقا ياردەم بېرىدۇ، خىزمەت قىلىشى ھەم تېز، ھەم ياخشى؛ يەنە ئادەم ئورنىدا سۇ ئاستىدىكى ماي تۇرۇبىلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ، سۇ ئاستىنى ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىدۇ ۋە ۋاقتىدا رېمونت قىلىدۇ. سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە، پورتلاردا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مىنا تازىلاپلا قالماي، يەنە سۇ ئاستى كېمىسى بىلەن ئۇلىنىپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان سۇ ئاستى كېمىسىنى قۇتقۇزالايدۇ. 

سۇغا چۆكۈش ئەسۋابىيېڭى تىپتىكى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمىدۇر. ئېلىمىز 1985-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى «دېڭىز ئادىمى Ⅰ» ناملىق ئۆزى ياسىغان سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمىنى داليەن قولتۇقىدا دېڭىز تېگىگە چۈشۈردى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېلېكترلىك پىرقىرىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ماڭالايدۇ، چېكىنەلەيدۇ، ئايلىنالايدۇ، ئۆمىلىيەلەيدۇ ۋە خالىغان چوڭقۇرلۇقتا توختىيالايدۇ. ئۇنىڭغا يېڭى تىپتىكى ئاجىز نۇر تېلېۋىزورى جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قولنى سۇنسا بەش بارماقنى كۆرگىلى بولمايدىغان دېڭىز تېگىدە 20 مېتىر دائىرىدىكى نىشانلارنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭ سونار «قۇلىقى» ، 5 مېتىر كېلىدىغان مېخانىك قولىمۇ بار، كومپيۇتېرنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا سۇ تېگىدە كۆڭۈلدىكىدەك مەشغۇلات قىلالايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#