بالىلارنى بېقىش

بالىلارنى بېقىش

بالىلارنى بېقىش بوۋاقلارنى بېقىشقا قارىغاندا بىر قەدەر قىيىنراق بۇلۇپ، بالىلار بوۋاقلىق مەزگىلىدىن ئۆتكەندە، يەنى بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىتى بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ھالقىلىق مەزگىل.

ئۇيغۇرچە نامى بالىلارنى بېقىش
خەنزۇچە نامى 育孩子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقلىنىشىبالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەڭشەشتە مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىق بەرگەندە، ئاق ئاشلىقتا كەم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە، تولۇق بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئاق ئاشلىقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كراخمال، ئاقسىل، ماي قاتارلىقلار بولۇپ، ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ئاز. چۈنكى ئاشلىقنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن بارغانسېرى يۇمشاپ كېتىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا ۋىتامىن، ئانئورگانىك تۇز، مىكرو ئېلېمېنتلار بارغانسېرى يوقاپ، ئوڭايلا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ۋىتامىن B1 كەم بولغاندا، پۇت تەرلەش كېسىلى، بالىنىڭ بېشى ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا نېرۋا ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن بەدەن ئىششىپ، سوغۇق تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىلمۇخىل قارا ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىل كەملىكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، ماينىڭ مىقدارى بىر ئاز كۆپ، كۆممىقوناق تەركىبىدە مۇۋاپىق مىقداردا فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار، يىرىك پوستىدا ناھايىتى مول ۋىتامىنلار بولىدۇ، بۇغداينىڭ تەركىبىدە مول كالتسىي بار، تېرىقنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ۋە ۋىتامىن B نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. نومى گۈرۈچ، كۆممىقوناق، قىزىل پۇرچاق، يېشىل پۇرچاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ مول. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم قارا ئاشلىقنى يەپ بەرسە، بالىلارنىڭ چايناش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، سۈت چىشىنىڭ چىقىشىغا ۋە يېتىلىشىگە پايدىلىق.

ياخشى ئادەتنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك، پەقەت كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرگەن ئادەتلا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدۇ. 

بالىلارنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش 

بالىلارنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشبالىنى ئەمچەكتىن ئايرىش جەريانىدا بالىنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ بالىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى پسىخىكا ۋە ھەرىكەت جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم تەسىرى بار. ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئانىلار ھەمىشە بالىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بالىنىڭ ئانا سۈتىنى ئېمىش تەلىپىنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. پسىخىكا جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانا بالىغا يول قويىدۇ، گەرچە بالىنىڭ تەلىپى ئورۇنلۇق بولسۇن-بولمىسۇن تەلىپىنى ئورۇنلاپ بېرىۋېرىدۇ. ئانىنىڭ بۇنداق يول قويۇشى بىلەن بالىدا ناچار تۇرمۇش ئادىتى شەكىللىنىپ، بارغانسېرى ئاچچىقى يامان، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىدىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال ساقلىنىپ قالىدۇ.

بالىلارغا ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش 

بالىلارغا ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشبالىلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش. بالىلىق دەۋرى بوۋاقلىق دەۋرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، چوڭلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەلۇم خىل يېمەكلىكنى يېيىشلىك ئەمەس، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق دېمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بالىلارنىڭ ئاشۇ يېمەكلىكتىن بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆكتات تاللايدىغان ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، دائىم بالىلارغا خىلمۇخىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى، ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ، بالىلارنىڭ بۇ خىل يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك.

بالىلارنىڭ تاماق يېيىش ۋاقتى ئۇزۇن بولماسلىقى، بىر تەرەپتىن تاماق يەپ، بىر تەرەپتىن ئوينىشىغا رۇخسەت قىلماي، چوڭلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يەپ، ياخشى بولغان تاماق يېيىش ئادىتى ۋە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تاماقتىن بۇرۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى، بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ بەرمەسلىك. مەسىلەن: تاماقتىن بۇرۇن قولنى يۇيۇپ، مېۋىلەرنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يېيىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى ئۆزى چوكا، قوشۇقتا تاماق يېيىشنى ئۆگىتىش، بالدۇرراق مۇستەقىل تاماق يېيىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

كۆكتات يېيىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش 

كۆكتات يېيىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆكتات يېمەيدىغانلىقتىن قايغۇرۇشۇپ، قانداق قىلغاندا بالىلىرىنىڭ كۆكتاتقا ئامراق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ كۆكتات يېيىشىنى خالىماسلىقى كۆپىنچە ئاتا-ئانىنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، توغرا بولغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى يېتىشتۈرۈشنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىن باشلاش كېرەك: 

1. ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەرىكەتلىنىپ، تەرتىپلىك ھالدا ئاستا-ئاستا بېرىش: بالا تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن كۆكتات شىرنىسى بېرىشكە بولىدۇ، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇششاق ئېزىلگەن كۆكتات قىيامىنى بېرىشكە باشلىسا، بالىلار بىلىپ-بىلمەي كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

2. تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى كۆكتات بېرىش: ئاتا-ئانىلار قورۇماقورۇغاندا توختىماستىن تۈرىنى ئۆزگەرتىپ، خىلمۇخىل قورۇما قورۇش، شۇنداقلا تاماق بەرگەن ۋاقىتتا ئاۋۋال كۆكتاتنى ئاندىن گۆش، تۇخۇمنى بېرىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك.

3. تەربىيىنى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش: بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى كۆكتات يېمەي تۇرۇپ، بالىلىرىنى كۆكتات يېيىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ ناھايىتى تەس ئىش. ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۆزىدىن باشلاپ، كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىش. بالىلار ئىش ئۇققاندىن كېيىن ئۇلارغا توختىماستىن كۆكتات يېيىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىشەنچىمىز كامىلكى، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن بالىلار چوقۇم كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ كېتىدۇ.

 يالغۇز ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى

يالغۇز ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىبەزى ئانىلار دائىم بالىسىنىڭ يالغۇز ئۇخلىغىلى ئۇنىمىغانلىقىدىن قايغۇرۇشىدۇ، ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇخلاپ ئادەتلىنىپ قالغان بالىلارنى يالغۇز ئۇخلاتماق ئوڭاي ئىش ئەمەس. تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئۇسۇلنىڭ بەلكىم بالىلارنىڭ يالغۇز ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

1. ئۆينى بالىنىڭ قىزىقىشى بويىچە بېزەش، مەسىلەن: بالىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بويىچە بىر ئاز سۇسراق يانىدىغان كىچىك لامپۇچكا ئورنىتىش، ئۇنىڭغا قونچاق ئېلىپ بېرىپ، قونچاق بىلەن بىللە ئۇخلىتىش.

2. ئاۋۋال بالىغا ھەمراھ بولۇپ بىر ئاز ئۇخلاش، بالا ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بالىنىڭ ھۇجرىسىدىن ئايرىلىش.

3. ئەگەر بالا بەك قورقۇپ كەتسە ۋە ئەنسىرىسە، ئۇنىڭغا قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قورقۇنچنى چىقىرىۋېتىش.

4. ئۇنىڭ بەزى تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا قوشۇلۇش، مەسىلەن: بالا مەلۇم بىرخىل ئويۇنچۇقنى ئالماقچى بولسا، ئەگەر بالا يالغۇز بىرقانچە كېچە ئۇخلىسا، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. ئىشىنىڭكى، بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سىز بالا بىلەن ئۇخلىماقچى بولسىڭىز، بالا ئۇنىماسلىقى مۇمكىن.

بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش 

بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈششۇڭا، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان، تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش لازىم. بالىلار 18 ئايلىق بولغاندا، ئۇنىڭغا قول، يۈزلىرىنى ئۆزى يۇيۇشنى ۋە سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارغا نېمىشقا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاخشىمى يېتىشتىن ئاۋۋال يۈز، قوللىرىنى يۇيىدىغانلىقىنى، تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە تازىلىققا رىئايە قىلمىسا ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەر قېتىم يۈز، قوللىرىنى يۇغاندا، بالىنى چاقىرىپ، بالا بىلەن بىرلىكتە يۇيۇش ۋە ئۆزئارا نازارەت قىلىشى كېرەك. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتتا، بالىلار كىيىملىرىنى مەينەت قىلىپ، سۇنى ھەممە يەرگە چېچىۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلاربالىلارنى ئەيىبلىمەي، ئۇنى ماختاپ: «قوزام ناھايىتى ياخشى، ئۆزىنىڭ قولىنى ئۆزى يۇدى» دېيىش كېرەك، مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇشلار ئارقىلىق، بالىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

 بالىلارنىڭ ئېغىز تىلىنى يېتىلدۈرۈش

بالىلارنىڭ ئېغىز تىلىنى يېتىلدۈرۈشبالىلارنىڭ بىر ياش ۋاقتى ئېغىز تىلىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار خالىغان يەردە بالىلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە بالىلارغا بالىلار ناخشىسى ئۆگەتسە، بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى، دوراش ئىقتىدارىنى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتى تېخى تولۇق تەرەققىي قىلمىغاچقا، بالىلارغا «كىچىك ئاسلان، مىياۋ، مىياۋ، مىياۋ…چوڭ سېرىق ئىت، ھاۋ، ھاۋ، ھاۋ…» دېگەندەك سۆزلىرى ئاددىي، رىتىملىق، قىزىقارلىق بالىلار ناخشىسىنى تاللاپ ئۆگىتىش شۇنداقلا ناخشا ئۆگەتكەندە خىلمۇخىل ھايۋانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى دوراش كېرەك. ئەگەر ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ مودېلى ياكى سۈرىتى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنى بالىلار ناخشىسى قىلىپ ئېيتىپ بېرىش قاتارلىقلار. يەنە بىر قېتىم بالىلار ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. بىراق بالىلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاسراش ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق ئۆگىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بالىلارنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش

بالىلارنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشئانا ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتقىنچە بالىنى ئۇخلىتىدۇ. بالا مۇزىكىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ. ئۇلار قوشۇق بىلەن تەخسە، چىنىنى چېكىدۇ، گەرچە باشقىلار ئۇلارغا ئۆگەتمىسىمۇ، رىتىملىق ۋە تەرتىپلىك ھالدا چالىدۇ؛ مانا بۇنىڭ ئۆزى—مۇزىكا، گەرچە بالىدا مۇزىكىنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت تۇغما ئىقتىدار بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بالىلاردا مۇزىكا سەۋىيىسىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدا مەغلۇبىيەت كۆپ بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئاتا-ئانا مۇزىكا تەربىيىسى بىلەن بالىنىڭ ئۆزىدىكى مۇزىكا ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ماسلاشتۇرالمىغان. نۇرغۇنلىغان بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ساز چېلىشنى ئۆگىنىدۇ ياكى مۇزىكا كېچىلىكىنى ئاڭلايدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئازابلىنارلىق تەجرىبە بىلەن مۇزىكىنى قوبۇل قىلىڭ دېسەك، ئېنىقكى ئاتا-ئانا مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى مۇزىكىدىن ھەقىقىي بەھىرلەندۈرمەكچى ۋە مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىماقچى بولسىڭىز، ئاقىلانە تەربىيە ئۇسۇلى ۋە قوزغىتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم.

بالىلار تەربىيىسىبىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيە ناھايىتى مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاتا-ئانىلار دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىنى ئاددىي ھالدا بالىلارغا بىلىم بېرىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ياكى بالىلارنىڭ «تەبىئىي تالانتىنى» يېتىشتۈرىدىغان مەزگىل دەپ قارىماسلىقى كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: ئاتا-ئانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، بالىلار شوخ، خۇشال-خۇرام، ساغلام ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى، تۇرمۇشتا ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل بولۇش ئىدىيىسى، جەمئىيەتتىكى ئالاقە ئىقتىدارى، دوستلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش، ئەقلىي قابىلىيىتى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەق-ناھەقنى تونۇش ۋە ئەخلاقىي كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

پەلەمپەيدە ئۆمىلەشكە يېتەكلەش

بالىلار بىر ياشقا كىرگەندە ماڭالايدۇ، بىراق پەلەمپەيگە چىقىپ چۈشەلمەيدۇ. شۇڭا پەلەمپەينى كۆرسىلا ئۆمىلەيدۇ ھەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بىراق بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يارىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، پەلەمپەيگە كەلگەندە بالىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلار بۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىشىدا ئالاھىدە «تۇغما تالانت» بولۇپ، پۇت-قوللىرى بىلەن ناھايىتى پۇختا ھالدا پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ چۈشەلەيدۇ. پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ-چۈشۈش بولسا، مۇشۇ ياشتىكى بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بىرخىل پايدىلىق ھەرىكەت. پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ-چۈشۈش بولسا پۈتۈن بەدەن ھەرىكەتلىنىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بالىلارنىڭ قول، پۇت، كۆز ھەتتا مېڭە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ شۇنداقلا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى، ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ. شۇڭا، بالىلار پەلەمپەيگە ئۆمىلەپ چىقىپ چۈشۈشنى بىلمىسە، بالىغا ئۆگىتىش كېرەك. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ بىر پەلەمپەي ئارتۇق ماڭسا، بىر قېتىم چېنىقىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.

زېھنىنى ئېچىشقا يېتەكلەش 

زېھنىنى ئېچىشقا يېتەكلەشكىشىلىك ھاياتتا ئەسلەشكە تېگىشلىك بولغان يەرلەر ناھايىتى كۆپ، بالىلىق ۋاقىتتا ئەستە قالغان مەكتەپ، بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقان جاي، ياخشى كۆرىدىغان ئۆي قاتارلىقلار. ھەربىر ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق، بەزى يەرلەرنى بارلىق كىشىلەر ئەسلىيەلەيدۇ. يەنى، ئانىنىڭ ئىللىق قۇچىقى، ئانا باغرىدا ئىسسىق ھەم ئىللىق مۇسكۇللارنىڭ تەسىرى بىلەن يېنىككىنە قۇچاقلانغاندا، بالا بەختىيار ھەم قانائەتلىنەرلىك ھالدا ئانىسىنى تاتلىققىنە ئېمىدۇ. ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىدۇ شۇنداقلا بۇ، جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئېھتىياجلىق بولغان زېھنىي كۈچ ۋە مول زېھنىي دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ ۋە  بالىنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ، مانا بۇ بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە زېھنىنى ئېچىشقا يېتەكلەشتىكى ياخشى ئۇسۇل.

بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش 

بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشتۆت ياش ئەتراپىدىكى بالىلار ئۆز-ئۆزىگە بولغان تونۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سىرتقا دۇنيادىكى شەيئىلەرگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ قىزىقىشىنى مۇۋاپىق ھالدا قوزغاپ بەرسە، بالىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوغداپ قالغىلى، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. قىزىقىش، سوراش، ئويلىنىش، ئىزدىنىش جەريانىدا بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغدىشى ۋە قوزغىشى، بالىنىڭ قىزىقىش بىلەن سورىغان سوئالى ۋە مۇلاھىزىسىگە ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋب بېرىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

تىل سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش 

تىل سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش

 بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارى بىر ئېغىز سۆزنى قىلىش، بارغانسېرى ئىككى ئېغىز سۆزنى قىلىش ھەتتا ئۈچ-تۆت ئېغىز سۆزنى قىلىش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا يېتىلىدۇ. مەسىلەن: «مەن ئۇخلايمەن» «ئاپا مېنى قۇچاقلا، كۆتەر» دېگەندەك سۆزلەردىن بالىلار ئاستا-ئاستا چوڭلارنىڭ سۆزلەش ئادىتىدىن تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئىگىلەيدۇ. ئاستا-ئاستا بىر قىسىم جۈملە شەكىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزى بۇرۇنقىدەكلا بولۇپ، بىر قىسىم ئاددىي، قىسقا سۆزلەرنى قىلالايدۇ. كەينى-كەينىدە ئۆگىنىپ كەلگەن سۆزلەرنى قىلالمايدۇ. چوڭلار بالىلارنىڭ قول ئىشارىتى ۋە ئىپادىسى ئارقىلىق كونكرېت مەنىسىنى چۈشىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىل مەشىقى قىلدۇرۇشنى تەبىئىي ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇش ئىچىگە، ئۇيۇن ئىچىگە سىڭدۈرۈش. مەسىلەن: ئەتىگەندە بالىلارغا كىيىم كىيدۈرگەن ۋاقىتتا بىر-ئىككى سۆز قىلىپ بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن مەشىق قىلدۇرۇپ، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك ياكى بالىلارنىڭ ئويۇن پائالىيىتى جەريانىدا مەسىلەن: ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارغاندا ئۇنىڭغا يولۋاس، شىر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ بالىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشى كېرەك.

رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىش

رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىشبىر ياشلىق بالىلارغا رەسىم سىزىشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەككەلسە-كەلمەس رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.  بالىلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، قىزىل، يېشىل، كۆك قاتارلىق بىر قەدەر كۈچلۈك رەڭلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇڭا، بالىلارغا كۈچلۈك رەڭلىك موم قەلەم تەييارلاپ بېرىش. رەسىم سىزغاندا، ئالدى بىلەن بالىلارغا قەلەمنى توغرا تۇتۇشنى ئۆگىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلى خالىغانچە، قالايمىقان سىزىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار يەنە بىرقانچە تىك سىزىق، يۇمىلاق چەمبەر، ئۈچبۇلۇڭ قاتارلىق ئاددىي نۇسخىلارنى سىزىپ، بالىلىرىنىڭ دوراپ سىزىشىغا قويۇپ بەرسە، بالىلار بۇنى پۇختا سىزالىغاندىن كېيىن يەنە بىر قىسىم قۇياش، ئاي، گۈل، ھەتتا كىچىك ھايۋانات قاتارلىق مۇرەككەپرەك نۇسخىلارنى سىزىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قەلەمنى تۇتقاندا چوقۇم بالىنىڭ مېڭە، كۆز، قوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، توغرا بولغان قول ھەرىكىتىنى چېنىقتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى قاتارلىقلار ياخشى تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

كىتاب كۆرۈشنى ئۆگىتىش

كىتاب كۆرۈشنى ئۆگىتىشبالىلارغا كىتاب كۆرۈشنى ئۆگىتىشتە ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەدرىجىي ئېلىپ بېرىش، بالىلارغا بىراقلا خەت ۋە ھېكايە بار كىتابنى كۆرسەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا بالىلار بۇ خىل كىتابنى چۈشەنمەي، كىتابقا قارىتا قىزىقىش شەكىللەنمەيدۇ. ھەتتا كىتابقا قارىتا ئۆچ بولۇپ قېلىش پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ، كىتابنى كۆرسىلا قېچىپ كېتىدۇ. شۇڭا، 12 ئايلىق بولغان بالىلارغا ھايۋانات، مېۋە قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا بار نەرسىلەر بولغان رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ بېرىپ، بالىلارغا رەسىمنى تونۇشنى ئۆگىتىش، بالىلار بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، ئاندىن ئاددىي ھېكايىلەر بار رەسىملىك كىتابنى ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ۋاراقلاپ، رەسىملەرنى كۆرۈشىگە بېرىش. ئىككى ياشقا كىرگەندە، ھەرپلىك بەلگىلەر بار رەسىملىك كىتابنى تېپىپ بېرىپ، ھەر كۈنى بالىلارغا كىتاب كۆرسەتكەچ، ھېكايە ئېيتىپ بېرىش كېرەك.

بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىش، بىرەر نەرسىنى چېلىش ھەرىكىتىنى مەشىق قىلدۇرۇش

بالىنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىش، بىرەر نەرسىنى چېلىش ھەرىكىتىبالىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر پۈتۈنلۈكتىن قىسمەنلىككە، مەجبۇرلۇقتىن ئۆز مەيلىگە، ناتوغرىلىقتىن توغرىلىققا قاراپ ماڭىدۇ. قولىنىڭ پۇلاڭلىتىش. بىرەر نەرسىنى ئۇرۇش ھەرىكىتى—بالىنىڭ تۇيغۇسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كونكرېت تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بولۇپ، بالىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ھەم دوراش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار بالىلار بەش ئاي ئەتراپىدا بولغاندا، قابىلىيەتنى ئىگىلەشنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا، ئاۋاز چىقىرالايدىغان، تۇتقۇچى بار ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا بېرىشى كېرەك. مەسىلەن: كولدۇرما، قوڭۇراق قاتارلىق ئويۇنچۇقلار بالىنى جەلپ قىلىدۇ. بالا ئويۇنچۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بالنىڭ قولىنى تۇتۇپ، بىرلىكتە ئويۇنچۇقنى ئىرغىتىپ، بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندا بالىمۇ بۇنىڭدىن دوراپ، ئۆزى ئۆرۈپ ئوينىيالايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بازارلاردا مەخسۇس چىڭىتىشنى مەشىق قىلىدىغان ئويۇنچۇق بار. مەسىلەن: ياغاچتىن ياسالغان بۇرمىلىق مىخ ئارقىلىق چىڭىتىشنى مەشىق قىلغۇزسا بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مەشىقلەرنى خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە ئېلىپ بارسا بالا ئاستا-ئاستا دوراپ ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن دېگەن ھالەتتە مۇقىم ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. 

بالىلارنىڭ كۆز-قوللىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش

بالىلارنىڭ كۆزقوللىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىبالىلارنىڭ قول ۋە كۆزلىرى دەسلەپتە ھەرقايسىسى ئايرىم-ئايرىم رول ئوينايدۇ، ئايرىم پائالىيەت قىلىدۇ. بىر مەزگىللىك ۋاقىتتىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ماسلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى سەۋىيىگە يېتىشىدىكى ئۆلچەم. ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، بالىڭىزغا ئىمكانقەدەر بالدۇرراق خىلمۇخىل شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ئائىلە باشلىقى ئويۇنچۇقنى پۇلاڭلىتىپ، ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇ ئويۇنچۇققا دىققەت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قولىغا ئويۇنچۇقنى تۇتقۇزۇپ قويسا بولىدۇ. تۆت-بەش ئايلىق بولغاندا ئۆزى كۆرەلىگەن نەرسىلەرنى ۋە كۆز ئالدىغا قويۇپ قويغان ئويۇنچۇقنى ئالالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مېخانىكىلىق ئويۇنچۇقنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ ياكى ئۇنىڭ قولى يەتمەيدىغانراق يەرگە قويۇپ، ئۇنى قول ۋە كۆزلىرى بىلەن قوغلاشقا قىزىقتۇرۇش؛ بەش-ئالتە ئايلىق بولغانلارغا ئويۇنچۇقنى ئېلىپ چېكىپ، ئۆرۈپ ئويناشقا مەشىق قىلدۇرۇش؛ ھەم مەشىق جەريانىدا ئىككى قولى بىلەن ئويۇنچۇقنى تەڭ تۇتۇشقا ئۆگىتىش؛ يەتتە-سەككىز ئايلىق بولغانلارغا قەغەز يىرتىشنى، ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، كىچىك قوشۇقنى ئېلىشنى ئۆگىتىش؛

بالىلارنىڭ پسىخىكا تەپەككۇر مۇستەقىللىقىنى مەشىق قىلدۇرۇش

بالىلارنىڭ پسىخىكا تەپەككۇر مۇستەقىللىقىنى مەشىق قىلدۇرۇشبالىلار پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر شەكلى بولىدۇ. بەزى بالىلاردا كۆپىنچە «ئىندۇكسىيە تەپەككۇرى» «ئوخشاش پىكىر تەپەككۇرى» بولىدۇ. دېموكراتىك ئائىلە كەيپىياتى بەرپا قىلىش، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، بالىلارنىڭ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىنىڭ مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە «تالاش-تارتىش قىلىش» غا رۇخسەت قىلىپ، بالىلارنىڭ بەھۇزۇر سۆزلىشىش ۋە سىناپ بېقىشىغا پۇرسەت بېرىش كېرەك. بۇ خىل دېموكراتىك، باراۋەرلىك بار ئائىلە كەيپىياتى ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلاردا ئاندىن مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ. بالىنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولماسلىقىغا ئىلھام بېرىش. ئاتا-ئانىلار بالىنى قانداق ئىش قىلغاندا چوڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىدۇ. چوڭلار بالىلارغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقى «ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇرى» نى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك، تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلارغا بىر قىسىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىنى ئوخشاشمىغان نۇقتىنى نەزەردە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرنى مەشىق قىلدۇرۇش 

تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرنى مەشىق قىلدۇرۇشتەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرى بولسا ئەكسچە ئوي-پىكىر قىلىش ئادىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەككە تەپەككۇرنىڭ چۈشىنىشلىك بولغان بىر خىل ئىپادىسى. تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇر بولسا تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقىنى، ئەتراپلىقلىقىنى، يېڭىلىق يارتىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بالىلاردا تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇرنى يېتىلدۈرگەندە بىر خىل ئەركىن بولغان كەڭرى كەيپىياتنى ياراتقىلى بولىدۇ. بالا بۇ يەردە خالىغانچە دۇنيا توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. بالا كىچىك بولغاچقا، بەزى ۋاقتىدا بەزى تەسەۋۋۇرلىرى تەتۈر يۆنىلىش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى سەل دائىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ خىلمۇخىل تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىغا ئىلھام بېرىشى ۋە بالىنى قوللاش كېرەك. بولۇپمۇ بالىنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە زىيادە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن خىيال بىلەن ئۇسۇلنى ماسلاشتۇرغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەسلىكى مۇمكىن. تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرغاندا بەلگىلىك بىلىم ئاساسىي بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بالىغا تەبىئەت جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل مۇھىم نەرسىلەرنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تېلېۋىزور كۆرۈش، كىتاب كۆرۈش، مۇزىيخانىلارنى زىيارەت قىلىش، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار. بالىلارغا مەقسەتلىك ھالدا تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: بالىنىڭ جاۋابىغا قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوئال سوراش، مېڭىسىنى جىددىي ئىشلىتىش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى توغرا بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق، بالىنىڭ تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرۇشى كېرەك.

بالىلارنى ئاددىي بولغان بوشلۇق ئۇقۇمىغا ئىگە قىلىشبالىلارنىڭ بوشلۇق سەزگۈسى ئەڭ دەسلەپتە ھەرىكەت سېزىمى ۋە تېگىش سېزىمى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مېڭىش ۋە تۇتۇپ بېقىش ئارقىلىقلا ئاندىن شەيئىلەرنىڭ ئورنى، ئارىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاستا-ئاستا بوشلۇق ئۇقۇمىنى ئىگىلەيدۇ. بوشلۇق سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بالىلارنىڭ بوشلۇق مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بالىلارنىڭ بوشلۇق تەسەۋۇرىنى بېيىتىدۇ. بوشلۇق توغرىسىدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بوشلۇق سەزگۈسىنىڭ تەرەققىياتى نىسپىي ئاستا بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەندىن ئاندىن يۇقىرى-تۆۋەن ئۇقۇمىنى بىلىدۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئالدى-كەينى ئۇقۇمىنى بىلىدۇ. بىراق ئوڭ-سول تەرەپنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىر ئاز ناچار بولىدۇ. بوشلۇق سەزگۈسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەشىق قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئەنئەنىۋى مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنى ئويناش، بالىلارغا تىقىپ قويغان نەرسىنى تاپقۇزۇش دېگەندەكلەر. ئەگەر بالا تاپالىسا، بالىغا ئويۇنچۇقنىڭ قانداق نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇزۇش، ئەگەر تاپالمىسا بالىغا ئېيتىپ بېرىپ، بالا بىلەن بىرلىكتە ئىزدىسىمۇ بولىدۇ. يەنە قۇم مودېلىنى تەييارلاش بىلەن بىرگە ئۆي، جوزا-ئورۇندۇق، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، قونچاق، مۈشۈك، ئىت قاتارلىقلارنىڭ كىچىك مودېللىرىنى تەييارلاپ، بالا بىلەن بىرلىكتە تىزسىمۇ بولىدۇ. ئانا بىر تەرەپتىن «كۈچۈك ئۆينىڭ يان تەرىپىدە تۇرىدۇ. قونچاق جوزا ئۈستىدە تۇرىدۇ…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، بىر تەرەپتىن جىسىملارنى رەت بويىچە قويسا بولىدۇ. بالا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئويناش جەريانىدا ئاساسىي بوشلۇق ئۇقۇمىنى چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مۇناسىۋىتى بالىلارنى تەربىيە بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى ماتېرىيال بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىرلىكتە شەھەر سىرتىغا ياكى باغچىغا بېرىپ، بالىلارنىڭ تەبىئەتتىن كۆپرەك نەرسىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىش كېرەك.

ئەمچەكتىن ئايرىش

ئەمچەكتىن ئايرىش يەنى: ئانىنىڭ سۈتى بىلەن بالا باقمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، قانداق ۋاقىتتا ئەمچەكتىن ئايرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ جاۋابى خىلمۇخىل، يېزىلىرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئانىلار بالىلىرىنى ئىككى-ئۈچ ياشقىچە ھەتتا بەش-ئالتە ياشقىچە ئېمىتىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ تەييارلىقى قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن باشلىنىدۇ، بەك بالدۇر ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ئادەتتىكى يېمەكلىكتىن تولۇق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولالمايدۇ. بەك كېيىن ئەمچەكتىن ئايرىسا، ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ، بالىنىڭ چىشى چىققاندىن كېيىن يېمەكلىككە بولغان تەلىپى يۇقىرىلايدۇ، بىر قىسىم نەرسىلەرنى چىشلەپ چىشنى چېنىقتۇرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.

دۈمبىگە شاپىلاقلاش

دۈمبىگە شاپىلاقلاشنىڭ بالىنىڭ كېكىرىشىگە ياردىمى بولىدۇ، يەنى بالىنىڭ سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى ئۇسۇل. بالىنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلىغاندا، ماھىرلىق بىلەن شاپىلاقلاش كېرەك. بالا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ دۈمبىسىنى شاپىلاقلاشتىكى مەقسەت—بالىنىڭ دۈمبىسىنى تەۋرەندۈرۈپ، ھاۋانى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. شاپىلاقلايدىغان ئورۇن چوقۇم مايكىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇشى كېرەك، بۇ بالىنىڭ ئاشقازىنىغا ماس كېلىدۇ. ساغرا ۋە مۈرىگە شاپىلاقلىماسلىق كېرەك. شاپىلاقلاش ئۇسۇلى: ئالىقاننى ئازراق ئېگىپ، ناھايىتى يېنىكلىك بىلەن ئۇرۇش، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاشقازاندىكى ھاۋانى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. بارماق بىلەن يېنىك چەكسە ياكى دۈمبىنى سىيلىسا، بالا خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. بالا كېكىرسە ئاندىن دۈمبىنى شاپىلاقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىق بولىدۇ، كېكىرمىسە داۋاملىق شاپىلاقلاش كېرەك. ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن دۈمبىنى شاپىلاقلاش ئادىتى سۈتنى ياندۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، دۈمبىنى شاپىلاقلىغاچ، غىڭشىپ ئەللەي ناخشىسى ئېيتسا، بالا پسىخىكا جەھەتتىن تىنچلىنىدۇ. بۇ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش جەريانى بولۇپ، بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق.

ئەركىن ئۇخلىتىش 

بالىنى قۇچاقلاشمۇ ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى. بىراق، بىللە ئۇخلىغاندىمۇ ئازراق ئارىلىق قېلىشى كېرەك، بالا ئۇخلىغان ۋاقىتتا، بالىغا مۇۋاپىق پائالىيەت ئورنى قالدۇرۇپ، تاتلىق ئۇخلىشىغا پۇرسەت تۇغدۇرۇپ بېرىپلا قالماي، يۈرەك، ئۆپكە، سۆڭەكنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بالىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇخلىغاندا، بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بالىنىڭ تېنىمۇ راھەتلەنمەي، بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ پائالىيىتى بولۇپمۇ پۇت-قوللىرىنىڭ پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ ھەم بالا كاربون تۆت ئوكسىدى بىلەن يېڭى ھاۋانى سۈمۈرۈپ كېتىپ، بالىنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا بالىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. 

قانداق قىلىپ بالىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز ئۇخلىتىش—نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز ئائىلە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش. دادا بىلەن ئانا چوقۇم بالىنىڭ كۈندۈزى بىلەن كېچىسى تۇرىدىغان ئورنىنىڭ مۇھىتىغا قارىتا چوقۇم روشەن پەرق پەيدا قىلىشى، كەچلىكى ئۆينىڭ نۇرىنى غۇۋا قىلىپ، ئېمكانقەدەر شاۋقۇن-سۈرەن قىلماي، بىر تىنچ مۇھىت يارىتىپ، بالىنى ئاستا-ئاستا بۇ خىل مۇھىتقا ۋە ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالا ئۆزلۈكىدىنلا ئۇخلايدۇ.

قانداق قىلىپ بالىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز ئۇخلىتىش—نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز ئائىلە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش. دادا بىلەن ئانا چوقۇم بالىنىڭ كۈندۈزى بىلەن كېچىسى تۇرىدىغان ئورنىنىڭ مۇھىتىغا قارىتا چوقۇم روشەن پەرق پەيدا قىلىشى، كەچلىكى ئۆينىڭ نۇرىنى غۇۋا قىلىپ، ئېمكانقەدەر شاۋقۇن-سۈرەن قىلماي، بىر تىنچ مۇھىت يارىتىپ، بالىنى ئاستا-ئاستا بۇ خىل مۇھىتقا ۋە ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالا ئۆزلۈكىدىنلا ئۇخلايدۇ.

قانداق قىلىپ بالىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز ئۇخلىتىش—نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز ئائىلە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش. دادا بىلەن ئانا چوقۇم بالىنىڭ كۈندۈزى بىلەن كېچىسى تۇرىدىغان ئورنىنىڭ مۇھىتىغا قارىتا چوقۇم روشەن پەرق پەيدا قىلىشى، كەچلىكى ئۆينىڭ نۇرىنى غۇۋا قىلىپ، ئېمكانقەدەر شاۋقۇن-سۈرەن قىلماي، بىر تىنچ مۇھىت يارىتىپ، بالىنى ئاستا-ئاستا بۇ خىل مۇھىتقا ۋە ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالا ئۆزلۈكىدىنلا ئۇخلايدۇ.

قانداق قىلىپ بالىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز ئۇخلىتىش—نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز ئائىلە مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش. دادا بىلەن ئانا چوقۇم بالىنىڭ كۈندۈزى بىلەن كېچىسى تۇرىدىغان ئورنىنىڭ مۇھىتىغا قارىتا چوقۇم روشەن پەرق پەيدا قىلىشى، كەچلىكى ئۆينىڭ نۇرىنى غۇۋا قىلىپ، ئېمكانقەدەر شاۋقۇن-سۈرەن قىلماي، بىر تىنچ مۇھىت يارىتىپ، بالىنى ئاستا-ئاستا بۇ خىل مۇھىتقا ۋە ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالا ئۆزلۈكىدىنلا ئۇخلايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#