ساپارباي يېزىسى

ساپارباي يېزىسى

ساپارباي يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقچى ناھىيەسىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2066 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ساپارباي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2066 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 色帕巴依乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقچى ناھىيەسى
نوپۇسى 2875 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساپارباي يېزىسىساپارباي يېزىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2066 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارىمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، توققۇز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 602، نوپۇسى 3588 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2875 ئادەم. ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 7030 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان 2.45 يەر مو. يىل بېشىدىكى ئومۇمىي چارۋا 22 مىڭ تۇياق، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چارۋا 6 تۇياق. تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈلگەن يەر 330 مو. يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1140 يۈەن بولۇپ، تىپىك نامرات يېزا. 

ساپارباي يېزىسىئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكىرى مۇنداق : جۇغراپىيەلىك شارائىت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەنتلەر پەن-تېخنىكىغا ئۇل سېلىپ، مائارىپتا  كۈچلۈك يېزا بەرپا قىلىش. يېزا–كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى يېزا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئۈچ مەدەنىيلىك ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، پارتىيىنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ماددىي ئاساسى. ساپارباي يېزىسى كەنت تەبىئىي شارائىتى، ئىقتىساد ئاساسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يېزا–كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك يەنىلا ناھايىتى ئاجىز، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان «تۆت بىر» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ  كوللېكتىپ ئىگىلىك مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. 

يېزا بويىچە تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەر 3302 مو، ئورمان كۆلىمى 2648 مو، پۈتۈن يېزىدىكى ياش چارۋىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى % 95 تىن ئاشقان؛ پەيشەنبە كۈنى بازار ھەپتىنىڭ ھەربىر كۈنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ سودا قىلىش، يېمەك-ئىچمەك، گۆش دۇكىنى، تىرىك چارۋا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا  پائال يېتەكلىگەن. ھازىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئائىلە سانى %50 گە، كەسىپكارلىرى 100 دىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 100 نەچچە دېھقان ئىشلەمچى يېرىدىن ئايرىلسىمۇ، يۇرتىدىن ئايرىلماي يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، ناھىيە بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 75 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىغان؛ 2006-يىلى يىل ئاخىرىدا يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 2005-يىلىدىكىدىن 100 يۈەن ئارتۇق بولغان. 

ساپارباي يېزىسىساپارباي يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بېكىتكەن «قۇمۇز ماكانى» دېگەن نامى بار. شىنجاڭدىكى قىرغىزلارنىڭ خەلق مۇزىكىلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، قېرى-ياش ھەممىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى مۇزىكا تالانتى بار. نۇرغۇن رىۋايەت، ھېكايە، شېئىر-ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭ، خەلق ناخشىسى قاتارلىقلارنى مەخسۇس خەلق ناخشىچىسى، ئېيتىشىش ماھىرى قاتارلىق سەنئەتكارلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. نۇمۇر ئورۇنلىغاندا قوللىنىلىدىغان ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئومۇملاشقان چالغۇ «قۇمۇز». قۇمۇز چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇم، ئۇ ھەر ۋاقىت كىشىلەرنىڭ غەزىپى، قايغۇسى، خۇشاللىق ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يەنە «ئاجايىپ تىل» دېگەن چىرايلىق نامى بار. بولۇپمۇ ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ساپارباي يېزىسىدا خەلق سەنئەتكارلىرى كۆپ، قۇمۇز ئېيتىشىشى ئومۇميۈزلۈك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پۈتۈن يېزىدىكى %50 تىن ئارتۇق ئادەم قۇمۇز ئېيتالايدۇ، بۇ يېزىغا 2000-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «جۇڭگو خەلق سەنئىتى ماكانى» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ يېزىنىڭ خەلق سەنئىتى ئاساسلىقى قۇمۇز ئېيتىشىشى بىلەن مەشھۇر. 

ساپارباي يېزىسىساپارباي يېزىسىغا 2000-يىلى «جۇڭگو ئەلئارا مەدەنىيەت-سەنئەت يۇرتى » دەپ نام بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبلاستلىق مەنىۋى مەدەنىيلىك كومىتېتى تەرىپىدىن «مەدەنىي يېزا-بازار » دەپ نام بېرىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#