ئاق قابا مەنزىرە رايونى
ئاق قابا مەنزىرە رايونى قابا ناھىيەسى چىبار يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 6 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاق قابا مەنزىرە رايونى قابا ناھىيەسى چىبار يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 6 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. ئاق قېيىن ئورمانلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 28 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئۆسكەن ئاق قېيىن تارقاق جايلاشقان.
ئاق قېيىننىڭ ئىلمىي نامى قېيىن بولۇپ، نەم مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئاق قېيىن ئورمىنىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە 150 ~ 250 يىل بولىدۇ، يەككە تۈپتىكىلەر 300 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئاق قېيىن ئورمىنىنىڭ ئېگىزلىكى 40 ~ 20 سانتېمىتېر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ، باراقسانلىق دەرىجىسى 0.8 دىن يۇقىرى، تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە. ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە، ئورمانلىقتىكى ئوت-چۆپلەر قويۇق، ياۋا گۈللەر كۆپ.
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى قابا ناھىيەسى ئاق قابا مەنزىرە رايونىنى A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.