تارىم يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تارىم يېزىسى (شايار ناھىيەسى)
  2. تارىم يېزىسى (كۇچا ناھىيەسى )
شايار ناھىيەسى

تارىم يېزىسى

تارىم يېزىسى

تارىم يېزىسى شايار ناھىيە بازىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 كىلومېتىر، تارىم دەرياسى بويىغا يېقىن.

ئۇيغۇرچە نامى تارىم يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 23295 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔里木乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شايار ناھىيەسى
نوپۇسى 7223

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسى شايار ناھىيە بازىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 كىلومېتىر، تارىم دەرياسى بويىغا يېقىن. پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق يەتتە مەمۇرىي كەنت بار. ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 75 مىڭ مو، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە كېۋەز ئاساس قىلىنىدۇ، شايار ناھىيەسى كېۋەز ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى. يېزىلىق پارتكومغا قاراشلىق 13 پارتىيە ياچېيكىسى بار، ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرى 198 نەپەر. 2003-يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ بەش « بەشتە ياخشى » كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، ئۈچ « ئامما رازى » يېزا ـ بازارلىق پونكىتلار بارلىققىا كەلگەن، 2003-يىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن « بەشتە ياخشى » يېزاـ بازارلىق پارتكوم دەپ نام بېرىلگەن. 

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، دۆلەت يولى 218-لىنىيەسى يېزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرق تەرىپى چاقىلىق ناھىيەسى بىلەن قوشنا؛ جەنۇب تەرىپى چەرچەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ؛ غەربىي تەرىپى گۈلباغ يېزىسى، شىمالىي شىڭپىڭ يېزىسى، ئىتتىپاق يېزىسى ۋە كۆنچى دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 23295 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسى تەۋەسىدە 11 مەمۇرىي كەنت، جەمئىي 23 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ كەنت 2، مىللىي كەنتى 9، خەنزۇ ئەترەت بار مىللىي كەنت 5. يېزا بويىچە جەمئىي 17 پارتىيە ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزاسى 179 ئادەم. 2003-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 7605.57 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3467.37 يۈەن بولغان. تارىم يېزىسىدا 11 مەمۇرىي كەنت بار، 2003-يىلىدىكى نوپۇسى 6711 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 4921 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ%74.3 ىنى ئىگىلەيدۇ، يېزا بىلەن كەنت، كەنت بىلەن كەنت ھەممىسى ئاسفالتلاشتۇرۇلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6.3 كىلومېتىر. 

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى52 مىڭ 500 مو بولۇپ، ئاساسلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، مېۋە -چېۋىلەر بار. 

1999-يىلى، يېزا بويىچە 2619 توننا ئاشلىق، 4582 توننا پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان، چارۋا ئومۇمىي سانى 34534. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 2367 يۈەنگە يەتكەن. يېزىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، باشلانغۇچ مائارىپى، تەمىنات ۋە سودا، مالىيە، پوچتا-تېلېگراف قاتارلىق ئاپپاراتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن؛ بازاردا كارخانىلاردىن خىش زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى قاتارلىقىلار بار. يېزا بويىچە ياۋايى ھايۋان بايلىقى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، جەرەن، تارىم ياۋا توشقىنى، چوڭ باشلىق ئارقار، تارىم تايغان بۇغىسى قاتارلىقلار بار. تەبىئىي بايلىقلاردىن لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار.

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى بولسا «بىر ئىككى تۆت تۆت » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى. يەنى : بىر كۈرەش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، 2 تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تۆت چوڭ ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇش، تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسپ . كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە : 

« بىر كۈرەش نىشانى » يەنى خەلقنى بېيىتىپ، يېزا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. ئىجتمائىي مۇقىملىق، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئوبلاست، ناھىيەنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرلۈك يوللار بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشنى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا يېزىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش قىممىتى چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى يىلىغا 350 يۈەندىن كەم بولماسلىق، ئۈچ يىلدىن كېيىن ھەر قايسى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش.

تارىم يېزىسى تارىم يېزىسى يېڭىدەريا كەنتى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئورنىدا، مىڭدىن ئارتۇق ئامما ھەر كۈنى گۈرجەك بىلەن كۈرەش قىلىپ، بەش كىلومېتىرغا يېقىن نېفىتلىك ئىھاتە ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلغان. بۇ شۇ جايدىكى نېفىت-گاز چارلاش-ئېچىش شىركىتى يولغا قويغان تارىم دەرياسى نېفىتلىك ئۆمىكى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، بۇ قۇرۇلۇش شۇ جايدىكى ئامما ئۈچۈن 300 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە يېشىللىق ئېلىپ كېلىشتەك قوش پايدىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئىناق تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.

تارىم يېزىسى دۆلەت نېفىت گازىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، نېفىت-گاز چارلاش-ئېچىش شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە باشتىن-ئاخىر يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساپ،نېفىتلىك بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ قۇرۇپ، تارىم يېزىسى ئاممىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى نېفىت-گاز چارلاش-ئېچىش شىركىتى ۋەزىپە دەپ بىلگەن.

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسى كۇچا ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1959-يىلى، خانىقاتام گۇڭشېسىنىڭ سوخۇ باشقۇرۇش رايونى بولغان، 1963-يىلى ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق سوخۇ باشقۇرۇش رايونى بۇلۇپ ئايرىپ، 1984-يىلى تارىم يېزىسى تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 78.6 كىلومېتىر. كۆلىمى 8 مىڭ 410 كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 2000 ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 99.9 ىنى ئىگىلىگەن. يېزىغا قاراشلىق ئاچال، ئاق كۆل، قوڭالچاق، قاراتوغراق، لاڭقا، يېڭىدەريا قاتارلىق ئالتە كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تارىم دەرياسىنىڭ غەربتىن شەرققە قارىغان ئېقىن رايونى بىر تەبىئىي بوستانلىق شەكىللەندۈرگەن. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، مايلىق دان، قوغۇن قاتارلىقلار بار.

تارىم يېزىسىتارىم يېزىسىدا ئىشقارلىشىش ئىنتايىن ئېغىر، بەلكىم شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە شۇنداق بولسا كېرەك، قارا قوغۇن بۇ خىل شورلۇق يەرگە ماسلىشالايدۇ. ئۆسۈملۈك ئوغۇتىدىن ئاچچىق پۇرچاق بولسا قارا قوغۇننىڭ ئاساسلىق ئوغۇتلىرىنىڭ بىرى. شۇ جايدىكى دېھقانلاردا كۈزلۈك قوغۇن يېرىنى ئۆرۈش ئەنئەنىسى بار، سەۋەبى شۇكى، كۈزدە يەرنى ئاغدۇرۇپ يەرگە باراقسان ئۆسكەن بۇيا كۆمۈۋەتكەندە، بىر قىش چىرىپ، كېلەر يىلى قارا قوغۇننىڭ ئوغۇتىغا ئايلىنىدۇ. تارىم يېزىسى جەمئىي 6000 مو قارا قوغۇن تېرىغان، قاراتوقاي كەنتى بولسا، بۇ يېزىدىكى تېرىلغۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەنت. بۇ كەنتمۇ كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەڭ باي كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. قارا قوغۇن تەيۋەن، سىنگاپور قاتارلىق جايلاردا بازارغا سېلىنغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#