بابۇنە

بابۇنەنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش ئاشقازان مېڭە، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى بابۇنە
ئەرەبچە نامى بابۇنەج
ئىنگلىزچە Cha momilae Herd
شەكلى گۈلى سېرىق رەڭدە ئېچىلىدۇ.
تەمى قېرىق
خەنزۇچە نامى 洋甘yang gan
پارسچە نامى بابۇنە
ئوردۇچە نامى بابۇنە
جىسمى ۋەزنى يەڭگىل، بىرئاز پۇراقلىق كېـلىـدۇ.
چىقىش ئورنى شىنجاڭ،پاكىستان، ئىران، ياۋروپا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈك بابۇنەنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت.ئـەسـلى ئـۆسۈمـلـۈكـى بابـۇنە (Matricaria Chamomilla) .دىـن ئـىـبـارەت. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى «گۈلى بابونە» نامىدا، يىلتىزى «بىخ بابۇنە»نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى پىشۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، يەل ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش ئاشقازان مېڭە، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

جاۋارىش بابۇنە، بابۇنە يېغى ، ماددىتۇل ھايات.

پۈتۈن ئۆسۈملۈك ۋە گۈلى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بار. ئاساسلىق تەركىبى غامازولىن (Chamazuilene) ، پروئازولىن (Prozulene)، فارنېسىنى (Farnesene)، ماتىرىكارىن (Matiricarin)، روتىن (rutin) بار.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈك گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپى.

ئورۇنباسارى

ئىكلىلمىلىك ، ئاق لەيلى گۈلى، ئانار سۈيى

مىقدارى 

2-10 گرامغىچە.

 تارتىشىشنى بوشاشتۇرۇش تەسىرى بار. بابۇنە قايناتمىسى توشقاننىڭ ئۈچەي يوللىرى ۋە دېڭىز چوشقىسىنىڭ كانايچىلىرىنى تورمۇزلايدۇ. بابۇنە تەركىبىدىكى ئاپىئىن (Apiin) ۋە ئاپگېنىن (Apigenen) نىڭ سىلىق مۇسكۇلغا نىسبەتەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوشاشتۇرۇش رولى بار.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى: خامازولىن ۋە بىرىككەن ماددا كوۋىزولىن (Cuoizolene) نىڭ ھەممىسى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.

3. قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى: بابۇنە چارپاقا ئارقا پۇت قان تومۇرىنى تارايتىدۇ. ئۆي توشقىنىنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. 4. باشقا تەسىرى: قىزىۋاتقان توشقاننىڭ قىزىتمىسىنى قايتۇرىدۇ. مەلۇم دەرىجىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش تەسىرىمۇ بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش

ئەكىس تەسىرى

گالغا، كۆكرەككە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، بىنەپشە، نىلۇپەر

1. بابۇنە 15 گرام، بىخ كاسىنە 15 گرام، بىخ كىرەفشە 15 گرام، قىزىلگۈل15 گرام ئېلىپ دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە ھەرخىل ئىششىقلارنى قايتۇرىدۇ.

2. بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، ئاق لەيلى گۈلى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن15 گرامدىن ئېلىپ 60 گرام گۈل يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. بابۇنە 10 گرام، ئىكلىلمىلىك 5 گرام، ئەنگۈرشىپا، 10 گرام،كاكىنەچ 10 گرام، تاۋۇز ئۇرۇقى10 گرام ، قوغۇن ئۇرۇقى10 گرام قاينىتىپ ئىچسە سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغ ھەم ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. بابۇنەدىن ياغ تەييارلاپ قۇلاققا تىمىتسا سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. بابۇنەدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ھورىدا ئولتۇرسا ياكى بەلنىڭ تۆۋىنىنى يۇسا بۆرەك تاش كېسىلى، قىيىن تۇغۇتقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. بابۇنەدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈپ تازىلايدۇ

جىگەر، تال، ئاشقازان، مەقئەت ئىششىقلىرى، ھەر خىل ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ھېيىز تۇتۇلۇش، بوغۇم ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، ھەر خىل قاتتىق ئىششىقلار، سېرىقلىق چۈشۈش، ئۈچەي توسۇلۇش، مېڭە ۋە پەيلەرنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]


غەيرى تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش

گالغا، كۆكرەككە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=142

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#