ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 155.2 كۋادرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى يېڭى F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 愉群翁回族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 42117 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى yú qún wēng huí zú xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە ئونيار يېزىسى، جەنۇبتا دولان دېھقانچىلىق مەيدانى، ئارائۆستەڭ يېزىسى ۋە يېزا ئىگىلىك 4-شىسىنىڭ 70-تۈەن مەيدانى، غەربتە خۇدىياريۈزى بازىرى، شىمالىدا سادىقيۈزى يېزىسى، چۇلۇقاي يېزىسى ۋە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى بار، يېزا ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 16 كىلومېتىر.

پۈتۈن يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 19.2 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 155.2 كۋادرات كىلومېتىر، شىمالىي تاغلىق رايونىدا 49212 مو تەبىئىي ئوتلاق بار، يېزىلىق ئورگان ئۈچئون تەبىئىي بازىرىغا جايلاشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، بۇ يەردە 12 تەبىئىي كەنت قاراشلىق يۈزبېشى ياكى ئەللىكبېشى تەسىس قىلىنغان، ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەڭ مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ بىرى، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان خەلق ھاكىمىيىتى ۋاقىتىدا 3-، 4-، 5- رايون تەۋەلىكىدە بولغان.

1954-يىلى 3-رايۇندىكى مەميايۈزى، 4-رايوندىكى ئىسلاميۈزى، توخۇچىيۈزى، ئارابوز قاتارلىق 3 يېزا ۋە ھېدىليۈزى يېزىسىدىكى ئارائۆستەڭ كەنتى، 5-رايوندىكى ئابلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۈچئون خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان.

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى1958-يىلى، نامى «1-ماي» خەلق گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1978-يىلى، نامىنى ئۈچئون گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1984-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، نامى ھازىرقىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدا 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 94 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر تەبىئىي بازار، 15 تەبىئىي كەنت بار، ناھىيە بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ شىتاتلىق يېزا. ئومۇمىي نوپۇسى 42117 ئادەم، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، دۇڭشىياڭ، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، سالار، مانجۇر، جۇۋاڭزۇ، تۇزۇ قاتارلىق 11 مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان يېزا، ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى يېزا ئىگىلىك رايونى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەت يولى 218- لىنىيىسى پۈتۈن يېزىنى غەربتىن شەرققە قاراپ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، يېزا ئوتتۇرىسىدىكى يول راۋان، قاتناش ئىنتايىن قۇلايلىق، ئىقتىسادى يەنىمۇ زور راۋاجلىنىشىدا زور يوشۇرۇن كۈچ بار. 64 مىڭ مو يۇقىرى ئاقسىللىق كۆممىقوناق بازىسى، 5000 مو يەر ياڭىقى بازىسى، 16 مىڭ مو قىزىلچا بازىسى، 1000 مو سەرەبىل ئۆستۈرۈش بازىسى بار. يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئومۇمىيۈزلۈك كۆلەملەشكەن.

بۇ يېزا ئىلى ئوبلاستىدىكى ئەڭ چوڭ كالا گۆشى، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ يېزىسىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شاخ-شۇمبا باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش يېزىسى بىرى. يېزا بويىچە ئىككى باقمىچىلىق كەسپىي كەنتى، ئىككى باقمىچىلىق بازىسى، ئۈچ سوغۇق ساقلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئىقتىدارى بولغان كىرىم سۈت پونكىتى، ئىككى ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى بار، پۈتۈن يېزىنىڭ چارۋىچىلىق ئىلمىي، كېسەللىكتىن ساقلىنىشى مۇكەممەل، ئىلمىي بېقىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئىلى ۋادىسى بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان يېزا سودا ئۇنىۋېرسال بازىرى-«ئوردا بازىرى»نىڭ ئورنى دەل بۇ يېزىدا.

2007-يىلى يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4458.64 يۈەنگە يىتىپ، 2006-يىلدىكىدىن 561.99 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %12.6، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 249.85 يۈەن ئاشۇرغان، ئورمانچىلىقنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 6.42 يۈەن ئاشۇرغان، چارۋىچىلىقتا دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 99 يۈەن ئاشۇرغان، بېلىقچىلىقتىن ئوتتۇرىچە ئاشقان كىرىم 391 يۈەن، 3-كەسىپلەردە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 70.29 يۈەن، سىرتقا چىقىپ ئەمگەك قىلىشتىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 135 يۈەن ئاشۇرغان.

ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدىكى ھويلا-ئارام ساياھەتچىلىك ئارام ئېلىش شەكلى «دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى» بۇ يېزىنىڭ سىرتقا خۇيزۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلى، ئىچكى كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر يېڭى تىپتىكى كەسىپ، «دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى» ساياھەت ئورنىنىڭ يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 20 مىڭغا يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#