ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غا جايلاشقان. ئارشەن جىلغىسىدا ئارشاڭ كەڭ تارقالغان، بۇلاق كۆپ، سۇنىڭ ھارارىتى يۇقىرى، سۈيى تاتلىق، تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار، تېببىي ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بىلەن شىنجاڭدا داڭق چىقارغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى
جايلاشقان ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە نامى 阿尔先沟温泉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭىئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غا جايلاشقان. موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «مۇقەددەس بۇلاق»، ئارشەن جىلغىسىدا ئارشاڭ كەڭ تارقالغان، بۇلاق كۆپ، سۇنىڭ ھارارىتى يۇقىرى، سۈيى تاتلىق، تەركىبىدە كۆپ خىل مىنېرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار، تېببىي ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بىلەن شىنجاڭدا داڭق چىقارغان. ئارشاڭ سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 43-63 ئوتتۇرىسىدا، بىر قىسىم ئارىشاڭ تۆشۈكىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق سۇدا چاي دەملىگىلى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى چىلىغىلى بولىدۇ. ھەر بىر سۇ چىقىش ئېغىزىدىن چىققان سۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان داۋالاش رولى بار.

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭىئارشەن جىلغىسى ئارشىڭى ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي بۇلاق، سۇ تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ ماددا رادون ئادەتتىكى ئۆلچەمدىن خېلىلا يۇقىرى بۇلۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان مىنېرال بۇلاق. يۇيۇنۇش ئارقىلىق، كېسەل داۋالاشتا يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكى، نېرۋا ناركوزلىنىش، پالەچ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بار. خېجىڭ ناھىيەسى بۇ يەردە مېھمانخانا تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىگەن. 

ئارشەن جىلغىسى ئارشىڭىئېرىق سۇلىرى سۈزۈك تاغلىرى يېشىل، قۇشلار يېقىملىق سايراپ تۇرىدۇ. ئارىشاڭ ئەتراپىدا ئېگىز شارقىراتما بار، دېڭىز يۈزىدىن 3400 مېتىر كېلىدۇ، مۇزلۇق ئېرىپ سۇ 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك يار ئۈستىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، سۇلار چاچراپ، تۇمان قاپلاپ، تولىمۇ كۆركەم كۆرىنىدۇ. يانتۇ ساي ئىچىدە شەمشاد تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئېگىز تاغ چىملىق ئۈستىدە قانتېپەر، سوغىگۈل، قۇرت ئوت قاتارلىق قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى ئۆسىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى قىيا ئۈستىگە نۇرغۇن دىنىي قىيا تاش رەسىملىرى سىزىلغان. 

جىلغا ئېغىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، لاما دىنى ئىبادەتخانىسى بار، تۇرغۇت موڭغۇل قىسمى شەرققە قايتىپ كەلگەندە، داڭلىق چوڭ لاما لوساڭدەن قوشۇننى باشلاپ ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن، بايىنبۇلاققا قايتقان تۇرغۇت قەبىلىسى ئەڭ بالدۇر سالغان لاما دىنى ئىبادەتخانىسى. [0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#