راك

راك، بىر خىل سۇدا ياشايدىغان بوغۇم پۇتلۇق سۇ جانلىقى، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار قاسراقلىقلارغا تەۋە. راك ناھايىتى يۇقىرى بولغان داۋالاش، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى راك
ئىنگلىزچە نامى Shrimp
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قاسىراقلىقلار سىنىپى
تۈرى جەنۇبىي قۇتۇپ قىزىل راكى، كۆل راكى، دەريا راكى، ئوتخور راك، جۈپ راك، پراۋن، چوڭ راك
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تارقالغان رايونلار دېڭىز، ئىسسىق بەلۋاغ دېڭىز-ئوكيانلىرى
تىپى بوغۇم پۇتلۇقلار تىپى
تۈركۈمى ئون پۇتلۇقلار تۈركۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

راكراك قاسىراقلىقلار كەنجى تىپى، ئون پۇتلۇقلار ئەترىتى سۇ ئۈزگۈچى كەنجى ئەترىتىدىكى ھايۋانلارغا يېقىن تۈر بولۇپ، كۆپ قىسمى دەريا ئىچىدە ياشايدۇ. ئىلمەك بۇرۇن ساقىلى بار، دۈمبىسى يا شەكىللىك، قۇيرۇق قىسمى قاتتىق تەڭگىچىلەردىن تۈزۈلگەن، پۇتى كۆپ سەكرەشكە ماھىر. نۇرغۇن تۈرلىرى مۇھىم يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. چوڭ-كىچىكلىكى نەچچە مېتىردىن نەچچە مىللىمېتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8~4 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تەن شەكلى چوڭلىرى چوڭ راك دەپ ئاتىلىدۇ. قورساق قىسمى ۋە قۇيرۇقى ئەگرى بۇلۇپ، تېز سۈرئەتتە تەتۈر ئۈزەلەيدۇ. مىكرو جانلىقلارنى يەيدۇ، بەزىلىرى چىرىگەن گۆش يەيدۇ. چىشى راك 15000~14000 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. بەش ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى بار. راك تېنى ئۇزۇنلۇقى ھەم ياپىلاق، ھاك ماددىلىق تاشقى سۆڭەك بار، كۆكرەك ۋە قورساقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش كۆكرەك قىسمى قاسىراقلار بىلەن قاپلانغان. قورساق قىسمى يەتتە تەن بوغۇملىرىدىن تەركىب تاپقان. بېشىدا ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن بىر ھەرە چىش شەكىللىك ئالدى پېشانە ۋە بىر جۈپ ئايلىنىدىغان ساپاقلىق مۈرەككەپ كۆزى بولىدۇ. راك ساقاق ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، ساقاق باش، كۆكرەك ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، قاسراق بىلەن قاپلانغان.

راكنىڭ ئېغىزى كۆكرەك ئاستىغا جايلاشقان. بېشىدا 2 مۈڭگۈزى بولۇپ، پۇراش سېزىمى، تېگىش سەزگۈسى ۋە تەڭپۇڭلۇققا مەسئۇل، تاڭلاي چوڭ-كىچىك چايناش ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. كۆكرەك قىسمىدا يەنە ئۈچ جۈپ تاڭلاي بار، بەش جۈپ پۇتى بولۇپ، ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋە ئۆمىلەپ مېڭىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قورساق قىسمىدا بەش جۈپ ئۈزگۈچ پۇت ۋە بىر جۈپ توم، قىسقا قۇيرۇق بار. قۇيرۇقى ۋە قورساق قىسمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىكى بىرلىشىپ قۇيرۇق يەلپۈگۈچى شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ، راكنىڭ سۇ ئۈزۈش يۆنىلىشىنى كونترول قىلالايدۇ. 

راكراكنىڭ ئەرۋاھ راك، قوش رەڭلىك راك، كۆك قاپلىق راك، ئاق قارىغۇ راك، جەنۇبىي قۇتۇپ قىزىل راكى، كۆل راكى، دەريا راكى، ئوتخور راك، جۈپ راك، پراۋن، چوڭ راك قاتارلىق تۈرلىرى بار. 

راك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان، شىمالىي كارولىنا، مېكسىكا، تىنچ ئوكيان، ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقا، تاتلىق سۇلۇق كۆللەر، كالىفورنىيە، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى تاتلىق سۇ، ئىسسىق بەلباغ، قىزىل دېڭىز، جۇڭگودىكى دېڭىز-ئوكيان، كۆللەرگە تارقالغان.

راكراك سۇ ئۈزۈشتە بېلىقتىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، بېلىق تەۋرەنمە قۇيرۇق پالاقچىسى ئارقىلىق ئالغا قاراپ ئۈزىدۇ، ھالبۇكى، راكنىڭ ئۇنداق قۇيرۇق پالاقچىسى يوق، پەقەت بىر تاللا قۇيرۇقى ۋە نۇرغۇن پاچاقلىرى بار. راك سۇ ئۈزۈش ماھىرى، پۇتىنى ئىشلىتىپ ئۇزۇن مۇساپىلىك سۇ ئۈزەلەيدۇ. ئۇ سۇ ئۈزگەندە سۇ ئۈزۈش پۇتى خۇددى ياغاچ پالاققا ئوخشاش رەتلىك ئارقىغا سۇ ئۈزىدۇ، تېنى بولسا ئاستا-ئاستا ئالدىغا قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. يەنە بەزى راك سۇ ئۈزۈش ماھىر ئەمەس، چوڭ راك كۆپۈنچە دېڭىز ئاستىدىكى قۇمدا ئۆمىلەپ ماڭىدۇ.

يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش قىممىتى 

راكتاتلىق سۇ راكىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، سەل ئىسسىق. راك گۆشىنىڭ بۆرەك، باھنى كۈچەيتىش، زەھەرگە قارشى تۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇپ، مەنى تولۇقلاش، ئۇيىغان زەھەرنى قايتۇرۇش، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. بۆرەك زەيىپلىكىدىن بولغان باھ ئاجىزلاشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، مەنى بالدۇر كىتىش، سۈت كەلمەسلىك، پەي سۆڭەكلەر ئاغرىش، قول-پۇت تارتىشىپ قېلىش، پۈتۈن بەدەن قىچىشىش، تېرە يارسى، تېنى ئاجىز ۋە نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق بىمارنىڭ يېمەكلىكى قىلىشقا مۇۋاپىق. 

ئوزۇقلۇق تەركىبى

راكھەر 100 گرام راك گۆشىدىكى ئوزۇقلۇق:

يېگىلى بولىدىغان قىسىمى 86 گىرام، سۇ 78.1 گىرام، ئېنېرگىيە 87 كىلوكالورىيە، ئاقسىل 364 گىرام، ياغ 16.4 گىرام، خولېستېرىن 240 مىللىگىرام، كاربون 3.9 گىرام، ۋىتامىن 48 مىللىگىرام، ئورىزانىن 48 مىكرو گىرام، رىبوفلاۋىن 0.03 مىللىگىرام، كالتسىي 325 مىللىگىرام، كالىي 329 مىللىگىرام، ناترىي 2 مىللىگىرام، ماگنىي 60 مىللىگىرام، تۆمۈر 4 مىللىگىرام، سىنىك 2.24 مىللىگىرام، سىلىن 29.65 مىكرو گىرام، مىس 64 مىللىگىرام، مانگان 0.27 مىللىگىرام. 

راكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، بەدەن ئاجىز ۋە كېسەل بولغاندىن كېيىن، ئىستىمال قىلىشتىكى ئىنتايىن ياخشى يېمەكلىك. 

راك تەركىبىدە مول بولغان ماگىنىي بار، ماگنىي يۈرەك پائالىيىتىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۈرەك تاجىىسمان تومۇرىنى كېڭەيتىش، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. [0]

جەنۇبىي قۇتۇپ قىزىل راكى، كۆل راكى، دەريا راكى، ئوتخور راك، جۈپ راك، پراۋن، چوڭ راك

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#