ئەۋرىشىم ئىچىملىكى

ئەۋرىشىم ئىچىملىكى

    بۇ دورا قوڭۇر رەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، تەمى چۈچۈمەل بىراز ئاچچىق.يۈرەكنى كۈچەيتىپ، جىگەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، روھىي ھالەت، نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. 

دورا نامى ئەۋرىشىم ئىچىملىكى
ياسالما شەكلى ئەرەق
ئاساسلىق دورىسى پىلە غوزىسى
خەنزۇچە نامى 宝心艾维西木口服液
ئۆلچەم ھەر بىر ئامپۇلغا 10 مىللىلېتىر قاچىلىنىدۇ
ساقلاش ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، سالقىن قۇرغاق ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقۇرىقى 10 خىل دورىدىن پىلە غوزىسى بىلەن زەپەردىن باشقا 8 خىل دورىنى ئېلىپ سۇ قوشۇپ ئىككى قېتىم قاينىتىمىز،بىرىنچى قېتىمدا 1.5 سائەت قاينىتىش بىلەن بىرگە 400 مىللى لىتىر ئەرەق ئالىمىز، ئىككىنچى قېتىم 1 سائەت قاينىتىپ، قاينىتىلغان ئېرىتمىلەرنى قوشۇپ، سۈزۈپ،سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى 300 مىللى لىتىرگىچە قۇيۇلدۇرۇپ ئېتىل ئىسپرتى قوشۇپ ئىسپرت مىقتارى %75 كە يەتكۈزۈپ،24 سائەت تىندۇرۇپ سۈزۈپ تۆۋەن بېسىمدا ئىسپرتىنى يىغىۋېلىپ ئېرىتمىنى مۇئاپىق قويۇلدۇرۇپ ئىشلىتىشكە تەييارلىنىدۇ.پىلە غوزىسىگە سۇ قوشۇپ ھەر قېتىمدا بىر سائەتتىن ئىككى قېتىم قاينىتىپ،ئېرىتمىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى 200 مىللى لىتىرگىچە قويۇلدۇرۇپ ئېتىل ئىسپرتى قوشۇپ ئىسپرت مىقتارى %75 كە يەتكۈزۈپ،24 سائەت تىندۇرۇپ سۈزۈپ تۆۋەن بېسىمدا ئىسپرتىنى يىغىۋېلىپ،يەنە ئېتىل ئىسپرتى قوشۇپ ئىسپرت مىقتارى %70 كە يەتكۈزۈپ،24 سائەت تىندۇرۇپ سۈزۈپ تۆۋەن بېسىمدا ئىسپرتىنى يىغىۋېلىپ مۇئاپىق قۇيۇلدۇرۇپ تەيارلىنىدۇ. يۇقۇرىدا تەييارلانغا ئىككى خىل ئېرىتمىنى بىرلەشتۈرۈپ زەپەر ۋە مۇئاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن 90℃ تا 15 مىنۇت ئارلاشتۇرۇپ قىزدۇرۇپ،يۇقۇرىدا يىغىۋېلىنغان ئەرەقنى قوشۇپ، يەنە سۇ قوشۇپ ئومۇمى مىقدارىنى 1000 مىللى لىتىرغا يەتكۈزۈپ، 24 سائەت تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ ئامپۇللارغا قاچىلاپ، مىكروپسىزلاندۇرۇلىدۇ.

يۈرەك سېلىش، نەپەس تىزلىشىش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش، ئىشتىھا ناچارلىشىش، ئۇزۇقلىنىش ناچارلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

نىسپى زىچلىقى: 1.05 دىن تۆۋەن بولماسلىق كېرېك جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅶ A) pH قىممىتى: 4.0~6.0 بولۇشى كېرەك جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅶ G) باشقىلار: بۇ دورا بىرىكمە دورىلار ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى جىلد قوشۇمچەⅠ J) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

بۇ دورىدىن 50ml ئېلىپ، 50ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ چالغىتىپ چەكىلەپ، سۈزۈپ، 1ml قالغۇچە قۇيۇلدۇرۇپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىنىدۇ. بادرەنجى بۇيا سېلىشتۇما دورىسىدىن  2g ئېلىپ، 30ml ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ،يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (7∶3∶0.2) خلوروفورم-مېنتانول-ئاتسېتوننى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرتۇپ، ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ، داغ توچكۇلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە 105℃ لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=570

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=570

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#