كېدىر قارىغىيى

كېدىر قارىغىيىنىڭ يۇرتى ھىندىستاندىكى ھىمالايا تېغىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئافغانىستان ئەتراپلىرى بولغاچقا، يەنە ھىمالايا شەمشادى، ھىمالايا كېدىر قارىغىيى دەپ ئاتىلىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى خۇش پۇراقلىق بولغاچقا، «خۇشبۇي ئارچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېدىر قارىغىيى قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى60 ~80 مېتىرغا، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى3 ~5.4 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ زور دەرەخ ناھايىتى كېلىشكەن، ھەشەمەتلىك، دەرەخ باراقسىنى مۇنار شەكىللىك، چوڭ شاخلىرى ئەتراپقا تۈز يېيىلغان، كىچىك شاخلىرى سەل-پەل تۆۋەنگە ساڭگىلىغان، يىڭنە يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات، ياپيېشىل بولۇپ، باشقىچىلا گۈزەل، كۆركەم كۆرۈنىدۇ. شۇڭا «مەنزىرە دەرەخلىرى خانىشى» دېگەن نامى بار.

كېدىر قارىغىيىنىڭ يىڭنە يوپۇرماقلىرى قاتتىق بولۇپ، ئۇزۇن شېخىدا بۇرمىسىمان تارقاق ئۆسىدۇ، قىسقا شېخىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. يۇمران يوپۇرماقلىرى كۆپىنچە ئاق رەڭلىك بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا قارىغاي شاخلىرىنى قار قاپلىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا خەنزۇچە «قار قارىغىيى» دەپ ئاتىلىدۇ.

كېدىر قارىغىيىنى باغچە، گۈللۈكلەردە ئۆستۈرگەندىن باشقا مەكتەپ، ئىدارە-ئورگان، زاۋۇت-كان قاتارلىق ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ ئالدى ھويلىلىرى ۋە گۈللۈكلىرىدە ئۆستۈرۈشكىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

كېدىر قارىغىيىنىڭ ياغاچ ماتېرىيالى قاتتىق-پۇختا، ئۆرۈش سىزىقلىرى زىچ، چىرىشكە قارشى تۇرالايدۇ ھەم خۇشبۇي پۇراقلىق، ئاسانلىقچە قېيىپ يېرىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇزۇن ئىشلىتىشكە چىداملىق بولۇپ قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك، تۆمۈريول، كېمىسازلىق قاتارلىقلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

كېدىر قارىغىيىنىڭ دەرەخ شەكلى چىرايلىق، باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس-بەستە نەسىل كىرگۈزۈپ ئۆستۈرمەكتە. لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ يېنىدا كېدىر قارىغىيى باغچىسى بار، باغچىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن نەچچە ئون تۈپ كېدىر قارىغايلىرى بولۇپ، دەرەخ يېشى5000 يىلدىن ئاشىدۇ. ياپونىيىدە ئۆستۈرۈلگەنلىرىدىن ئەگرى شاخلىق كېدىر قارىغىيى، ساڭگىلىما شاخلىق كېدىرقارىغىيى، ئاق يوپۇرماقلىق كېدىرقارىغىيى، سېرىق يوپۇرماقلىق كېدىر قارىغىيى قاتارلىق ئاساسلىق خىللىرى بار. مەملىكىتىمىزدە ئۆستۈرۈلگەنلىرىدىن قىسقا يوپۇرماقلىق كېدىرقارىغىيى، ساڭگىلىما شاخلىق كېدىرقارىغىيى، دىڭگايما شاخلىق كېدىرقارىغىيى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىمالىي ئافرىقا كېدىرقارىغىيى، لىۋان كېدىرقارىغىيى قاتارلىقلارمۇ بار. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#