توكان
توكاننىڭ يەنە بىر نامى چوڭ تۇمشۇقلۇق قۇش. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 67 سانتىمېتىر، ئېغىزى چوڭ، ئۇزۇنلۇقى 17 سانتىمىتىردىن 24 سانتىمېتىر غىچە، كەڭلىكى 5 سانتىمىتىردىن 9 سانتېمېتىرغىچە، ئاغىزىنىڭ شەكلى پىچاققا ئوخشايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توكاننىڭ يەنە بىر نامى زور تۇمشۇقلۇق قۇش. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 67 سانتىمېتىر، ئېغىزى چوڭ، ئۇزۇنلۇقى 17 سانتىمىتىردىن 24 سانتىمېتىر غىچە، كەڭلىكى 5 سانتىمىتىردىن 9 سانتېمېتىرغىچە، ئاغىزىنىڭ شەكلى پىچاققا ئوخشايدۇ. تۇمشۇق ئىنتايىن چىرايلىق، يۇقىرى يېرىم قىسىمى سېرىق رەڭلىك، شەكلى سۇس يېشىل رەڭلىك، ئاستىنقى يېرىم قىسمى ئاسمان كۆكى رەڭگىدە، تۇمشۇقى ئۇچلۇق زىننەتلىنىپ ئازراق قىزىل. كۆزىنىڭ تۆت ئەتراپى ھەرخىل ھاۋا رەڭ، كۆكرىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئومۇرتقا قىسمى قارا رەڭدە بولىدۇ. رەڭدار ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چوڭ تۇمشۇقىنىڭ تاماشا قىلىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. ئاساسەن مېۋە، ئۇرۇق، قۇرت - قوڭغۇز، قۇش تۇخۇمى ۋە چۈجە قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. دەرەخ كامىرىغا ئۇۋا سالىدۇ.
توپ بولۇپ ياشايدۇ، ئوزۇق تاللىمايدۇ، لېكىن ئاساسلىق شىرنىلىك مېۋىنى ئوزۇق قىلىدۇ. دەرەخ كاۋىكىغا ئىككى تالدىن 4 تالغىچە ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ، قوش جىنسلىق تۇخۇمدىن چىقىدۇ، كىچىك تىپتىكى تۈرلىرىنىڭ تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 16 كۈن چۆجىسى كېچىكىپ
يېتىلىدۇ، كېيىن يېتىلىش دەۋرى 40 ~ 50 كۈن. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلباغقا تارقالغان يامغۇرلۇق ئورمان رايونى، ئامازون دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئەڭ مول.
ھەرىقۇش ئاساسەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقى، بولۇپمۇ ئامازون دەريا بويلىرىغا كۆپ تارقالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.