كۆپ ئېھتىلام بولۇش

كۆپ ئېھتىلام بولۇش

بۇ كېسەللىك، بۆرەك ئاجىزلىق، مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان چۈشىدە جىنسىي ئالاقە قىلىپ چۈش كۆرۈش بىلەن مەنىي ئېقىپ كېتىش، بەزىدە ئۇنداق چۈش كۆرمەيمۇ مەنىي ئېقىپ كېتىش، بۇنداق ئەھۋال ھەپتىسىگە بىر قېتىمدىن كۆپ داۋاملىشىش، بارغانسېرى روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلىشىپ، بەدىنى، نېرۋىسى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆپ ئېھتىلام بولۇش
كېسەللىك سەۋەبى مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى
ئاساسلىق ئالامىتى مەنىي ئېقىپ كېتىش،سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك ئاجىزلىق، مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: چۈشىدە جىنسىي ئالاقە قىلىپ چۈش كۆرۈش بىلەن مەنىي ئېقىپ كېتىش، بەزىدە ئۇنداق چۈش كۆرمەيمۇ مەنىي ئېقىپ كېتىش، بۇنداق ئەھۋال ھەپتىسىگە بىر قېتىمدىن كۆپ داۋاملىشىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، ئۇرۇقدان ۋە بېلى ئاغرىش، بارغانسېرى روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلىشىپ، بەدىنى، نېرۋىسى ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كۆپ ئېھتىلام بولۇشنىڭ ئاساسلق سەۋەبى بەدەن ئىممونت كۈچى ئاجىزلىقتىنمۇ كىلىپ چىقىدۇ.

1-رېتسېپ

كۆپ ئېھتىلام بولۇشتەركىبى : ئاق بەھمەن، قىزل بەھمەن، سۆئلەپ مىسىرى، قورۇلغان تەمرى ھىندى ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، سەمغى ئەرەبى تۆت گىرام، ئىسپىغۇل بەش گىرام، ناۋات 70 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى : ئىسپىغۇلدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئىسپىغۇل ۋە سوقۇلغان ناۋاتنى ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئىككى قېتىم، سەككىز گىرام دورا 250 گىرام قاينىتىلغان كالا سۈتى بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى : كۆكنار، لاچىندانە، زەنجىۋىل، دارچىن ئالتە گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى : جىگدە ئىككى كىلوگرام، ئېرىك قوينىڭ كاللىسى بىر دانە، زەنجىۋىل، مۇرمەككى، زاراڭزا مېغىزى 10 گىرامدىن، سۇ تۆت كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى : قوي كاللىسىنى ئايرىم پىشۇرۇپ، جىگدىنى تۆت كىلوگرام سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، داكا بىلەن جىگدىنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە كاللا شورپىسىنى قۇيۇپ، ئۈستىگە باشقا دورىلارنى سېلىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى : كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

كۆپ ئېھتىلام بولۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن

http://jinsiyat.net/thread-20222-1-1.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#