سان فىرانسىسكو

سان فرانسىسكو

سان فرانسىسكو (ئىنگلىزچە: City and County of San Francisco). كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىردىنبىر شەھەر بىلەن ناھىيە بىرلەشكەن مەمورىي رايون. سان فىرانسىسكو شىمالىي كالىفورنىيە شتاتىغا، سان فىرانسىسكو يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقى سان فىرانسىسكو قولتۇقىغا، غەربى تىنچ ئوكيانغا يېقىن، نوپۇسى كالىفورنىيە شتات بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر.

ئۇيغۇرچە نامى سان فىرانسىسكو
دۆلىتى ئامېرىكا
تەۋە رايون كالفورنىيە شتاتى
نوپۇسى 852469 ئادەم
ئىنگىلىزچە نامى San Francisco
خەنزۇچە ئاتىلىشى 旧金山
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 600 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى دېڭىز - ئوكيان كىلىماتى
باشقا نامى 三藩市、圣弗朗西斯科

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سان فرانسىسكوسان فرانسىسكو (ئىنگلىزچە: City and County of San Francisco). كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىردىنبىر شەھەر بىلەن ناھىيە بىرلەشكەن مەمورىي رايون. سان فىرانسىسكو شىمالىي كالىفورنىيە شتاتىغا، سان فىرانسىسكو يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقى سان فىرانسىسكو قولتۇقىغا، غەربى تىنچ ئوكيانغا يېقىن، نوپۇسى كالىفورنىيە شتات بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر. جەنۇبى مارىن ۋىلايىتى (Marin County) بىلەن بىلەن قوشنا.

سان فىرانسىسكونىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى 1850-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئومۇمى يەر مەيدانى 600 كۋادرات كىلومېتىر (قۇرۇقلۇقتىكى يەر مەيدانى: 121.0 كۋادرات كىلومېتىر سۇدىكى دائىرىسى: 479.7 كۋادرات كىلومېتىر)، نوپۇسى 852469 ئادەم. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 19.2 مېتىر.

سان فرانسىسكوئامېرىكا قىتئەسىدە ئەسلىدە ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرىلا شىمالىي كالىفورنىيە شتاتىغا كەلگەن. ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا قىتئەسىدە ئولتۇراقلاشقان ئوخلون مىللىتى (Ohlone) ئالتىنچى ئەسىرلەردىلا سان فىرانسىسكو قولتۇقىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، «ئولونېي (O'Looney)» ئۇلارنىڭ تىلىدا «غەرب ئادىمى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئېچىش

دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئېچىش (1542-1847) ياۋروپالىقلار 1542-يىلى سان فىرانسىسكو قولتىقى رايونىغا كەلگەن، سان فىرانسىسكو رايونى 16-ئەسىردە ئىسپانىيەنىڭ ئۈستىنكى كالىفورنىيە ئۆلكىسى تېررىتورىيەسىدە ئىدى. ئىسپانىيە گېنرالى دون گاسپار دې پورتولو (Don Gaspar de Portola) 1769-يىلى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ فىرانسىسكو قولتۇقى رايونىنىڭ يەر شەكلىنى تەكشۈردى. 1776-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىسپانىيەلىك ئېكسپېدىتسىيىچى  جۇەن باۋتىستا دې ئانزا (Juan Bautista de Anza) شۇ يەردە ئىككى قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللىدى، بىرى ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئورۇن، يەنە بىرى دىن تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئورۇن بولۇپ ماھىيەتتە ئانزانىڭ ئىككى ھەمراھى Jose Joaquin Moraga ۋە Francisco Palóu نازارەتچىلىك قىلاتتى. Jose Joaquin Moraga مەسئۇل بولۇپ قۇرىدىغىنى ھەبىي ئىشلار بازىسى سان فىرانسىسكو قورغىنى ئىدى. Francisco Palóu نىڭ مەسئۇل بولغىنى چېركاۋ بولۇپ، ئۇ بۇ يەرگە سان فىرانسىسكو ئاسىس مىسىئونى (Misión San Francisco de Asís) دەپ نام بەرگەن.

1821-يىلى مېكسىكا ئىسپانىيەدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۈستىنكى كالىفورنىيە ئۆلكىسى مېكسىكىنىڭ زېمىنىغا ئايلانغان. مېكسىكا-ئامېرىكا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن دېڭىز ئارمىيە گېنرالى جون سلوئات (John D. Sloat) قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى، 1846-يىلى ئامېرىكا نامدا بۇ رايوننى ئىگەللىدى. 1847-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى پولكوۋنىك جون مونتگومېرىي (John B. Montgomery) بۇ شەھەرنىڭ نامىنى سان فىرانسىسكوغا ئۆزگەرتكەن.

كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئالتۇن چايقاش دولقۇنى

كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئالتۇن چايقاش دولقۇنى (1848-1855). 1848-يىلى 1-ئايدا، كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان سىيۇتېرس مىل  (Sutter's Mill) شەھىرىدە سېرىق ئالتۇن بايقالغاندىن كېيىن، خەۋەر ئىنتايىن تېز تارقىلىپ كەتتى. شۇ يىلى 8-ئايدا كالىفورنىيە شتاتىدا ئالتۇن كان بايقالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر  شەرقى قىسىمدىكى نيۇيوركقا يېتىپ كەلدى، ھەر قايسى جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان بىر كېچىدىلا باي بولۇپ كېتىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر سان فىرانسىسكو پورتىغا يېتىپ كەلدى. 1849-يىلىدىن باشلاپ، كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئالتۇن چايقاش دولقۇنى ھەقىقىي تۈردە كېڭەيدى، بۇ سان فىرانسىسكونىڭ نوپۇسىنى 1847-يىلىدىن 1870-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا 500 ئادەمدىن 150 مىڭ ئادەمگە يەتكۈزدى. كېيىنكى ئاتالمىش سان فىرانسىسكو 49 ئادىمى دەل 1949-يىلى ھەر قايسى جايلاردىن سان فىرانسىسكوغا بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنلەردۇر.

20-ئەسىردىن ھازىرغا قەدەر

1906-يىلىدىكى سان فىرانسىسكودىكى چوڭ يەر تەۋرەش

سان فرانسىسكو1906-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 5 دىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، سان فىرانسىسكودا سەككىز بال يەر تەۋرىدى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 30 مىڭ ئادەمنى ئۆي-ماكانسىز قويدى، نۇرغۇنلىغان ئادەم ئامالسىز باغچا ۋە كوچىلارنى ماكان قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا خاتىرلەنگەن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 498 بولۇپ، 2005-يىلىغا كەلگەندىلا ھۆكۈمەت ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.

پاناما-تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسى

پاناما-تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسى (1915-يىلى)، سان فىرانسىسكو ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان پاناما قانىلىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەپ، يەنە بىر جەھەتتىن 1906-يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى شەھەرنى قايتا قۇرۇش قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 1915-يىلى پاناما-تىنچ ئوكيان دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزگەن.

سان فرانسىسكو1936-يىلى سان فىرانسىسكو بىلەن ئوكلاندنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز قولتىقى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتكەن.

1937-يىلى سان فىرانسىسكو بىلەن مارلىن ناھىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان گولدىن گات چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتكەن.

1945-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51 نەپەر ئەزاسى سان فىرانسىسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئىمزالىغان.

1951-يىلى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيە بىلەن «سان فىرانسىسكو سۈلىھ كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان.

لوما-پرېتادىكى يەر تەۋرەش

لوما-پرېتادىكى يەر تەۋرەش (1989-يىلى). 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە، سان فىرانسىسكونىڭ جەنۇبىدىكى 97 كلومېتىر ئارىلىققا جايلاشقان سانتا كرۇز (Santa Cruz) تاغ رايونىدىكى ساينت ئاندا 6.9 بال يەر تەۋرىدى، ئوخشاش يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان سان فىرانسىسكو قولتىقى رايونىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يەر شەكلى

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكو كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان. تارىختىكى ئەڭ چوڭ يەرتەۋرەش 1906-يىلىدىكى يەر تەۋرەش بولۇپ، ئىلگىرى 1851-يىلى، 1858-يىلى، 1865-يىلى ۋە 1868-يىللىرىمۇ چوڭ تىپتىكى تەۋرەشلەر يۈز بەرگەن. يېقىنقى زاماندىكى يەر تەۋرەش 1989-يىلىدىكى يەر تەۋرەش بولۇپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى كوچا نەچچە گەز كەڭلىكتە دەز كەتكەن.

شەھەر رايونى تىپىك ئېدىرلىق بەلبېغى، شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تىك يۇقىرىغا ۋە تىك تۆۋەنگە كەتكەن كوچىلار بار.

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكونىڭ ئۈچ ئەتراپىنى سۇ  ئوراپ تۇرىدۇ، ھەمدە تىنچ ئوكيان ۋە كالىفورنىيە سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. سان فىرانسىسكونىڭ ياز پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى ئادەتتە℃20 ئەتراپىدا، بىر يىل ئىچىدە پەقەت بىر ھەپتە كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن تېمپراتۇرىسى ℃30 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. 9-ئاي ھاۋاسى ئەڭ ئىللىق ئاي ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تىنچ ئوكياننىڭ سۈيىنىڭ تېمپراتۇرىسى يىل بويى ℃10~15 ئەتراپىدا بولغاچقا، ياز كۈنلىرى يېرىم كېچىلەردە تېمپراتۇرا ℃10 دىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ياز پەسلىدە ھۆل-يىغىن ئاز، يامغۇر پەسلى 1-ئاي بىلەن 4-ئاينىڭ ئارلىقىدا بولىدۇ. قىش پەسلى سوغۇق بولسىمۇ قار ئاز ياغىدۇ. يېقىنقى بىر قېتىملىق قار 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ياغقان، ئۇنىڭ ئالدىدىكى قار 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ياغقان.

سۇ يولى ۋە كۆۋرۈك

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكو شەھىرىنىڭ ئىچىدە دەريا ئېقىنى يوق، شەھەردە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئاساسلىقى دېڭىز قىرغىقى تاغ تىزمىسىدىكى يىغىلغان قار ئېقىنىنىڭ تاغ تىزمىسىنىڭ يېنىدىكى Hetch Hetchy سۇ ئامبىرىغا ئېقىپ كىرىشىدىن شەكىللەنگەن سۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق شەھەر ئىچىگە توشۇلىدۇ. شەھەر ئىچىدە ئىككى كۆۋرۈك بار بولۇپ، شىمالدىكى 101-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول بىلەن مالىن ناھىيىسىگە بارىدىغان ئالتۇن ئىشىك چوڭ كۆۋرۈكى، ئوكلاند ۋە بېركېلېي (Berkeley) غا بارىدىغان 580-نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدىكى كۈمۈش رەڭلىق دېڭىز قولتىقى كۆۋرۈكى. سان فىرانسىسكودا يەنە دېڭىز ئاستى تۇنېلى ئارقىلىق ئۇكلاندقا بارىدىغان تۆمۈر يول بار.

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكو كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىردىنبىر شەھەر بىلەن ناھىيە بىرلەشكەن مەمۇرىي رايون، سان فىرانسىسكونىڭ شەھەر باشلىقىمۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى، شەھەر پارلامېنتتىمۇ ناھىيە ئىشلىرىنىڭ نازارەت قىلىش كېڭىشىنى تەسىس قىلغان. سان فىرانسىسكونىڭ ئالاھىدە بەلگىلىمىسى بولغانلىقتىن، سان فىرانسىسكونىڭ شەھەر رايونى سىرتىدىكى جايلاردىمۇ قانۇن يۈرگۈزىدۇ، مەسىلەن، سان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودرومى. 

شەھەر نىزامنامىسىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى باراۋەر بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەمۇرىي بۆلۈمنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى شەھەر باشلىقى ۋە باشقا خەلق سايلىغان ئەمەلدارلار؛ مەمۇرىي بۆلۈم يەنە ساقچى ئىدارىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە ئوخشاش خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 11 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان سان فىرانسىسكو شەھىرى شەھەر نازارەت كېڭىشى سان فىرانسىسكونىڭ قانۇن تۈزۈش بۆلىمى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارلامېنت باشلىقى Aaron Peskin (2006-يىلى)؛ نازارەت كېڭىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان. پارلامېنت ئەزالىرى ھەرقايسى رايونلاردىن تاللىنىدۇ. ئەگەر شەھەر باشلىقى ئۆلۈپ كەتسە ياكى داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالسا، نازارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئۆزلىكىدىن شەھەر باشلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالىدۇ.

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكو 19-ئەسىردىكى كالىفورنىيە شتاتى ئالتۇن يۇيۇش دولقۇنىدىن باشلاپ بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندى. پۇل مۇئامىلە سودا كەسپى رايونىدىكى مونتگومېرىي كوچىسى (Montgomery Street) «غەربىي قىسىمدىكى ۋال سترىت كوچىسى» دەپ ئاتالغان. ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ بانكا ئامېرىكا بانكىسى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان. نۇرغۇنلىغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى، دۆلەت ھالقىغان بانكىلارنىڭ ھەممىسى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان ياكى تەسىس قىلىنغان. نۇرغۇنلىغان قانۇن، ئاممىۋىي مۇناسىۋەت، بىناكارلىق ۋە تەكشىلىكتە لايىھەلەش قاتارلىق كەسپى مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شەھەر مەركىزىگە قۇرۇلغان. سان فىرانسىسكو ئىككىنچى دەرىجىلىك يەرشارى خاراكتېرلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى.

سان فىرانسىسكونىڭ مۇۋاپىق بولغان ھاۋا كىلىماتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئېتىبار سىياسەتلىرى، نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۆزىگە تارتقان.[1]

ساياھەتچىلىك كەسپى سان فىرانسىسكو ئىقتىسادىنىڭ تايانچى. سان فىرانسىسكو ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش جەھەتتە ئامېرىكا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، 2007-يىلىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 16 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سان فىرانسىسكوغا 8 مىليارد 200 مىليون ئىقتىسادىي كىرىم قىلىغان.

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكو بىرلەشمە مەكتەپ رايونى (San Francisco Unified School District, SFUSD) بولسا سان فىرانسىسكونىڭ مائارىپ ئىدارىسى.

سان فىرانسىسكو شەھەردىكى داڭلىق مەكتەپلەر:

سان فىرانسىسكو كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى__1873-يىلى قۇرۇلغان.

سان فىرانسىسكو شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت__1899-يىلى قۇرۇلغان.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خاستىڭس(Hastings) قانۇن ئىنىستىتۇتى__1878-يىلى قۇرۇلغان.

گولدېن گېيت ئۇنىۋېرسىتېتى (golden gate University)__1896-يىلى قۇرۇلغان.

سان فىرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتى__1896-يىلى قۇرۇلغان.

سان فىرانسىسكو سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى__1929-يىلى قۇرۇلغان.

سان فرانسىسكوسان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودرومى (SFO)  شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى 21 كىلومېتىر ئارلىقتا، شەھەر رايونىدىن 30 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

شەھەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي قاتناش سىستېمىلىرى بار:

BART - سان فىرانسىسكو بىلەن پۈتۈن شەرقىي ئايلانما رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق قاتناش قورالى.

كالىفورنىيە شتاتى تۆمۈر يولى-قىسقارتىلىپ Caltrain دېيىلىدۇ،

MUNI يول بويى كابېل ماشىنىسى (cable car)-ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، سان فىرانسىسكونىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.

رېلىسلىق ترامۋاي.

رېلىسسىز ترامۋاي ۋە ئاممىۋىي ئاپتوبۇس.

Twitter ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، مىكرو بىلوگ مۇلازىمىتى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى.

craigslist.org دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەقسىز سودا سېتىق ۋە ئىجتىمائىي پىكىر ئالماشتۇرۇش تور بېكىتى، باش شىتابى سان فىرانسىسكودا.

ۋېكىپېدىيە: باش شتابى سان فىرانسىسكودا.

ياۋروپادىكى شەھەر ئىچى ماشىنا ئىجارە بېرىش شەكلىگە تەقلىد قىلىنغان، شەخسلەر توردا ھېسابات نومۇرى ئىلتىماس قىلسىلا، بەلگىلەنگەن رايوندا دەرھال ماشىنىنى تاپشۇرۋالالايدۇ، تېز ھەم قولايلىق.

GAP

1969-يىلى سان فىرانسىسكودا قۇرۇلغان.

ئامېرىكا بانكىسىنىڭ باش شتابى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#