پېركلېس

پېركلېس

پېركلېس (تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 495 −429-يىللار) قەدىمكى ئافېنانىڭ دېموكراتىك سىياسىئونى. ئۇ ئافېنادىكى دۆلەتمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مول بىلىملىك، ئالىيجاناب چوڭ بولغان، ياش ۋاقتىدا ئافېنادىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ سىياسىي ۋەكىلى بولۇپ، پۇقرالار قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، باي-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېركلېس
باشقا نامى Pericles
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 495-يىلى
كەسپى دېموكراتىك سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 伯里克利
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى يۇنان
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 429-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېركلېسبىر كۈنى كەچتە، پېركلېس پىيادە مېڭىپ ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتسا، بىر ئاقسۆڭەك كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىپ: «ھۇ نان قېپى، سەن دېگەن ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، داداڭ پېرسىيىلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنى باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكەن، لېكىن سەن دوستلىرىڭنى ئۇنتۇپ، ئاشۇ پەسەندى نامراتلارغا ياخشىچاق بولۇۋاتىسەن» دەپ، تاكى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بارغۇچە تىللاپ ماڭغان، پېركلېس ئۆيىدىكى چاكارنى مەشئەل ياندۇرۇپ ھېلىقى كىشىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا بۇيرۇغان. بۇ ھېكايە پېركلېسنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە تەربىيە كۆرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

پېركلېس(تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى (495-429-يىللار) قەدىمكى ئافېنانىڭ دېموكراتىك سىياسىئونى. ئۇ ئافېنادىكى دۆلەتمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، مول بىلىملىك، ئالىيجاناب چوڭ بولغان، ياش ۋاقتىدا ئافېنادىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ سىياسىي ۋەكىلى بولۇپ، پۇقرالار قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، باي-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلغان. كېيىن، ئۇدا دۆلەت رەھبىرى بولۇپ سايلىنىپ، قۇلدارلار دېموكراتىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئافېنا قۇلدارلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى پۈتكۈزۈپ، ئافېنادىكى ئاددىي پۇقرالارنى ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان. 

پېركلېسئۇ ئافېنانىڭ پۇقرالار قۇرۇلتىيى، 500 كىشىلىك كېڭەش يىغىنى ۋە پۇقرالار سوتى قاتارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالىي ھوقۇقلۇق ئاپپاراتقا ئايلاندۇرغان، بۇنىڭ بىلەن، بارلىق پۇقرالار باي-نامرات دەپ ئايرىلماي، دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە سايلىنىش، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئافىنانىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كىرىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت زىيالىيلىرىنىڭ ئافېناغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلىشىگە ئىلھام بەرگەن، ھەر خىل سەنئەت كۆرەكلىرى، مۇسابىقە، ھېيت-بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ئافېنا شەھىرىدە نۇرغۇن كاتتا ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى بىنا قىلغان.

پېركلېس ئىلگىرى سۈرگەن دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم ئافېنادىكى قۇللۇق تۈزۈم ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. ئۇ پەقەت ئاز ساندىكى قۇلدارلارنىڭلا دېموكراتىك تۈزۈمى بولۇپ، قۇللار ۋە باشقا يۇرتلۇقلارغا پۇقرا قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنمىغان، ئاياللارمۇ سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەن. ھەر كۈنى ئازغىنا كىرىمىگە تايىنىپ جان باقىدىغان نامراتلار پۇقرالار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىمەن دەپ ھەرگىزمۇ تىرىكچىلىكىنى تاشلاپ قويالمايتتى. 

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 431-يىلى، ئافېنا بىلەن سپارتا يۇناندىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ، 20 يىلغا سوزۇلغان پىلوپوننېس ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە يۇناندا چۇما كېسىلى تارقىلىپ كەتكەن، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 429-يىلى پېركلېسمۇ چۇما كېسىلى نى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. 

پېركلېس ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئافېنا پۈتۈن يۇنان بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك، مەدەنىيىتى ئەڭ ئىلغار شەھەر دۆلىتىگە ئايلانغان بولۇپ، تارىخشۇناسلار بۇ مەزگىلنى «پېركلېس دەۋرى» دەپ ئاتىغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#