بەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى
بەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى، قومۇل شەھىرى نىڭ دۇربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانى بەيياڭگۇ كەنتىنىڭ شەرقىدىكى 1 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۈگۈر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. 2001-يىلى بەشىنچى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىبەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى، قومۇل شەھىرى نىڭ دۇربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانى بەيياڭگۇ كەنتىنىڭ شەرقىدىكى 1 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۈگۈر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. بەيياڭخې سۈيى ئوتتۇرا قىسمدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئۇنى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى «تەيزاڭ» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا دىنى گۈللەنگەن مەزگىلدىكى چوڭ بۇددا دىنى خارابىسى، قومۇل ۋىلايىتى دىكى يىل دەۋرى بىرقەدەر بالدۇر، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانا. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرلەنگىنىگە ئاساسەن، بەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى ۋېي، جىن دەۋرلىرىدىلا بار بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، شۈەنزاڭ قومۇلدىن ئۆتكەن، بۇ يەردە نوم نوملاپ، بۇددىزم قائىدىلىرنى تەشۋىق قىلغان. 2001-يىلى بەشىنچى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
بەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىبەيياڭگۈ جىلغىسى ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى ئاساسلىقى بەيياڭخىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 15 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىر، ئالدى-كەينى بولۇپ ئىككى ئۆيگە بۆلۈنگەن، كارىدور بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئاساسلىق لەھىتى كەينىدە، غەرىب-شىمالدىكى چوڭقۇرلىقى 8.3 مېتىر. جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ كەڭلىكى 8.7 مېتىر، ئۈستى گۈمبەزسىمان، ئىچىدە بىر بۇددا قېپقالغان، ئىگىزلىكى 8.2 مېتىر، ئالدىنقى لەھەتنىڭ شەرقتىن غەربكە چوڭقۇرلۇقى 9.8 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 11.6 مېتىر، بۇددانىڭ كەينىدىكى تامنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىك تىپتىكى ئەگمە ئۆگزىلىك ئىمارەتلەر بار بولۇپ، ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 3.1 مېتىر، كەڭلىكى 2.81 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 0.60 مېتىر. ئۈچ يۈزىدە كىچىك بۇت تەكچىسى بار، يېنىدا ئەسلى تام رەسىملىرى بار.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە 11 ئېغىزلىق ئۆي خارابىسى بار، قالدۇق تامنىڭ ئەڭ ئېگىز جايى 3.5 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 3.5 ~ 0.45 مېتىر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دىئامېتىرى 3 مېتىر بولغان مەركىزىي تۈۋرۈك شەكلىدىكى غار بار. ئاساسىي قۇرۇلۇش بىلەن بولغان ئارىلىقى جەنۇبقا 100 مېتىر بولغان جايدا بىر بۇددا مۇنارى خارابىسى بار، ئۈستى كىچىك، ئاستى چوڭ بولۇپ، قالدۇق ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 3.4 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر، ئىچى ئەگمە ئۆگزىلىك، ئېگىزلىكى 2.7 مېتىر. مۇنارنىڭ قالدۇقلىرى چاسا شەكىللىك دۆڭ شەكىلدە ئۇچرايدۇ، ئۇزۇنلۇقى 2.2 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر.
ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ شىمالىدا بىر تاش غار بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يەككە ئۆڭكۈر چىغىر يولىدا، ئىككى كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان تام رەسىملىرى بايقالغان، تېگى ئاق، قىزىل، يېشىل رەڭلىك، ئۇزۇن يىل ئۆتكەن بولغاچقا، ئاللىقاچان ئوكسىدلىنىپ قارامتۇل قىزىل رەڭگە ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق مىڭ بۇت بولۇپ، بۇت نۇرى قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بويا ساياھەت تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.