سوزۇلما يۈرەك زەئىپلىكى

سوزۇلما يۈرەك زەئىپلىكى

ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك مۇسكۇلى قېلىپلاپ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، بەدەندىكى ۋېنالارغا قان قېيىش ۋە ئەزا توقۇلمىلارغا قان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما يۈرەك زەئىپلىكى
خەنزۇچە نامى 慢 性 心 力 衰 竭
كېسەللىك ئورنى يۈرەك
كېسەللىك سەۋەبى ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم يۈرەك بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك مۇسكۇلى قېلىپلاپ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، بەدەندىكى ۋېنالارغا قان قېيىش ۋە ئەزا توقۇلمىلارغا قان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۇيغۇر تېبابىتىكلاسسىك ئەسەرلىرىدە «زەئفى قەلب مۇزمىن»دەپ ئاتىلىدۇ.


1. ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1) كەڭ دائىرىلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى قان تولۇشلۇق يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى بىلەن يۈرەك تولۇشلۇق يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) ئائورتا كلاپان تارىيىش سەۋەبىدىن سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى (ئارقا يۈكى) زىيادە ئېشىپ، تەدرىجىي يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك زەئىپلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

3) ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماستىن يۈرەكنىڭ سىغىم يۈكى (ئالدى يۈكى) زىيادە ئېشىپ، تەدرىجىي يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4) ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش، سول دالانچىدا شار قاپقاقسىمان ترومبا شەكىللىنىش، سول يۈرەك دالانچىسىدىكى شىلىمشىق ئۆسمە، تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن سول يۈرەك دالانچىسىنىڭ يۈكى ئېشىپ، داۋاملىق كۈچىنىپ ئىشلەش نەتىجىسىدە سول دالانچە مۇسكۇلى قېلىنلاپ، تەدرىجىي يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5) ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تارىيىش سەۋەبىدىن يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىنىڭ ئارقا يۈكى ئېشىپ، زىيادە كۈچىنىپ ئىشلەش نەتىجىسىدە ئوڭ قېرىنچە مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6) ئۆپكە ئارتېرىيە كىلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق سەۋەبىدىن ئوڭ قېرىنچىنىڭ سىغىم يۈكى (ئالدى يۈكى) ئېشىپ كېتىپ، يۈرەكنىڭ زىيادە كۈچىنىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە تەدرىجىي ئوڭ قېرىنچە مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7) ئېغىر يۈرەك رېتىمسىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: تۇتقاقلىق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، يۈرەك دالانچىسى تىترەش قاتارلىقلاردا يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك زەئىپلىكى كېلىپ چىقىدۇ.

2. يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى بىلەن يۈرەك سول قىرىنچىسىنىڭ ئارقا يۈكى زىيادە ئېشىپ، كۈچىنىپ ئىشلەش سەۋەبىدىن يۈرەك سول قېرىنچە مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ تەدرىجىي يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆپكىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، كانايچە كېڭىيىش ۋە ئۆپكىدىكى ئورۇن ئېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاپ، يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسىنىڭ ئارقا يۈكى زىيادە ئېشىپ، كۈچىنىپ ئىشلەش سەۋەبىدىن ئوڭ قېرىنچىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، تەدرىجىي يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. قان ئازلىق ياكى قان يوقىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئېغىر قان ئازلىق ياكى چوڭ قاناش يۈز بەرگەندە بەدەننىڭ قان ۋە ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن يۈرەك كۈچىنىپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەي يۈرەك رەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. تېز سۈرئەتتىكى كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق بېرىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپ مىقداردا ياكى زىيادە تېز سۈرئەتتە سۇيۇقلۇق قان بېرىش سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ، كۈچىنىپ ئىشلەش نەتىجىسىدە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوزغاتقۇچى ئامىللار:

كۆپ ھەرىكەت قىلىش، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىش، جىددىيلىشىش، ئاچچىقلىنىش، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، قان يوقىتىش، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، زەھەرلىنىش، رېماتىزم، نەپەس يولىدىكى ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار قوزغاتقۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

سوزۇلما يۈرەك زەئىپلىكى-سول يۈرەك زەئىپلىكى، ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكى ۋە پۈتۈن يۈرەك زەئىپلىكى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. شۇڭا ئالامەتلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆزلىنىدۇ.

 سول يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامىتى

1) نەپەس قىيىنلىشىدۇ، سول يۈرەك زەئىپلىكىدە نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكى بار.

1) جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىن نەپەس قىيىنلىشىش بولىدۇ.

دەسلەپكى دەۋردە نەپەس قىيىنلىشىش ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا پەيدا بولۇپ، ئارام ئالغاندىن كېيىن، ئۈزلۈكىدىن ياخشىلىنىدۇ. بۇ يۈرەك خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يەڭگىل جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندىمۇ نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندا نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ سەۋەبى ئېغىر جسىمانىي ئەمگەك قىلغاندا يۈرەككە قايتىدىغان قان ئېقىمى كۆپەيگەچكە ئۆپكىدىكى قان قېيىش ئېغىرلىشىپ نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ.

2) ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

سول يۈرەك زەئىپلىكى ئېغىرلاشقاندا كېسەل تۈز يېتىپ ئارام ئالغاندىمۇ نەپەس قىيىنلىشىدۇ. شۇڭا يېرىم ئولتۇرۇشقا ياكى ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يېرىم ئولتۇرغاندا ياكى ئولتۇرغاندا بىر قىسىم قان بەدەننىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ماڭغانلىقتىن ئۆپكىدىكى قايغان قان ئازىيىپ، نەپەس قىيىنلىشىش يەڭگىللىشىدۇ.

3) كېچىدە تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىدۇ.

سول يۈرەك زەئىپلەشكەن بەزى بىمارلاردا يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز نەپەس قىيىنلىشىپ ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تۇتقاقلىق يۆتەل بولۇپ، كۆپۈكلۈك بەلغەم تۆكۈرىدۇ ياكى زىققا ھالىتى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇڭا يۈرەك مەنبەلىك زىققا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەڭگىل بولغاندا بىرقانچە مىنۇتتىن كېيىن ياخشىلىنىدۇ. كېچىدە تۇتقاقلىق نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ يۈز بېرىشى: ئوڭدىسىغا ياتقاندا ۋېنادىن يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى كۆپىيىپ ئۆپكىدە قان تولۇشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن دىئافراگما يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقى ئازايغانلىقتىن كېچىدە ئاداشقان نېرۋىنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ، كانايچە ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىنى سىپازمىلاندۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) يۆتىلىش ۋە بەلغەم تۆكۈرۈش بولىدۇ.

يۆتەل كۆپىنچە ئەمگەك قىلغاندا ياكى تۈز ياتقاندا ئېغىرلىشىدۇ، بۇنى ئاساسەن ئۆپكە ۋە كانايچە شىللىق پەردىسىدىكى قان ئۇيۇپ قېلىشتىن بولغان سۇلۇق ئىششىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا يۆتەل تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. دەسلەپتە بەلغەم ئاق كۆپۈكلۈك شىلىمشىق بولىدۇ. يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەندە سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق بەلغەم تۆكۈرىدۇ.

3) قان تۆكۈرىدۇ. ئۆپكە قان ئايلىنىشتىكى بېسىم كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىنچىكە قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىدىن قان تۆكۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

4) باشقا ئالامەتلەر.

ئاساسن چارچايدۇ، ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق بولىدۇ، سۈيدۈك ئازىيىدۇ. يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى كېڭىيىدۇ. يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇش ئورنى سول تۆۋەنگە يۆتكىلىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى قېتىم سانى تېزلىشىدۇ. يۈرەك ئۇچى رايونىدا كېڭىيىش دەۋرىدىكى تەكرار رېتىم پەيدا بولىدۇ. ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرۈك تاۋۇشى كۈچىيىدۇ. يۈرەك ئۇچىدا قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئاڭلىنىدۇ. ئۆپكە تېگىدىن ھۆل خىرىپ، بىر قىسىم كىشىلەردە خىرىلداش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. سۇيۇقلۇق يىغىلغان ئورۇندا ئاۋاز تىترەش تاۋۇشى ئاجىزلىشىدۇ. چېكىپ تەكشۈرگەندە بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ، نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ.

ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكنىڭ ئالامىتى

ھەرقايسى ئەزالاردا قان قېيىش سەۋەبىدىن تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

1) ئاشقازان ئۈچەيلەرگە قان قېيىشتىن ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، قورساق كۆپىدۇ.

2) بۆرەككە قان قېيىشتىن كۈندۈزدىكى سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ كېچىدىكى سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىدۇ. سۈيدۈكتە ئاز مىقداردا ئاقسىل، سىلىندىر، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ.

3) مېڭە نېرۋا خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنى تىنچسىزلىنىپ بىئارام بولىدۇ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر بولغاندا خىيال قىلىش كۈچىيىپ كېتىدۇ.

4) يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى ئوڭ تەرەپكە كېڭىيىدۇ. تۆش سۆڭىكىنىڭ سول گىرۋىكىدىكى يۈرەك ئالدى رايونىدا يۈرەك سوقۇشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، كۆتۈرۈلۈش خاراكتېرىدە بولىدۇ. ئۈچ قاپقاقلىق كلاپان رايونىدا قىسقىرىش دەۋرلىك شامال پۈۋلىگەندەك شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ. نەپەس ئالغاندا كۈچىيىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۈچ قاپقاقلىق كلاپان رايونىدا كېڭىيىش دەۋرىدىكى تەكرار رىتىم پەيدا بولىدۇ.

5) بويۇن ۋېناسى كۆپىدۇ. بۇ ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، يېرىم ئولتۇرغاندا ياكى ئولتۇرغاندا ئوقۇرەك سۆڭەك ئۈستىدىن تولغان بويۇن سىرتقى ۋېناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

6) جىگەر چوڭىيىدۇ. جىگەرگە قان ئۇيۇشتىن جىگەر چوڭىيىدۇ، جىگەرنىڭ سىرتقى يۈزى سىلىق، ئوتتۇرا دەرىجىدە قاتتىقلاشقان بولىدۇ. باسقاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ، قول ئالىقىنى بىلەن جىگەر ساھەسىنى يېرىم مىنۇتتىن بىر مىنۇتقىچە باسقاندا بويۇن ۋېناسى تېخىمۇ ئېنىق كۆپىدۇ.

7) سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ. سۇلۇق ئىششىق ئالدى بىلەن بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدا بولىدۇ. يەنى ھوشۇق قىسمىدا ۋە پاچاق ئالدى قىسمىدا كۆرۈلۈپ، ئېغىرلاشقان ۋاقتىدا پۈتۈن بەدەن ئىششىق بىلەن بىرگە كۆكرەك ۋە قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىدۇ. كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىش ئىككى تەرەپتە بولسا دائىم ئوڭ تەرەپتە سۇ كۆپ، سول تەرەپتە ئاز بولىدۇ. كۆپىنچە ئوڭ تەرەپتە كۆرۈلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل جىگەرگە قان قايغاندا جاھىل خاراكتېرلىك قورساققا سۇ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8) كۆكىرىش بولىدۇ، سول  يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ داۋاملىشىشى ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا كۆپىنچە نەپەس قىيىنلىشىش مەلۇم دەرىجىدە يەڭگىللىشىدۇ. لېكىن كۆكىرىش ئېغىرلىشىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى ئارتېرىيىلەردە قان بىلەن تەمنلەش يېتەرسىز بولۇپ، ۋېنالاردا قان قېيىش بولغانلىقتىن قان ئېقىمى ئاستىلاپ، توقۇلمىلارنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى يېتەرلىك بولماي كۆكىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 پۈتۈن يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامىتى

سول يۈرەك زەئىپلىكى بىلەن ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامىتى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ئالدى بىلەن سول يۈرەك زەئىپلىكى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكى كۆرۈلسە، ئوڭ يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىگەنلىكتىن ئۆپكىگە قان قېيىش يېنىكلەپ نەپەس قىيىنلىشىش يەڭگىللەيدۇ. ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەنلىك ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماي، جىگەر قاتىدۇ، ئورۇقلايدۇ، ئۆپكىنىڭ نورمال خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

1. يۈرەكنىڭ ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش دەۋرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى:

يۈرەك زاپاس كۈچكە ئىگە بولغانلىقتىن، ئورگانىزمدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشكە مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك دائىرە ئىچىدە ماسلىشالايدۇ، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەندە قۇۋۋىتى نەپسانىينىڭ ماسلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە يۈرەك نېرۋا، بەدەن سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ تەڭشەش رولى ئارقىلىق ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ قاننى چىقىرىش مىقدارى ئەسلىگە كېلىپ ياكى ئورگانىزمنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامداپ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدۇ، شۇڭا ئادەتتە بۇ مەزگىلدە تىپىك ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. يۈرەك ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش جەريانىدا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك كېڭىيىش، يۈرەك قېلىنلاش قاتارلىق ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئېھتىياجنى قامدايدۇ.

1) يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش: يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىگەچكە يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بولغان ۋېنالارغا قان قېيىپ، ئۇلارنىڭ بېسىمى ئاشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئائورتا ۋە بويۇن ئارتېرىيىسىنىڭ بېسىمى تۆۋەنلىگەچكە مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ تەڭشىشى بىلەن سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ، ئاداشقان نېرۋا تورمۇزلىنىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك دائىرە ئىچىدە تېزلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى مەلۇم دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، بەدەننىڭ ئېھتىياجىمۇ قامدىلىدۇ.

2) يۈرەكنىڭ كېڭىيىشى: مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك دائىرە ئىچىدە يۈرەك كېڭەيگەندە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ مۇسكۇل تالالىرى سوزۇلۇپ، ئۇزىراپ كېڭىيىش دەۋرىدىكى سىغىمچانلىقىمۇ ئاشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ، قىسقىرىش كۈچى كۈچىيىپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ قان ۋە ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى قامدىلىدۇ.

3) يۈرەكنىڭ قېلىنلىشىشى: بۇ بىر قەدەر ئاستا لېكىن ئۈنۈملۈك بولغان ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىقى يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك دائىرە ئىچىدە قېلىنلىغاندا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ قالدۇق قان مىقدارى ئازىيىپ، يۈرەكنىڭ بوشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ قان ۋە ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

2. يۈرەكنىڭ ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش دەۋرىنى يوقاتقاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر

يۇقىرىقى كېسەللىك سەۋەبلەر داۋاملىق مەۋجۇت بولسا يۈرەكنىڭ كۆتۈرۈش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ يۈرەكنىڭ ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەكتەندە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئازىيىپ، ۋىنا تومۇرلىرىدا قان يىغىلىپ قېلىش، ئارتېرىيىلەردە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. يۈرەكنىڭ ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش دىۋارىنى يوقاتقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.

1) يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىپ كەتكەندە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ، يۈرەكنىڭ كېڭىيىش دەۋرى قىسقىرىپ قېرىنچىنىڭ تولۇش مىقدارى ئازايغانلىقتىن يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارىمۇ ئازىيىپ، ئوخشاشلا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) يۈرەك قېرىنچىسى زىيادە كېڭىيىپ، يۈرەككە قايتىدىغان قان مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، يۈرەك قېرىنچىسى زىيادە تولغاندا ياكى كېڭىيىپ مەلۇم فىزىئولوگىيىلىك چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتكەندە، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئازىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3) يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قېلىنلىشى ئورۇن تولدۇرۇپ ئىشلەش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماي يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى تۆۋەنلەپ، ئۈنۈملۈك قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ، سول يۈرەك زەئىپلىكىدىكى نەپەس قىيىنلىشىش، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، قان تۈكۈرۈش، ئۆپكە تېگىدىن ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىش، يۈرەك چېگرىسى سول تۆۋەنگە كېڭىيىش، ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىدىكى بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، جىگەر، تال چوڭىيىش، قورساققا سۇ چۈشۈش، تۆۋەنكى مۈچىلەردە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، كۆكىرىش، يۈرەك سول تەرەپكە قاراپ چوڭىيىش، پۈتۈن يۈرەك زەئىپلىكىدىكى ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكى ۋە سول يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىش ئالامەتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، ئائورتا كلاپانى تارىيىش، ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپان تارىيىش، ئائورتا كلاپان تولۇق يېپىلمالسىق، ئۈچ قاپقاقلىق كلاپان تولۇق يېپىلماسلىق، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، كانايچە كېڭىيىش، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) رېنتىگېندە تەكشۈرۈش: سول يۈرەك زەئىپلىكىدە يۈرەك سايىسى سول تەرەپ تۆۋەنگە قاراپ كېڭەيگەن بولۇپ، يۈرەك ئۇچى يۇمىلاق ئۆتۈك شەكىللىك بولىدۇ. ئۆپكە دەرۋازىسىنىڭ سايىسى چوڭقۇرلىشىدۇ. ئۆپكە سىزىقچىلىرى كۈچىيىدۇ. ئۆپكىدە سۇلۇق ئىشىشق بولسا ئۆپكىدە بۇلۇتسىمان سايە كۆرۈلىدۇ. ئۆپكە دەرۋازىسىغا يېقىن جايدا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئۆپكە ئوتتۇرا قىسمىدا كېپىنەك قانىتىسىمان سايە كۆرۈلىدۇ. ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىدە ئوڭ يۈرەك ياكى پۈتۈن يۈرەك چوڭىيىدۇ، يۇقىرىقى كاۋاك ۋېنا سايىسى كېڭىيىدۇ، ئۆپكە دائىرىسى ئوچۇق بولىدۇ.

2) يۈرەكنى B چاۋدا تەكشۈرۈش: دالانچە، قېرىنچىنىڭ قېلىنلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

3) يۈرەك ئېلېكتر كاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش:

1.1-رەسىم. ئوڭ قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭايغاندا V1 ئۇلاردىكى P دولقۇن ئاخىرقى پوتېنسىئالىنى ئۆلچەپ ھېسابلاشنى كۆرسىتىش رەسىمى

ئوڭ قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭىيىشىنىڭ ئېلېكترو كاردىئو گراممىدىكى ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە:

V1 ① ئۇلانمىدا 1≤R/S، VS ئۇلانمىدا ياكى S دولقۇن چوڭقۇرلىشىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە چوڭقۇرلىغان ۋاقىتتا V1 ئۇلانما شەكلىدە كۆرۈنىدۇ.

V1 ② ئۇلانمىدىكى دولقۇن بىلەن ئۇلانمىدىكى دولقۇننىڭ يىغىندىسىدى−ن چ−وڭ ب−ولىدۇ. )ئېغىر ئەھۋالدا 1.2mv تىن چوڭ بولىدۇ. AVR ئۇلانمىدا R/a ياكى 1≤R/S.

R دولقۇن 2.5mv تىن چوڭ بولىدۇ.

③ يۈرەك ئېلېكتر ئوقى ئوڭغا ئاغىدۇ. +90° (ئېغىر ئەھۋالدا +110°)

ST-T ④ نىڭ ئۆزگىرىشى ئەگەر ئېلېكترو كاردىئو گراممىدا يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوڭ كۆكرەك ئۇلانمىلىرىدا T)V2V1) دولقۇن قوش يۆنىلىشلىك، دۈم كۆمتۈرۈلگەن ST بۆلىكى تۆۋەنلىگەن ھالدا كۆرۈلسە ئوڭ قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭىيىش ھەم زەخمىلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. (1.5-رەسىم)

ئىككى تەرەپ يۈرەك قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭىيىشنىڭ ئېلېكترو كاردىئو گراممىدىكى ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە:

① ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ئېلېكترو كاردىئوگرامما. چۈنكى ئىككى تەرەپتىكى يۈرەك قىرىنچا ئېلېكتر بېسىمى تەڭ ئۆرلىگەندە ئۆزئارا بالانسە بولۇپ كەتكەنلىكىتىندۇر.

② بىر تەرەپ يۈرەك قىرىنچە قېلىنلاپ چوڭىيىش تىپلىك ئېلېكترو كاردىئوگرامما پەقەت بىر تەرەپتىكى يۈرەك قىرىنچە قېلىپلاپ چوڭيىيىش ئىپادىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ يۈرەك قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭىيىش سۈرەت شەكلى ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ.

③ ئىككى تەرەپ يۈرەك قىرىنچە قېلىپلاپ چوڭىيىش تىپلىك ئېلېكترو كاردىئوگرامما ھەم ئوڭ قىرىنچە قېلىپلاپ چوڭىيىشنىڭ سۈرەت ئالاھىدىىكى(V1 ئۇلانمىدا R دولقۇن ئاساس ئېلېكتر ئوقى ئوڭىغا ئېغىش) ھەم سول يۈرەك قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭىيىشنىڭ سۈرەت ئالاھىدىلىكى تەڭ ئىپادىلىنىدۇ.

سول يۈرەك قىرىنچە قېلىنلاپ چوڭىيىشنىڭ ئېلېكترو كاردىئوگراممىدىكى ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە:

QRS ① دولقۇن توپىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى ئۆرلەيدۇ. كۆكرەك ئۇلانمىدىكى V5 ياكى V6 ئۇلانمىدا R دولقۇن 2.5MV تىن چوڭ بولىدۇ. (ئەرلەردە) ياكى 3.5MV تىن چوڭ بولىدۇ. (ئاياللاردا) مۆچە ئۇلانمىدىكى Ⅰ ئۇلانمىدا R دولقۇن 1.5MV تىن چوڭ، avL ئۇلانمىدا R دولقۇن 2.0mv تىن چوڭ بوڭلىدۇ ياكى Ⅰ ئۇلانمىدىكى R دولقۇن بىلەن Ⅲ ئۇلانمىدىكى S دولقۇننىڭ يىغىندىسى 2.5MV تىن چوڭ بولىدۇ.

② يۈرەك ئېلېكتر ئوقى سول تەرەپكە ئاغىدۇ.

QRS ③ دولقۇن توپىنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ 0.10 ~ 0.11 سېكۇنتقا يېتىدۇ. لېكىن 0.12 سېكۇنت كىچىك بولىدۇ.

R ④ دولقۇن ئاساس بولغان ئۇلانمىلاردا ST بۆلىكى تۆۋەنلەپ، 0.05mv تىن ئېشىپ كېتىدۇ. T دولقۇن پەس، قوش تەرەپلىمىلىك ياكى دۈم كۆمتۈرۈلگەن بولىدۇ. S دولقۇن ئاساس بولغان ئۇلانمىلاردا (مەسىلەن: V ئۇلانما) ئەكسىچە تىك كۆتۈرۈلگەن T دولقۇننى كۆرۈشكە بولىدۇ. QRS دولقۇن توپىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى ئۆرلەش بىلەن بىرگە ST-Tدا ئۆزگىرىش بولسا سول قىرىنچا قېلىنلاپ چوڭىيىش ھەم زەخمە يىيىش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئوڭ دالانچە قىلىنلاپ چوڭىيىشنىڭ ئېلېكتروكاردىئوگرامما ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە:

P دولقۇن ئىگىز ھەم ئۇچلۇق بولۇپ، 0.25mv تىن چوڭ بولىدۇ. avfⅢⅡ ئۇلانمىلاردا روشەن ئىپادىلىنىدۇ ھەم (ئۆپكە تىپلىق P دولقۇن) دەپ ئاتىلىدۇ.

سول دالانچە قىلىنلاپ چوڭىيىش: سول دالانچە كېيىن فوتوپسىزلانغاچقا ئەگەر سول دالانچە قىلىنلاپ چوڭايغان بولسا ئېلېكترو كاردىئوگراممىدىكى ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە:

avRⅡⅠ ① ئۇلانمىلاردا P دولقۇننىڭ كەڭلىكى 0.12 سېكۇنت كەڭ بولىدۇ. كۆپىنچە قوش چوققا تىپلىق بولۇپ، ئىككى چوقا ئارىلىقى 0.04 سېكۇنتتىن چوڭ بولىدۇ. avRⅡⅠ ئۇلانمىلاردا روشەن كۆرۈلىدۇ ھەم «ئىككى قاپقاق كلاپان تىپلىق P دولقۇن» دەپ ئاتىلىدۇ.

V1 ② ئۇلانمىدا P دولقۇن ئالدىدا مۇسبەت P دولقۇن ۋاقتىنى ئاملتودىسىغا كۆپەيتسەك P دولقۇننىڭ ئاخىرقى پوتىنسىئالى (Ptf) دەپ ئاتىلىدۇ. سول دالانچە قىلىنلاپ چوڭايغاندا V1 ئۇلانمىدىكى (≥ptf) سېكۇنت -0.04m.

ھەر ئىككى دالانچە قىلىنلاپ چوڭىيىش: ھەر ئىككى دالانچە قىلىنلاپ چوڭىيىشنىڭ ئېلېكترو كاردىئوگراممىدىكى ئىپادىسى.

P ① دولقۇن كەڭلىكى 0.12 سېكۇنتتىن چوڭ ئاملتودىسى 0.25mv تىن چوڭ بولىدۇ.

V1 ② ئۇلانمىدىكى P دولقۇن چوڭ ھەم قوش تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئامپلتودىسى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.

سول يۈرەك دالانچىسى قېلىنلاپ چوڭايغاندا،

≥PtfV1 سېكۇنت -0.04mm بولىدۇ. 

سول يۈرەك زەئىپلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سول قېرىنچە قېلىنلاپ چوڭىيىشتا:

QRS ① دولقۇنى توك بېسىمىدىكى ئۆزگىرىش. (ئەرلەردە) RV5+SV1)4mv، (ئاياللاردا) 3.5mV (RVs+SV1؛ R1)1.5mV؛ R1+SⅢ(2.5mV؛2mVcRAVz)1.؛ RaVR)2.0mV چوڭ بولىدۇ؛

QRS ② ئارىلىق ۋاتى ئۇزىراپ 0.01 دىن 0.11 سېكۇنتقىچە ياكى V5 تىكى T، A، V، 0.05 سېكۇنتتىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

③ يۈرەك ئېلېكتر  ئوقى سولغا سىلىجىيدۇ.

R ④ دولقۇن ئاساس بولغان ئۇلانمىلاردا ST ئوچاستىكىسى تۆۋەنلەيدۇ. S دولقۇن ئاساس بولغان ئۇلانمىلاردا ST ئوچاستىكىسى يۇقىرىلايدۇ.

V5 ⑤، V6 لاردىكى T دولقۇنى پاكارلىشىپ، قوش ئۆزگىرىشلىك (ئالدىنقى يېرىمى يۇقىرى كېيىنكى يېرىمى تۆۋەن ياكى ئالدىنقى يېرىمى تۆۋەن، كېيىنكى يېرىمى يۇقىرى) بولۇشى ياكى تەتۈر بولۇشى مۇمكىن. V1 ئۇلانمىدا تىك بولىدۇ.

ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئوڭ دالانچە چوڭىيىشىدا:

① ئۆلچەملىك ئۇلانما ۋە مۇچە ئۇلانمىسىدىكى P دولقۇنىنىڭ ئېلېكتر بېسىمى 0.25mV غا تەڭ ياكى چوڭ بولىدۇ.

② كۆكرەك ئۇلانمىسىدا V1 دىكى P دولقۇنىنىڭ يالاڭ يۆنىلىش توك بېسىمى 0.3mV غا تەڭ ياكى چوڭ، V3 دىن V5 گىچە بولغان ئۇلانمىلاردىكى P دولقۇننىڭ يالاڭ يۆنىلىش توك بېسىمى 0.15mV غا تەڭ ياكى چوڭ بولىدۇ.

③ ئۆپكە مەنبەلىك P دولقۇن كۆرۈلىدۇ. يەنى ئۆلچەملىك ئۇلانما ۋە مۇچە ئۇلانمىسىدىكى P دولقۇنىنىڭ توك بېسىمى 0.22mv غا تەڭ ياكى چوڭ بولۇپ، تار ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ. بۇ خىل p دولقۇن ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدۇ. Ⅰ، Ⅱ، Ⅲ، aVF، V1 پەردە ئېنىق كۆرۈلىدۇ. 

ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئوڭ قېرىنچە چوڭىيىشتا:

QRS ① دولقۇنىنىڭ ئېلېكتر بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.

RV1+SV5>1.2mv,RV1>1.0mv

V1R/S>1,V5R/S<1

R>Q ياكى RaVE>0.5mv

V1، V3 لاردىكى QRS دولقۇنى RS، R، PR ياكى rrSR1 شەكىللىرىدە بولۇشى مۇمكىن.

② ئېلېكتر ئوقى  ئوڭغا سىلجىغان بولۇپ +110° دىن ئاشىدۇ.

V1 ③ دىكى T، A، 0.03V سېكۇنتتىن چوڭ بولىدۇ.

V1 ④، V2 لەردىكى ST ئوچاستىكىسى تۆۋەنلەيدۇ.

V1 ⑤ دىكى T دولقۇنى تىك ياكى قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ.

يۈرەك ئوڭ ۋە سول قېرىنچىسى تەڭ قېلىنلاش.

① ئوڭ سول كۆكرەك ئۇلانمىلىرىدا ئوڭ ۋە سول يۈرەك قېرىنچىلىرى قېلىنلاش ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلىدۇ.

② يۈرەك سول قېرىنچىسىنىڭ قېلىنلاش ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ V5 تىكى R/S نىسبىتى 1 دىن كىچىك بولسا aVR دىكى R دولقۇنى Q دىن چوڭ بولىدۇ.

③ يۈرەك سول قېرىنچىسى قېلىنلىغان بولۇپ، ئېلېكتر ئوقىنىڭ ئوڭغا قېيىشى 90° دىن چوڭ بولىدۇ. 

بەزىدە ئوڭ سول قېرىنچا تەڭ قېلىنلىغاندا روشەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ

يۈرەك زەئىپلىكى ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.

1-دەرىجىلىك يۈرەك زەئىپلىكى: يېنىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ئالامەتلەر تىپىك بولمايدۇ. ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، چارچايدۇ، يۇرەك سالىدۇ، يۈرەك يەڭگىل دەرىجىدە چوڭىيىدۇ، بەدەندە روشەن قان قېيىش ئىپادىلىرى بولمايدۇ.

2-دەرىجىلىك يۈرەك زەئىپلىكى: ئارام ئالغاندا تىپىك ئىپادىلەر كۆرۈلمەيدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ھېرىپ چارچايدۇ ۋە يۈرەك سالىدۇ. يەڭگىل دەرىجىدە قان قېيىش ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەنكى مۆچە سۇلۇق ئىششىق شەكىللىنىدۇ، يۈرەك ئوتتۇرىھال دەرىجىدە چوڭىيىدۇ.

3-دەرىجىلىك يۈرەك زەئىپلىكى: ئارام ئالغاندىمۇ نەپەس قىيىنلىشىدۇ، يۈرەك سالىدۇ، ئۆپكىدىن خىرىپ ئاڭلىنىدۇ. جىگەر ئوتتۇرىھال دەرىجىدە چوڭىيىدۇ، تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ. يۈرەك ئېغىر دەرىجىدە چوڭىيىدۇ.

1. سول يۈرەك زەئىپلىكنى كانايچە زىققىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

كانايچە زىققىسىدىكى تۇتقاقلىق ياكى پەسىل خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش، زىيادە سېزىمچانلىق تارىخى بولۇش، ئۆپكە قىسمىدىن كانايچە سىپازما تاۋۇشى ئاڭلىنىش ئارقىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

جەدۋەل. يۈرەك مەنبەلىك زىققا بىلەن كانايچە زىققىسىنى پەرقلەندۈرۈش

يۈرەك مەنبەلىك زىققاكانايچە زىققىسى

كېسەللىك سەۋەبى سول يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورگان خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بولىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، رېماتىزم خاراكتېرلىك ئىككى قاپقاق كلاپان تارىيىش قاتارلىقلار.قىسمەن كېسەللەردە زىيادە سېزىمچانلىق كېسەللىك تارىخى بولىدۇ

كېسەللىك تارىخىبىرقەدەر قىسقا، ئېغىرلىرى كۆپىنچە قىسقا مەزگىل ئىچىدە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.ئۇزۇن، تەكرار قوزغايدۇ

ئالامىتىئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە كېچىسى قاتتىق ئۇخلىغاندىن كېيىن تاسادىپىي نەپەس قىيىنلىشىش قوزغاپ، ئولتۇرغاندىن كېيىن يېنىكلىشىدۇ.ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، باھار كۈز پەسلىدە كۆپ تۇتىدۇ. ئەمما ھەر قانداق چاغدا قوزغىشى مۇمكىن

بەدەن بەلگىسىيۈرەك سول تۆۋەنگە چوڭىيىدۇ. ئات چېپىش رىتىمى بولىدۇ، ئالماشقان تۆمۈر، ئۆپكە ئاستىدا ھول خىرىپ بولىدۇ.ئىككى ئۆپكىنىڭ ھەممە يېرىدە سۇناي تاۋۇشى بولىدۇ. يۈرەك نورمال بولىدۇ. ئەمما يۈرەك قېتىمى تېزلىشىدۇ

رېنتگېنلىق تەكشۈرۈشيۈرەك سول تۆۋەنگە قاراپ چوڭىيىدۇ، ئۆپكىگە قان قايىدۇيۈرەك نورمال، ئۆپكىگە قان قېيىش بولمايدۇ

2. ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىق بۆرەك مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۆرەك مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىقتىكى سۇلۇق ئىششىق دەسلەپتە قاپاقتا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىش، باسقاندا بېسىلىش، ئاسان ئەسلىگە قايتىش قاتارلىق ئالادىلىكلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكتىن كېلىپ چىققان يۈرەك قېپى سىرغىتمىلىك ياللۇغدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

يۈرەك قېپى ياللۇغىدىكى يۈرەك ھەرىكىتى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇشى چېگرىسى بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا ھەم يىراقتىن ئاڭلىنىش، تومۇر ھەرىكىتى غەلىتە بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

4. ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىدىن كېلىپ چىققان جىگەر چوڭىيىش جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى، جىگەر ياللۇغى ۋە باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر چوڭىيىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قاپلىق قۇرت ۋە جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر چوڭىيىشتا قاپلىق قۇرت كېسىلى ياكى جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. نەپەس يوللىرى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك زەئىپلەشكەندە ئۆپكىگە قان قېيىش بولغانلىقتىن كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ ياكى ئۆپكىدىكى قان تومۇرلار يېرىلىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

.2پۇت ۋېنالىرىدا قان نۇكچىسى شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئورۇن تۇتۇپ ياتقانلىقتىن ياكى يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ پۇت ۋېنالىرىدا قان نۇكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ نۇكچىلەر سۇيۇلۇپ چۈشسە ئۆپكە ئارتېرىيىلىرى ۋە مېڭە قان تومۇرىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

.3 يۈرەك مەنبەلىك جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوڭ يۈرەك زەئىپلەشكەندە ئۇزۇن مۇددەت جىگەرگە قان قېيىپ ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن جىگەر ھۈجەيرىلىرى نېكروزلىنىپ، تالالىشىپ، جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

.4  ئېلېكترولىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك زەئىپلەشكەندە بىمارلاردا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار كۆرۈلگەچكە ئېلېكترولىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

2. يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان تومۇرنى كېڭەيتىش، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. ئاندىن كېسەللىك سەۋەبى يوقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان تومۇرىنى كېڭەيتىش، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ھەيدەپ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئەرقى گاۋزىبان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100~80 مىللىلىتىردىن، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا  50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى سەندەل كۈندە ئىككى  قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئەرقى بادىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا100 مىللىلىتىردىن؛ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

گاۋزىبان250گرام، بادىرەنجى بۇيا 70 گرامدىن گاۋزىبان گۈلى20 گۈلى ئېلىپ ئىككى لىتىر سۇغا تۆت سائەت چىلاپ قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەر ۋە ھەسەلنى سېلىپ قىيام قىلىپ شەربەت تەييارلاپ، كۈندە ئىككىقېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بولىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىشىپ ياخشىلانغاندىن كېيىن تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، رەئىس ئەزا ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۇنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن؛ مۇپەررىھى ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئامىلە نۇشدارى لۆئلوۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، پاقلان گۆشى، كەكلىك گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، مائۇللەھمى، ئۈگرە، شويلا، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سېمىزئوت، چامغۇر، سەۋزە، ئالما، ئانار، ئەينۇلا قاتارلىقلار مىزاجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تاللاپ بېرىلىدۇ.

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاش، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق مۇھىتتا تۇرۇشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈش ۋە زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.[0]

4. يەڭگىل ھەرىكەت بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەنزىرىلىك جايلارنى سەيلە-ساياھەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش كېرەك.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=765

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#