چىڭسىخوزا بازىرى
چىڭسىخوزا بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى 312-دۆلەت يولى بىلەن 218-دۆلەت يولىنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىڭسىخوزا بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى 312-دۆلەت يولى بىلەن 218-دۆلەت يولىنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە بىرىنچى چوڭ بازار. ئومۇمىي كۆلىمى 185.2 كىۋادرات كىلومېتىر، قورغاس پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 28 كىلومېتىر.
ئومۇمىي نوپۇسى 100 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دائىملىق نوپۇس 57 مىڭ ئادەم، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 4 مەھەللە، 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى قارمىقىدىكى داڭلىق توققۇز شەھەرنىڭ بىرى بولغان جەندى شەھىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى.
تارىختا قەدىمكى يىپەك يولى شىمالىي يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان، دۆلەتنىڭ 500، ئاپتونوم رايوندىكى 20 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرىنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، كىچىك بازارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە رايونى، مەملىكەتلىك ئۇچقۇن، كىچىك شەھەر-بازار ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى، شىنجاڭنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش كۆزنىكى.
1984-يىلى، چىڭسىخوزا بازىرى قۇرۇلغان، قورغاس ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولغان.
1992-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن چىڭسىخوزا ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلغان.
2000-يىلى 10-ئايدا، دەرىجىسى ئۆسۈپ شىنجاڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى بولغان.
2007-يىلى، دۆلەتنىڭ ئۈچ مىنىستىرلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، چىڭسىخوزا ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ نامى «قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» غا ئۆزگەرتىلگەن.
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (چىڭسىخوزا يانداش كەسىپلەر سانائەت رايونى سەككىز كىۋادرات)، رايون خاراكتېرلىك سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
2013-يىلى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىغا ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق ياردەم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، يېزا-بازار ئەھۋالىنى ياخشىلىغان.
چىڭسىخوزا بازىرى بولسا بىر ئۈچ ئاچال ئېغىزى، غەربىي قورغاس چېگرا ئېغىزىغا، شەرقىي جەنۇبى غۇلجا شەھىرىگە، شەرقىي شىمالى ئۈرۈمچىگە بارغىلى بولىدۇ.
چىندىخوزا، شىنجاڭ ئىلى چېگراسىدىكى بىر كىچىك بازار، شۇ يەرلىك كىشىلەر دائىم ئۇنى سۈزۈك سۇ دەپ ئاتىغان.
شىمال تەرىپى ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرىدىغان غەربىي تەڭرىتاغ. بىر 312-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى كەڭسايدىن بۇ يەرگە كەلگەندە بۆلۈپ ئىككى بۆلەك بولغان، بىر بۆلىكى غەربكە قاراپ، 312-دۆلەت يولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى قورغاس چېگرا ئېغىزىغا تۇتاشقان، ئۇ يەردە يەنىلا تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس تاغ دەريا سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان قورغاس دەرياسى بار، يەنە بىرى، جەنۇبقا قاراپ، ئىلى نىڭ مەركىزى بولغان غۇلجا شەھىرى بىلەن تۇتاشقان، ئۇ يەردە مەشھۇر ئىلى دەريا جىلغىسى بار. شۇنىڭ بىلەن چىندىخوزا بولسا ئۈچ ئاچال ئېغىزىدىن پەيدا بولغان بىر بازار، بىر قاتناش تۈگۈنى بولۇش بىلەن بىرگە مەشھۇر بولغان ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي.
شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى قارمىقىدا 4 مەھەللە، 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، شەھەر غەربىي مەھەللە، شەھەر شەرقىي مەھەللە، شەھەر جەنۇبى مەھەللە، شەھەر شىمالىي مەھەللە، چىڭسىخوزا كەنتى، شەھەر غەربىي 1-كەنتى، شەھەر غەربىي 2-كەنتى، شەھەر غەربىي 3-كەنتى، كېڭەيتىش پونكىت كەنتى، غەربىي چازا كەنتى، ئەرگۇڭ كەنتى، ئەرداۋخوزا كەنتى، قوشئېرىق 1-كەنتى، قوشئېرىق 2-كەنتى، قوشئېرىق 3-كەنتى، سۈزۈكبۇلاق كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى، كۆكدالا دېھقانچىلىق كەنتى، كۆكدالا چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.