شايار كۆرپە تۇمىقى

شايار كۆرپە تۇمىقى

شايار كۆرپە تۇمىقى شايار قارا كۆل قويى پاقلىنىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن كۆركەم، چىداملىق، سىپتا بازارلىق مەھسۇلات.

ئۇيغۇرچە نامى شايار كۆرپە تۇمىقى
تۈرى باش كىيىمى
خەنزۇچە نامى 沙雅皮帽子
باشقا نامى شايار قارا كۆل كۆرپىسى تۇمىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا كۆل قويى پاقلىنىنىڭ تېرىسىدە تۇماق ۋە جۇۋا تىكىش-شايارلىقلارنىڭ كەشپىياتى. ئېلىمىز ھەم چەت ئەللەرگە داڭلىق خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە «تۇرپان ئۈزۈمى، قۇمۇل قوغۇنى، كۆسەن قويىنىڭ پاقلىنى بىر دەستە گۈل» دېگەن بايانلار بار.

شاياردا قارا كۆل قويى كۆپ بېقىلىدۇ. تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىق چارۋىچىلىق فېرمىسى قارا كۆل قويى باقمىچىلىق بازىسىدۇر. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شايار نىڭ تاللىققوتان كەنتى دە ئۆتكەن كېرەم ھاجى قارا كۆل قويى نىڭ سورتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، كۆپ كۈچ چىقىرىپ، قارا كۆل قويىنىڭ ئېسىل سورتىنى ساقلاپ قالغان.

1951-يىلى دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 160 تۇياق نەسىللىك قوي كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى قارا كۆل قويى بىلەن چېتىشتۇرۇپ، نەسلىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، قارا كۆل پاقلان تېرىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن.

شايار قارا كۆل كۆرپىسى تۇمىقى تۇغۇلغىنىغا 5-15 كۈن بولغان پاقلان تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. پاقلان كۆرپىلىرىنىڭ رەڭگى ئاق، قارا، جىگەررەڭ ۋە كۈلرەڭ بولۇپ، گۈل شەكلى ئۈنچە، دولقۇن، بەخمەل شەكلىدە بولىدۇ. بۇنداق پاقلان تېرىسىنىڭ شىلىمشىقلىقى كۈچلۈك، سىزىقلىرى ئېنىق بولۇپ، يۇمشاق، چىداملىق ۋە ئىسسىق ساقلاش جەھەتتە قىممەتلىك تېرە ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن تىكىلگەن تۇماقلار كۆركەم، چىداملىق، سىپتا بولۇپ، بازارلىق مەھسۇلاتتۇر.

شايار قارا كۆل قويى پاقلىنى تېرىسىدىن تۇماق تىكىش ھۈنىرى 2007-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرىگە، 2008-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#